قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېيىشلىك تائام ـــ ئۆپكە- ھېسىپ

2018-10-13 22:21:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭنىڭ ئۆپكە ـ ھېسىپىمۇ بىر خىل تېز تاماق بولۇپ، كوچا بويلىرىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇل ۋە كەچلىك بازارلاردىكى يايمىلاردىمۇ يېگىلى بولىدۇ. ئۆپكە ئادەتتە ھېسىپ، مىيەنجىن بىلەن بىر قازاندىن سۈزۈپ ئېلىنىپ، ئاندىن كىچىك پارچىلىنىپ، قاچىلارغا ئۇسىلىدۇ. ئۆپكە- ھېسىپ بىر خىل ئاساسلىق يېمەكلىك بولۇپ، پىشۇرۇلغان ئۆپكە- ھېسىپنىڭ رەڭگى دۈملەپ پىشۇرۇلغان ياڭيۇنىڭ رەڭگىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ھەر خىل خۇرۇچلار بىلەن تۈجۈپىلەپ تەييارلانغاچقا، ياڭيۇغا قارىغاندا تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ. ئۆپكە- ھېسىپنىڭ تەييارلىنىش جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ، ئادەتتە خېمىر يۇغۇرۇش، ئۆپكە قۇيۇش، پىشۇرۇشتەك جەريانلارغا جەمئىي بەش سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. قوينىڭ ئۆپكىسىنى قانسىرىتىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئۆپكىدىكى يۈرەك بىلەن ئۆپكىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككى توم قان تومۇرنى كېسىۋېتىمىز، ئاندىن ئۆپكىنى قانسىرىتىپ ئاپئاق ھالەتكە كەلتۈرىمىز. ئۆپكە قانسىرىغىچە، خىمىر يۇغۇرۇپ، خىمىرنى سۇغا سېلىپ توختىماي مىجىپ مىيەنجىن تەييارلايمىز، خېمىر تىرپىنى ئايرىۋالغاندىن كېيىن، مىيەنجىن تەييارلىغان سۇنى سەل قويۇپ قويۇپ سۈزۈلگەندىن كېيىن، زور مىقداردىكى سۈزۈك سۇنى تۆكۈۋېتىپ، تېگىدىكى سۇغا تۇز ۋە ماي قۇيۇپ توختىماي ئارلاشتۇرۇپ ئۇن بوتقىسى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئاندىن ئالاھىدە ياسالغان سايماننى ئۆپكە كانىيىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىپ بىلەن ئوراپ، تەييارلانغان ئۇن بوتقىسىنى قۇشۇق بىلەن ئۆپكىگە قۇيىمىز؛ ئۆپگە يوغىنىغاندا ئاندىن يىپ بىلەن كاناينى چىڭ چىگىۋېتىمىز. بۇ چاغدا ئۆپكىنىڭ ئىچى لىق تولۇپ، كىچىك شارغا ئوخشاپ قالىدۇ؛ ئاندىن قۇيۇلغان ھېسىپ، ئۆپكە ۋە ئازراق مۇچ تالقىنى ئارلاشتۇرۇلغان، يىپ بىلەن باغلانغان مىيەنجىننى چوڭ قازانغا سېلىپ پىشۇرىمىز. ھېسىپنىڭ يېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھېسىپنىڭ گۈرۈچى پىشاي دېگەندە، ھېسىپتىن بىر قانچە تۆشۈك ئېچىپ سۇ بىلەن يەلنى چىقىرىۋېتىمىز. ئۆپكە- ھېسىپ پىشقاندىن كېيىن، ئۆپكە، ھېسىپ، مىيەنجىن قاتارلىقلارنى قازاندىن سۈزۈۋېلىپ، كىچىكرەك قىلىپ پارچىلاپ، ئالاھىدە خۇرۇچلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقساقلا بولىدۇ. ئۆپكە- ھېسىپنىڭ تەمى ئۆزگىچە، مەززىلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېسىل تائاملىرىنىڭ بىرى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى