قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلىش

2018-10-14 19:37:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «تارىم» ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ رېجىسورى، ئارتىسى ئابدۇسالام سەنئەت نادىر ئەسەرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلىپ، سەھنىدە ئۆزىنىڭ ئاددىي- ساددىلىقى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇ قېتىرقىنىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، شىنجاڭغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى بەرپا قىلدى.
40 ياشقا كىرگەن ئابدۇسالامنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا سەنئەت جەھەتتە تالانتى بار ئىدى. 2014- يىلى ھەر تەرەپتىن تالانتلىق ئابدۇسالام ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن «تارىم» ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىدە خىزمەت قىلدى. خىزمەت جەريانىدا ئۇ «سەنئەت تۇرمۇشتىن كېلىدۇ» دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىيەت تىپىدىكى ئارتىس بولۇشقا تىرىشتى. ئابدۇسالامنىڭ تۈرتكىسىدە تىياتىرىدىن تارتىپ ئىتوت، قوشاق، تېز تېمپىغىچە ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ نومۇر شەكلى تەدرىجى بېيىدى. ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: ئارتىسلارنىڭ ۋەزىپىسى سەھنە ئارقىلىق سەنئەت نومۇرلىرىنى تاماشىبىنلارغا نامايەن قىلىش، نومۇرلار ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.  
نۇرغۇن كىشى سەھنە ئارقىلىق ئابدۇسالام بىلەن تونۇشىپلا قالماي، ئۇنىڭ ئورۇنلىغان نومۇرلىرى ئارقىلىق قىزغىن، ساددا شىنجاڭلىقلارنى ھەقىقىي چۈشەندى. ئۇ ئىجاد قىلغان «كەنتتە تۇرغان مەزگىلدىكى ھىكايە» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر ھازىرغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدا 60 مەيدان قويۇلدى. ئۇ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «يېزا چوڭ دۇنياسى- ئاقسۇغا سەپەر» ناملىق پىروگراممىسىنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ يەنە 2017- يىللىق مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىدە، «تيانشانغا مۇھەببەت» ناملىق ئىتوتتا «قۇربان» نىڭ رولىنى ئالدى. بۇ شىنجاڭنىڭ تىل تۈرىدىكى نومۇرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە تاللىنىشى. ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەدەنىيەت ئىشەنچىمنى چوقۇم چىڭىتىمەن. سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم.
ھەم ئەسكەر ھەم ئارتىس بولۇپ باققان ئابدۇسالام بۇ يىل يەنە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «تارىم» ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرى دۆڭقوتان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقلىق ھەمدە 1- شۇجىلىق سالاھىيىتى بىلەن بىر تەرەپتىن كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن يېزا ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھىس قىلدى.  
ئۇ كەنتتە تۇرۇش جەريانىدا ئىگە بولغان تەسىراتلىرىنى فىلىمگە سىڭدۈرۈپ دېھقانلار كەچلىك كۇرسىغا كىرگۈزۈپ، نومۇر شەكلىدە كەنت ئاھالىلىرىگە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش دەرسى ئۆتتى. ئۆزى ئىجاد قىلغان ھەم باش رول ئالغان ئىتوت «نامراتلارنى يۆلەش» نى يەنە بىر قېتىم يېزا سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى. ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: نامراتلارنى يۆلەشتە ئۇلارنىڭ ھەميانىنى تومپايتىپلا قالماي، ئۇلارنى ئەقىلي جەھەتتىنمۇ يۆلەپ، ئۇلارنى مەنىۋى ۋە ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش كېرەك.
ئابدۇسالام بۇ يىل كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن باشقا، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ ئىجاد قىلغان ئىككى سەھنە ئەسىرى يەنى كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «كەنتىمىزدىكى ئىشلار» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «توغراق مېھرى» نى قايتا كۆرۈپ مەزمۇنىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پىلانلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كەنتتە تۇرۇش مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر قېتىملىق ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشنىڭ تېخىمۇ ياخشى پۇرسىتى. بۇ جەرياندا مەن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، تۇرمۇشقا ۋە ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن. ياخشى ئەسەرلىرىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى، شىنجاڭغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى