قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى ئېچىلىشى بىلەنلا نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى

2018-10-14 19:49:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:   
جۇڭگودىكى35-، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى ـــ كۆكتوقاي دۇنيا گېئولوگىيە باغچىسى مۇشۇ ئاينىڭ10- كۈنى كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرىدىكى ئاساسىي ئابىدە مەيدانىدا رەسمىي ۋېۋىسكا ئېسىپ ئېچىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىلگىرىكى كان شەھىرى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كېلىدىغان «بايلىق ماكانى» غا ئايلاندى.
سانائەت كان رايونى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى كۆكتوقاي بازىرىغا بارغاندا، يولدىن باشقا ھەممە يەر ياپيېشىل چىملىق بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك كىنگو دەرىخى ۋە ستېرگۈل دەرىخى كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. باغچىدا ئاھالىلەرنىڭ شۇنچىلىك راھەت سەيلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئىلگىرىكى كان قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايون بۈگۈنكى كۈندە گۈزەل شەھەرگە ئايلاندى. بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن ۋاڭ گۈيئەن ئىلگىرىكى كان رايونىنىڭ گۈزەل تەرەققىياتىغا شاھىد بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قار ياغسا قار توشۇيتۇق، قار ئېرىسە كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرەتتۇق، سۇ تۇرۇبىلىرى توڭلاپ قالسا يەنە دەريا توسمىسىغا بېرىپ سۇ ئەكىلەتتۇق. ھازىر بۇ يەر ساياھەت تەرەققىيات رايونى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ.
كۆكتوقاي بازىرى ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللارغا تايىنىپ تەرەققىي قىلغان ئۆزگىچە سانائەت كىچىك بازىرى. بۇ يەردە دۇنياغا مەشھۇر «3- نومۇرلۇق» كان تومۇرى بولۇپ، ئۇ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئاز ئۇچرايدىغان مېتال «تەبىئىي كۆرگەزمە سارىيى» غا ئايلاندى. كونا زاۋۇت ئۆيى، كونا ئۈسكۈنىلەر، يەر ئاستىدىكى 200 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا بۇ كىچىك بازارنىڭ قىزىل روھى بايان قىلىنىپ تۇرماقتا. كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا. بېيجىڭلىق ساياھەتچى جۇ خوڭگې 3- نومۇرلۇق كان تومۇرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يەرگە كېلىپ كان ئۆڭكۈرلىرىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم. ۋەتەنگە ئۈن- تىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان كىشىلەرنى كۆردۈم، ئۇلار ھۆرمىتىىزگە سازاۋەر بولۇشقا مۇناسسىپ كىشىلەر.
مۇشۇ ئاينىڭ10- كۈنى كۆكتوقاي دۇنيا گىئولوگىيە باغچىسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كىچىك بازارنىڭ داڭقى ۋە ساياھەت داڭلىق ماركىسى قايتىدىن تونۇلۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. كۆكتوقاي بازىرىمۇ شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ «گۆھەر ماكانى» غا ئايلاندى.
كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرىدىكى «كونا ياغاچ كۆۋرۈك» تە ھەر كۈنى كەچتە ئېچىلىدىغان كەچلىك بازاردىكى كاۋاپ، بېلىق كاۋىپى قاتارلىق ھەر خىل ئېسىل تائاملار ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. كاۋاپچى ئۆمەر مۇنداق دېدى: ھازىر سىياسەت ياخشى، ساياھەتچىلەرمۇ كۆپ، بىر كۈندە5، 6 يۈز ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىمىز. كىرىمىمىز ئاشقانسېرى تۇرمۇشىمىزمۇ كۆڭۈللۈك بولىۋاتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۆكتوقاي كان رايونىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى يەنىمۇ مۇكەممەللىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلىنىپ، 4 مىڭدىن كۆپرەك ئاھالە بۇنىڭدىن بىۋاستە نەپكە ئېرىشتى. ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ساياھەت كەسپىگە تايىنىپ بېيىش ئىشەنچىسىمۇ ئۈزۈكسىز ئاشتى. كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: سەھراھ ئارامگاھى، ئاۋۇل ئارامگاھى، ئائىلىۋىي ياتاقلار ئېچىلىپ، ئاھالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاشتى. ساياھەت كىچىك بازىرىنىڭ دەسلەپكى شەكلىمۇ تەدرىجىي بەرپا قىلىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ساياھەتچىلىككە تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى