قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چۆلدە قەد كۆتۈرگەن «يېشىل سەددىچىن سېپىلى»

2018-10-14 22:38:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

— ئاقسۇ كۆكيار چۆللۈكنى كۆكەرتىش خاتىرىسى (2)
مۇخبىرلىرىمىز سۈي يۈنيەن، ليۇ دۇڭلەي، جاڭ خەيفېڭ

 ئاقسۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى ئاقسۇ شەھەر رايونىنىڭ يېڭى «يېشىل ئۆپكىسى»گە ئايلاندى

(9- ئاينىڭ 26- كۈنى تارتىلغان.)(مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)


كۆكياردىكى چەكسىز ئورمانلىقتا تۇرغاندا، كىشىلەر 32 يىل ئىلگىرى بۇ جاينىڭ سېرىق قۇم كۈن نۇرىنى توسۇۋالىدىغان بىر پارچە قاقاسلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» چۆل- جەزىرىدە قەد كۆتۈرۈپ، بۇرۇنقى «قۇم- بوران مەنبەسى» «يېشىل بايلىق كانى»غا ئايلىنىپ، چەكسىز ئۈمىد تۇغدۇرماقتا. 

 1986- يىلىدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى شاخ- يوپۇرماقلىرى شالاڭ كۆچەتلەرنى تۇنجى تىككەندىن باشلاپ، بۈگۈنكى كۈندە كۆكيار كەڭ كەتكەن چەكسىز ئورمانلىق، ئۆركەشلىگەن يېشىل دولقۇنغا ئايلاندى. 32 يىل قىش كېتىپ، ياز كېلىپ، ئاقسۇلۇقلار بۇ ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، چۆللىشىشنى تىزگىنلەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيەسى ناچار تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىدا 1 مىليون 153 مىڭ مو ئورمان بىنا قىلىپ، يېشىللىق مۆجىزىسى ياراتتى. بۇ يەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇھىت بايلىقىنى قوغداش كومىتېتى تەرىپىدىن «يەر شارىدىكى 500 گۈزەل مۇھىت»نىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 

 ئىلگىرىكى «قارا بوران چىقىپ باھار تۈسىنى يوقىتىش»تىن ھەممە جايدا «تۈمەن چاقىرىملىق سۇلۇق شاپتۇللۇق، ئۆرۈكلۈك باغ» بولۇشقىچە، بۇنداق كۈچلۈك پەرق كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ. جاھاننى ھەيران قالدۇرغۇدەك زادى قانداق زور كۈچ، قانداق كۈرەش قىلىش روھى بۇ خىل يېشىللىق مۆجىزىسىنى ۋۇجۇدقا چىقاردى؟ 

 باش شۇجى شى جىنپىڭ قايتا- قايتا مۇنداق تەكىتلىگەنىدى: «پەقەت توغرا يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىپ، يىلنى- يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرغاندا، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ». ھەقىقەتەن شۇنداق، 32 يىللىق «يېشىللىق ئۇزۇن سەپىرى»دە، ئاقسۇلۇقلار دولقۇنلىغان چەكسىز ئورمانلىق ئارقىلىق كۆكيار روھىنى ياراتتى. 

 ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش 

 تىنچ تۇرغاندا، چەك- چېگراسى ئېنىق ئايرىلغان سېرىق رەڭ بىلەن يېشىل رەڭ بىر خىل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، لېكىن قارا بوراننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا سېرىق رەڭ رەھىمسىزلىك بىلەن پۈتۈن يېشىل رەڭگە ھۇجۇم قىلىدۇ، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق بوستانلىقلارنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيانقى قىسمىتى. «كۆكيار» ئۇيغۇر تىلىدا «يېشىل قىيا» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان، بۇ پارچە قەدىمىي چۆل- جەزىرىدە جىلغىلار گىرەلەشكەن، شورلۇقلار سوزۇلۇپ ياتقان بولۇپ، ئۇ ئىككى ناھىيە(شەھەر)نىڭ بىۋاسىتە قۇم- بوران مەنبەسى ئىدى. چوڭ كۆلەمدە كۆكەرتىشنى قانات يايدۇرۇشتىن بۇرۇن، بۇ يەردە دائىم سېرىق قۇم يامراپ، چاڭ- توزان كۈن نۇرىنى توسۇۋالاتتى، كۈندۈزىمۇ ئۆيگە چىراغ ياقىدىغان ھاۋارايى بىر يىلدا 100 كۈندىن ئېشىپ كېتەتتى. 

 كىشىلەر چىڭ سۇلالىسىدىن باشلاپلا كۆكيارنى كۆكەرتىشكە ئۇرۇنغان، ئەمما ھەممىسىلا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى، تېخنىكا سەۋىيەسى قاتارلىق شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولغان. 

 خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى پارتىيەنىڭ كۈرەش نىشانىدۇر. 1986- يىلى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە كۆكيارنىڭ ئېكولوگىيەلىك كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى رەسمىي باشلىدى. 

 ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن، قەدەملەر تېخىمۇ قەتئىي تاشلاندى. 9- ئاينىڭ 23- كۈنى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شيې فۇپىڭ شۇ چاغدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى مۈشكۈل مۇساپىنى ئەسلىدى: 

 «ئىھاتە ئورمان بەلبېغى قۇرۇشتا ئەڭ ئاچقۇچلۇقى كۆكەرتىشكە ئىشلىتىدىغان سۇ بولۇپ، بىز ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىنقىلاب ئۆستىڭىدىن كۆكيارغا سۇ باشلاپ كەلدۇق». سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى لىنىيەسى يەر شەكلىنىڭ ئېگىز- پەسلىك پەرقى چوڭ، كەلكۈن ئېرىقلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن، تىزغا كېلىدىغان توپىلىق بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. كىشىلەر توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ماتېرىيال توشۇدى، ئېشەك ھارۋىلىرى بىلەن سۇ ئەكەلدى... شۇنداق قىلىپ ئۆستەڭ ياساپ سۇ باشلاپ كېلىشتىن ئىبارەت بۇ «قاتتىق سۆڭەك» مەسىلىسى ھەل قىلىندى. 

 «نۇرغۇن جايلاردا تۇپراق قېتىشىۋالغان، توپا سۈپىتى قاتتىق بولۇپ، جوتۇ بىلەن كۈچەپ ئۇرسىڭىز بىر كىچىك ئاق چېكىتلا پەيدا بولاتتى، قېزىش ماشىنىسىمۇ ئامالسىز ئىدى». تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر يەرنى تۈزلەشكە پائال قاتنىشىپ، پارتلىتىش ئارقىلىق توپىنى بوشاتتى، كادىرلار، ئامما، ئوقۇغۇچىلار ئوزۇق- تۈلۈكنى ئۆزلىرى ئەكىلىپ، كۆكيار قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە داغدۇغىلىق ئاتلاندى... نەچچە يۈز كەلكۈن ئېرىقى تىندۇرۇلدى. 

 «تۇپراق تەركىبىدىكى شور مىقدارى زىيادە يۇقىرى بولغاچقا، تىككەن كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش- تۇتماسلىقى بىر مەسىلە ئىدى». كىشىلەر چوڭقۇر ئورەك كولاپ، ئۆستەڭنىڭ ئاستىدىن ئۈچ قاتلامغا بۆلۈپ، نۆۋەت بويىچە كۈچ ئۇلاپ يۇقىرىغا توپا توشۇدى، ئاندىن سۇ قويۇپ شورنى ئېقىتتى... تۇپراقنىڭ تەركىبىدىكى شور مىقدارى %0.8نىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈرۈلدى، كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى %87كە يەتكۈزۈلۈپ، دۆلەت قۇرۇلۇشىنىڭ ئورمان بەرپا قىلىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتتى. 

 «پەقەت ئەتىيازدىلا كۆچەت تىككەندە، زور كۆلەملىك كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش قەدىمىگە يېتىشكىلى بولمايتتى، بىز 1987- يىلى كۈزدە كۆچەت تىكىشنى سىنىدۇق». كىشىلەر ئاينىغان كۆچەتلەرنى تاللاپ، كۆچەتنىڭ ئۇچىنى كېسىۋېتىپ لىڭشىشىنى ئازايتتى، باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى... ئىككىنچى يىلى كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %90تىن يۇقىرى بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پەسىلدە ئورمان بىنا قىلىش پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئومۇملاشتۇرۇلۇپ كېڭەيتىلدى. 

 ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بىرىنچى تۈپ كۆچەت تىكىلگەندىن باشلاپ، ھەر نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك پارتكوم بەنزىسى بىر نۆۋەتنى بىر نۆۋەتكە ئۇلاپ ئىشلەپ، يېشىللىق ئۈمىدىنى ئۈزلۈكسىز تارقاتتى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇلۇپ، «سىياسەتنى يولغا قويۇشتا، داۋاملاشتۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم» دېگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈلگىسى قالدۇرۇلدى. 

 كۆكيار خاتىرە سارىيىدىكى 1985- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە بولغان كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ يىراقتىن سېزىش تەسۋىرى چۈشۈرۈلگەن تۆت پارچە ئومۇمىي كۆرۈنۈش خەرىتىسىدە، يەردىكى سېرىق، يېشىل رەڭنىڭ ئازىيىش- كۆپىيىشى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بۈگۈنكى كۈندە چۆلدە «يېشىل سەددىچىن سېپىلى» قەد كۆتۈردى، ئۇ، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقىچە ئاقسۇ شەھىرى ۋە ئونسۇ ناھىيەسى رايونىنى ئايلىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان مېلودىيەنى ياڭراتماقتا.  

تارىخنىڭ زور ئېقىمى ئۈزلۈكسىز ئالغا مەۋج ئۇردى، نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش شارائىتى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە كۆزنەك مەزگىلىگە يېتىپ كەلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن ئاقسۇنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىمۇ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولدى. 

 كۆكياردىن ئىبارەت بۇ مەنبەدىن باشلاپ ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇلغان ئاقسۇ دەرياسى ۋادىسى، ئۆگەن دەرياسى ۋادىسىنى تۈزەش ھەم كوڭتەيلىك چۆللۈكىنى كۆكەرتىش ئۈچ «مىليون مو»لۇق قۇرۇلۇشىغىچە، يەنە تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، «ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى» 5- قارارلىق قۇرۇلۇشى، سۇلۇق يەرنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش، شەھەرلەرنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتى يەككە ھالدىكى كۆكەرتىشتىن ئومۇميۈزلۈك ئېكولوگىيەلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش- ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان ھالقىشنى تاماملىدى. 

 ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەش 

 ئەۋلادلارغا كۆك ئاسماندا ئاپئاق بۇلۇتلار لەيلەپ، سانسىز يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان، سۈزۈك سۇلار ئېقىپ، قىرغاقلار يېشىللىققا پۈركىنىپ، بېلىقلار بەخىرامان ئۈزۈپ يۈرۈيدىغان مۇشۇنداق بىر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يارىتىپ بېرىش ۋە قالدۇرۇش ئاقسۇلۇقلارنىڭ ئاددىي ئارزۇسى، تېخىمۇ مۇھىمى باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.  تۆت قارارلىق كۆكيار قۇرۇلۇشىدا جەمئىي 54 قېتىم بىرلەشمە جەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، 4 مىليون ئادەم(قېتىم) مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە قاتناشتى. 32 يىل ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاقسۇلۇقلار «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، خالىس تۆھپە قوشۇش»تەك كۆكيار روھىنى شەكىللەندۈردى. 

 قاقاس چۆللۈكتە گۈرجەك تۇتقۇچىلار كېلىپ- كېتىپ تۇردى، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى ئۈن- تىنسىز، نامسىز ئىشلىدى، ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلەش روھى ئالتۇن كەبى جۇغلاندى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ باشلىقى غۇلامجان رېھىم مۇنداق دېدى: كۆكيارنى كۆكەرتىش ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرى، يەرلىكتىكى كادىرلار، ئامما، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا كەلگەن باغۋەنلەر، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، مەركەز كارخانىلىرى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى كارخانىلارنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى ھەم كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. كۆكيار قۇرۇلۇشى، كۆكيار روھى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى، پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنىڭ نەچچە ئەۋلاد ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا گۇۋاھ بولدى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى نامايان قىلدى. 

 1986- يىلى غۇلامجان 16 ياشتا بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، بۇ ئۆسمۈر ھەر يىلى مۇقىم ۋاقىتتا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ئىككى سائەت پىيادە مېڭىپ چۆل- جەزىرىگە بېرىپ كۆچەت تىكەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بوۋام، مومام ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرى قازانئاسما كەنتىدە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، «قازانئاسما» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى «قازان ئاسماسلىق» بولۇپ، بۇ جايدا قۇم- بوران ھەر ۋاقىت ئۇشتۇمتۇت چىقىپ تۇرغاچقا تاماق ئەتكىلى ئەسلا بولمايتتى. 

 غۇلامجان مۇنداق دېدى: شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە ھەممىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى- كەينىگە كۆچەت تىكىدىغان ئەنئەنىسى بار ئىدى، بىراق نەچچە ئەۋلاد كۆچەت تىككەن بولسىمۇ، يەنىلا قۇم- بوران پاراكەندە قىلاتتى. ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئەينى ۋاقىتتا يۇرتىنىڭ راستىنلا ئورمانلىققا، ئۆزىنى بېيىتىدىغان مېۋىزارلىققا ئايلىنىشىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى. كومپارتىيە بولمىسا، سوتسىيالىزم تۈزۈمى بولمىسا، ئارزۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولسۇن! 

 پۇقرالارنىڭ ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كىشىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. 

 ئونسۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دېڭ خاۋغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر بىر ئەۋلاد ئورمان بىنا قىلغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بۇرچى ۋە ئوخشىمىغان مەسئۇلىيىتى بار. بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن دېڭ خاۋ «2- ئەۋلاد ئورمانچى»، توققۇز يېشىدا ئاتا- ئانىسى بىلەن بىللە خۇنەندىن كۆكيار قۇرۇلۇش ئورنىغا كەلگەن، ئاتا- ئانىسى باغۋەن ئىدى، لېكىن ئۇ داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ، كۆكيار ئورمان باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ تېخنىكى بولدى. 

 2006- يىلى، ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار قۇرۇلۇشىدىكى 100 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيە باغچىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، دېڭ خاۋ چۆل- جەزىرىدە ئۈچ يىل تۇردى، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا چېدىر ۋە گەمىدە تۇردى. شۇ يىلى يازدا، ئۇ ئەگرى- توقاي يولدا موتوسىكلىت مىنگەندە يىقىلىپ كەتتى، كۆز قىسمىنى 20 نەچچە يىپ تىككەندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. 

 2007- يىلى 4- ئاينىڭ 9- كۈنى چوڭ قىزى تۇغۇلغاندا، دېڭ خاۋ دوختۇرخانىدا خوتۇنى بىلەن قىزىغا بىر كېچە ھەمراھ بولۇپلا يەنە باغقا قايتىپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، يەنە بىر قېتىم ئۆيىگە قايتقىنىدا، قىزى بىر ئايلىق بولغانىدى. دېڭ خاۋ مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا، %70تىن ئارتۇق مېۋىلىك دەرەخكە ئېغىر ئۈششۈك تەگكەنىدى، بىز ئاز ئۇچرايدىغان ئۈششۈك ھاۋارايىغا تاقابىل تۇردۇق، بۈگۈنكى كۈندە ئېرىشكەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش، مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىكنىڭ نەتىجىسى. 

 ئاپەتنىڭ قىستىشى ئاستىدا، ئورمانچىلىق تارماقلىرى كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ياۋا چىلاننى بىۋاسىتە تېرىپ باغ بەرپا قىلىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇپ، تۆۋەن تەننەرخ، يۇقىرى ئەي بولۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مىڭ يىللاردىن بۇيانقى چىلان تېرىش ئەنئەنىسىنى ئۆزگەرتتى، يەنە ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ چىلاننىڭ مو بېشى ھوسۇلىنى 100 كىلوگىرامغىمۇ يەتمەسلىكتىن 400 كىلوگىرامغا يەتكۈزدى، چىلان شۇنىڭدىن كېيىن ئونسۇ باغۋەنلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم دەرەخ تۈرىگە ئايلاندى.

  يېڭى دەۋر ئورمانچىلىرىنىڭ زىممىسىدىكى ئېغىر ۋەزىپە باغۋەنچىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش. دۆلەت ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئاپتونوم رايون باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، سانسىزلىغان «دېڭ خاۋ»لار ئېتىز- ئېرىقلاردا ئالدىراش ئىشلىمەكتە. 

 بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ  

ھازىرقى ئاقسۇدا شەھەر ئورمانلىق ئىچىدە، سۇ شەھەر ئىچىدە، ئادەم باغ ئىچىدە. شەھەر ئاھالىسى ئىپتىخارلانغان ھالدا سىرتتىكى دوستلىرىغا يېشىللىققا پۈركەنگەن، قۇشلار سايرىشىپ تۇرغان، گۈللەر خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغان ئىستىراھەت ئورۇنلىرىنى كۆرسەتمەكتە. سۇلۇق يەر باغچىسى، ئورمان باغچىسى، دولان دەرياسى مەنزىرە بەلبېغىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، شەھەردە يېشىللىق كىچىك مەيدانلىرى قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. 

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاقسۇ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، سىستېمىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، ئېكولوگىيەسى گۈزەللەشتى، باغۋەنلىرى بېيىدى، ئەلرايى مۇجەسسەملەندى. 

 بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن. 

 1987- يىلى، كۆكيار 1- قارارلىق قۇرۇلۇشىدا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى چىقىرىلىپ، دېھقانلار باغلارنى ھۆددىگە ئېلىشقا جەلپ قىلىندى، ئابلەت مەمەتنىياز ئائىلىسىدىكى توققۇز جاننى ئەگەشتۈرۈپ، ئونسۇ ناھىيەسىدىن كۆكيارغا كەلگەندە، ئەڭ چوڭ بالىسى سەككىز ياش، ئەڭ كىچىك بالىسى ئاران ئىككى ياشتا ئىدى. ئۇ ھازىر 78 ياشتا بولۇپ، بالىلىرى دادىسىنىڭ ئورنىدا باغنى باشقۇرۇۋاتىدۇ.  

«ئەينى يىلى بۇ يەرگە كېلىپ قارايدىغان بولسا ھېچنېمە يوق ئىدى!» ئابلەت مېۋىلەر بىلەن تولغان باغ ئىچىدە قولى بىلەن چەمبەر سىزدى، «سىلەر ھازىر كۆرۈۋاتقان يەرنىڭ ھەممىسى بىر پارچە سېرىق يەر ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ كۆڭلۈم سوۋۇپ كەتكەنىدى. ئەمما نەچچە ئون مىڭلىغان كىشى ئۇ يەردە كۆچەت تىكتى، ئۇلار ھەتتا باشلىقلارمۇ كۆچەت تىكىۋاتقان تۇرسا، دېدى. كۆچەت تىكىلگەنىكەن باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك، مەن ئۇزاق ئويلاندىم، بۇنچە كۆپ ئادەم كۆچەت تىكىۋاتقان تۇرسا، بۇ ئىش چوقۇم مەغلۇپ بولمايدۇ، دەپ ئويلىدىم، شۇڭا 26 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئالما كۆچىتى، ئۆرۈك كۆچىتى تىكتىم، قوغۇن- تاۋۇز، كۆكتات تېرىدىم، تۈرى ناھايىتى كۆپ ئىدى، ئەمما ئەڭ ياخشى ئۆسكىنى ئالما كۆچىتى بىلەن قوغۇن- تاۋۇز بولدى». 

 «ئۇ ۋاقىتلار بەك جاپالىق ئىدى، بالىلىرىمنىڭ ھەممىسى توپىغا مىلىنىپ چوڭ بولدى. خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز چېلەكنى كۆتۈرۈپ، بىر ئورەك بىر ئورەكتىن سۇغىراتتۇق، سۇنى ئازراق ئىسراپ قىلىشقىمۇ پېتىنالمايتتۇق. مەن توختام تۈزگەنىدىم، كۆچەتلىرىم ئەي بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ۋاقتىنچە جاپا تارتساقمۇ، كېيىن كۆكەرسە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىدىم، ئابلەت سەن غەيرەت قىلىشىڭ كېرەك، يەنە ئازراق غەيرەت قىل، دەپ ئالدىمغا قاراپ مېڭىشقا ئۆزۈمنى بەزلىدىم». سۆزلەۋېتىپ تۇيۇقسىز بوۋاينىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرى ئېچىلىشقا باشلىدى، «ئەمما مەن بۇنچىلىك ياخشى بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. ئۆيۈمنىڭ ئەتراپى خۇددى مەن كىنو كۆرۈۋاتقاندەكلا يىلدىن- يىلغا كۆكەردى. ئىلگىرى بۇ يەرلەر كۆرۈنۈشكە ناھايىتى يىراق بولۇپ، ھەممىسىلا سېرىق رەڭدە ئىدى، كۆچەتلەر ئاستا- ئاستا ئۆسكەندىن كېيىن، قاراشقا يىراق كۆرۈنمەيدىغان بولدى، ھەممە يەر يېشىللىق بىلەن قاپلاندى». 

 قارىسىلا تاغنى كۆرگىلى بولغاندا، نەزەر سالسىلا سۇنى كۆرگىلى بولغاندا، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە تۇتقىلى بولىدۇ. 32 يىلدىن بۇيان، كۆكيار روھى ئاقسۇلۇقلارنىڭ قېنىغا ۋە روھىغا سىڭىپ كەتتى، پەقەت جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان جۈرئەت بولسىلا، ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئارزۇ يوق. ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا يولۇققاندا كۆپچىلىك مۇنداق دەيدۇ: ئەينى يىلى كۆكيار 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى شۇنچە تەس بولسىمۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ كەلدۇق، بىز دۇچ كېلىۋاتقان بۇ مەسىلە ئۇنىڭ ئالدىدا قانچىلىك ئىش ئىدى؟ 

 1988- يىلى تۇنجى قېتىم كۆكيار قۇرۇلۇشىغا قاتناشقاندىن باشلاپ، چېن شىچۇ قانداق قىلىپ ئەمگەك ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلايدىغان بولدى. «كۆكيار قۇرۇلۇشى دەسلەپ باشلانغاندا ساندۇقى ئاغدۇرۇلىدىغان كوزۇپلۇق ئاپتوموبىل يوق ئىدى، شۇڭا مەن تۇنجى سۇيۇق بېسىملىق ئاپتوماتىك يۈك چۈشۈرۈش تىراكتورىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ چىقتىم». 53 ياشلىق چېن شىچۇ ھازىر ئاقسۇ ۋاڭگو يۇقىرى پەن- تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق كەشپىياتى باغۋەنچىلىكنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغانىدى. 

 2008- يىلى، دەل مېۋىلىك دەرەخنى چاڭلاشتۇرۇش ماشىنىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن باغۋەنلەر موي قەلەمنى گۈل چېڭىغا تەگكۈزۈپ بىرمۇبىر چاڭلاشتۇرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. 2017- يىلى تەتقىق قىلىپ ياسىغان مېۋە شاخلىرىنى ئېزىش ماشىنىسى قىرقىلغان مېۋىلىك دەرەخ شاخلىرىنى ئېزىپ ئېتىزغا قايتۇرۇپ، تۇپراقنىڭ ئورگانىك تەركىبىنى ئاشۇرۇپ، تۇپراق مۇھىتىنى ياخشىلىدى.

  ھەر قېتىملىق تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كېڭەيتىش ئىنتايىن جاپالىق ئىدى، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇلسىلا باغۋەنچىلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغما ھالەت مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلاتتى. «بۇ يولدا مەن 30 يىل ماڭدىم، ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن. پەن- تېخنىكا مېنى نەپكە ئېرىشتۈردى، باغۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى» دېدى چېن شىچۇ. 

 2006- يىلى، زېڭ شياڭئې ئاقسۇ ئالمىسىنى تۇنجى قېتىم يېدى. «بۇ يەردە قانداقسىگە بۇنداق يېيىشلىك ئالما ئۆسكەندۇ!» ئەينى ۋاقىتتىكى بۇ شاڭخەيلىك ئاق ياقىلىق ئاشۇ تاتلىق تەمنى ئېسىدىن چىقارمىدى.  بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ ھۇزۇر مەنزىرىلىرىنى لايىھەلەش خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئاقسۇغا كېلىپ باغ ھۆددىگە ئالدى. 2012- يىلى، ئۇ يەنە 800 مو كېۋەزلىكنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئالما كۆچىتى تىكىشنى ئويلىدى. لېكىن زېڭ شياڭئې كېۋەزلىكنىڭ ئالما كۆچىتى تىكىشكە ئەسلا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، ئېتىزغا سالغان 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلىغىنىڭ دىرىنىمۇ قايتۇرۇۋالالمىدى. 

 نابۇت بولسا، قايتا تىكىمەن! ئۇ چىشىنى چىشلەپ شاڭخەيدىكى ئۈچ يۈرۈش ئۆيىنى سېتىۋېتىپ، مەبلەغنى يەرنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى. تاماق يېيىش، ئۇخلاشتىن باشقا بارلىق ۋاقتىنى مېۋە كۆچەتلىرىنى پەرۋىش قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى، ئۈزلۈكسىز ھالدا باغۋەنلەردىن، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تېخنىكلىرىدىن، دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى... 

 11 يىل ئۆتۈپ كەتتى، «زېڭزېڭ بېغى»دىكى ئورگانىك مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ نامى يىراقلارغا تارقالدى، «بىز ئۆستۈرگەن قىزىل ئەتلىك ئالما ۋە قىزىل ئالۇچا كەڭ كۆلەمدە بازارغا سېلىندى، سېتىلىش سوممىسىنىڭ 20 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق، تارتقان جاپايىمىزنىڭ راھىتىنى كۆرىدىغان چاغ كەلدى!» دېدى زېڭ شياڭئې. 

 زېڭ شياڭئېنىڭ مېۋىلىك كۆچەت ئاستىدىكى خۇش تەبەسسۇمى كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. كىشى مەڭگۈ ئۆزى ئۈچۈن يۇرت تاللىيالمايدۇ، ئەمما شۇ يۇرتىدا قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تاللىيالايدۇ. تەبىئەت ئاقسۇغا ئوڭ كۆزى بىلەن قارىمىدى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئۇ قۇملۇقتىكى قۇم- بوران ۋە قاقاس چۆللۈكنى شەپقەتسىزلىك بىلەن بۇ زېمىنغا تاشلاپ قويدى. ئەمما 32 يىل مابەينىدە، ئاقسۇلۇقلار ئارزۇسىنى موي قەلەم قىلىپ، ئىككى پۇتىدا سىياھ كۈيىسىنى ئېزىپ، ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق موي قەلەمنى تۇتۇپ، قەدىمىي چۆللۈكتە «ئائىلە» دېگەن يېشىل رەڭلىك چوڭ خەتنى دەبدەبىلىك يېزىپ چىقتى!
 
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى