قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 سانجى شەھىرىدىكى «يۈن» قورۇقىنىڭ گۈزەل سەھرا مەنزىرىسى ۋە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

2018-10-15 11:45:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئالتۇن كۈزدە، سانجى شەھىرىدىكى «يۈن» قورۇقىنىڭ گۈزەل سەھرا مەنزىرىسى ۋە مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا، سانجى شەھىرى ئەرليۇگۇڭ بازىرى خوڭشىڭ كەنتىدىكى «يۈن» قورۇقى ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى. ئۇلار ياخشى ھاۋادىن پايدىلىنىپ، بۇ يەردە سەيلە قىلىش ئۈچۈن كىلىشكەن ئىدى. ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى گۇ لىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك گۈزەلكەن. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىللە كېلىشىگە بەك ماس كېلىدىكەن.
«يۈن» قورۇقىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1 مىڭ 3 مو بولۇپ، ئىستىراھەت ساياھىتى، سەھرا ساياھىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى ھىسابلىنىدۇ. ئەتراپتىكى نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىپ، سەھرا تامىقىغا ئېغىز تېگىشىدۇ. ئوقۇغۇچى لى جۈنلىن مۇنداق دېدى: دادام بىلەن بىللە كەلگەنىدىم. بۇ يەردە بەك خۇشال ئوينىدىم.
  «يۈن» قورۇقى شۇ جاينىڭ مول يېزا ئىگىلىك ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە شەھەر ئەتراپى ساياھەتچىلىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سانجى شەھىرىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى نام كارتىسىغا ئايلىنىشقا تىرىشماقتا. «يۈن» قورۇقىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى لى تاۋ مۇنداق دېدى: چەۋەندازلىق كۇلۇبى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ. كېيىنكى باسقۇچتا بىز ياتاق قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، «يۈن» قورۇقىنى ئېكولوگىيەلىك ئارامگاھ قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى