قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاق چىلاپ ئىچىش ئىسسىقى ئارتىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى

2018-10-15 17:59:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قاق چىلاش ئۇسۇلى: شاپتۇل ياكى گۈلىنى پاكىز يۇيىمىز، ئاندىن يېشىل كىشمىش ئۈزۈمنى مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلاپ، ياغىچىنى ئېلىۋېتىمىز. بىر كورا قايناقسۇغا ئۆرۈك قېقى بىلەن كىشمىش ئۆزۈمنى چىلاپ، ئاندىن ئاق شېكەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرىمىز. ئاندىن بۇ ئارىلاشمىنى بىرەر كېچە تۇرغۇزۇپ سوۋۇتۇپ ئىچسەكلا بولىدۇ. شېكەر ۋە ئۈزۈمنىڭ تاتلىق تەمگە چىلىنىپ تەييارلانغان قاقنىڭ تەمى تولىمۇ مېزىلىك، يېيىشلىك بولىدۇ. ئىسسىقنى ھەيدەش، رولىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
ھازىر قىش- ياز ھەر خىل كۆكتات، مېۋىلەرنى تاپقىلى بولىدۇ. شۇڭا، تەڭشەپ تاماقلىنىشقا دىققەت قىلغاندا، ئىسسىقى ئارتىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بەك كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. لېكىن يازدا كۈن نۇرىغا تولۇق تويۇنۇپ پىشىپ قۇرۇتۇلغان ھەر خىل قاق ۋە قۇرۇق يىمىش ماتېرىيال قىلىپ تەييارلانغان قاق سۈيىنىڭ رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولغان قاق چىلاشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ، نۇرغۇن كىشىلەر قىشتا ھېلىمۇ قاق چىلاپ ئىچىشىدۇ.
 كالا سۈتى- ھەرقانداق ئىچىملىك ئىچىدە ئوزۇقلۇق تەركىۋى ئەڭ مول بولغان بىر خىل ئىچىملىك بولۇپ، ئوزۇقشۇناسلار ئۇنى «ئاق رەڭلىك قان» دېيىشىدۇ، سۈتنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ياغ، مېنېرال ماددا ۋە مىكرو ئېلېمنت قاتارلىقلار بار. كالا سۈتىدىكى كالىتسىي، فوسفورنىڭ نىسبىتى بەدەن سۈمۈرەلىگىدەك نورمال ھالەتتە بولۇپ، بىر ئادەم كۈنىگە 500 مىللىلىتىر كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە، 500 مىللىگرام كالىتسىيغا ئىگە بولالايدۇ، بۇ، بەدەن كۈندە ئېھتىياجلىق بولغان كالىتسىينىڭ %80 گە تەڭ، سۈت  كالىتسىينى تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى بولغاچقا، دائىم ئىچىپ بېرىش كېرەك.
 قەھۋەنىڭ ئاساسىي تەركىبىي قەھۋە ئىشقارى، ئاقسىل ماددىسى، ياغ ۋە كالىي، كالىتسىي، ماگنىي قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى نىسبەتەن ئاز بولغاچقا، بەدەن ئاسان سۈمۈرەلەيدۇ. بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بەدەنگە تارقىلىشىنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى كېرەكسىز  نەرسىلەرنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى توقۇلمىلىرىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. يەنە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى