قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېلىق تۇتۇشتىن كەلگەن ئىلھام

2018-10-15 18:23:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شۇ يىلى، مەن ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن ئىدىم. بىر كۈنى، دادام بىلەن بىرگە يېڭى ھامۇسلىك كۆلىدىكى كىچىك ئارالغا بېلىق تۇتقىلى باردۇق.
ئۇ كۈنى ئوكۇن بېلىقىنى تۇتۇش ئېچىۋېتىلىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى بولغاچقا، دادام ئىككىمىز ئايرىم ھالدا قارماقلىرىمىزغا يەمچۈكنى سېلىپ كۆلگە تاشلىدۇق. ئاندىن شۇنداق كۆتۈرىۋېدۇق، قارمىقىمىز قۇرۇق چىقتى-دە، كۆل يۈزىدە ھاسىل بولغان چەمبەر شەكىللىك دولقۇنلار كەچكى شەپەق نۇرىدا جۇلالاندى. بىردەمدىن كېيىن ئاي چىقىپ، كۆل يۈزى كۈمۈش رەڭدە چاقنىدى.
خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن، قارمىقىم تۇيۇقسىز قاتتىق تەۋرىنىپ كەتتى، چوقۇم بىر چوڭ بېلىق قارماققا ئىلىنغاندەك قىلاتتى. مەن ئېھتىيات بىلەن قارماقنى بىردە تارتىپ، بىردە بوشۇتۇپ، ئەپچىللىك بىلەن مەشغۇلات قىلىۋاتاتتىم. بېلىق قارماقتىن قۇتۇلماقچى بولدى بولغاي، ئۆزىنى توختىماستىن ھەريانغا ئۇراتتى ۋە كۆل يۈزىدىن «پالاق-پۇلۇق» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھەتتا، نۇرغۇن يوسۇنلارمۇ چاچراپ چىققان ئىدى. مەن ئۇ بېلىقنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قىرغاققا تارتىپ چىقتىم. ۋاھ! بۇنداق چوڭ ئوكۇن بېلىقىنى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. دادام ئىككىمىز خۇشال بولغان ھالدا، بۇ ھەم چىرايلىق ھەم يوغان ئوكۇن بېلىقىدىن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتۇق. ئوكۇن بېلىقنىڭ ساقىقى كۈمۈش رەڭلىك ئاي نۇرىدا يەڭگىل لىپىلدايتتى.
دادام بىر تال سەرەڭگىنى ياندۇرۇپ سائىتىگە قارىدى، كەچ سائەت 10 بولغان بولۇپ، ئوكۇن بېلىقىنى تۇتۇشنى ئېچىۋىتىشكە يەنە 2 سائەت بار ئىدى. دادام ئوكۇن بېلىقىغا بىر دەم قاراپ تۇرىۋېتىپ، ماڭا قاراپ: «بالام، بۇ بېلىقىنى كۆلگە قويۇۋەت» دېدى. نىمىشقا دادا؟ دېدىم مەن جىددىي ھالدا. دادام تەمكىن ھالدا، سەن يەنە قارماق تاشلاپ بېلىق تۇتساڭ بولىدۇغۇ، دېدى. «ئەمما، مەن بۇنداق بېلىقنى ئەمدى تۇتالمايمەندە» دەپ ۋارقىرىدىم دادامغا يىغلاپ تۇرۇپ. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا قارىدىم، ئەتراپ تولىمۇ جىمجىت بولۇپ، ئايدىڭدا  ئەتراپتا بىزدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. مەن ئۆتۈنۈش نەزىرى بىلەن يەنە دادامغا قارىدىم.
گەرچە بىزنى ھېچكىم كۆرمىگەن، بۇ ئوكۇن بېلىقىنى قاچان تۇتقىنىمىزنى ھېچكىم بىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دادامنىڭ ئاشۇ قەتئىيلىك بىلەن چىققان ئاۋازىدىن، ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە تىركىشىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەنگەن ئىدىم. شۇڭا، ئوكۇن بېلىقىنىڭ ئاغىزىدىكى قارماقنى ئاستا چىقىرىپ، تولىمۇ قىيمىغان ھالدا ئۇنى كۆلگە قويۇپ بەردىم. ئوكۇن بېلىقى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈزۈپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا كۆزدىن غايىپ بولدى.
ھەش- پەش دېگۈچە ئارىدىن 34 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى روھى چۈشكىن بالا مانا بۈگۈن نيويوركتىكى داڭلىق قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچىسىگە ئايلانغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ھازىرغىچە، 34 يىل ئاۋۋالقى ئاشۇ ئاخشامدىكى ئوكۇن بېلىقىغا ئوخشاش چوڭ بېلىق تۇتۇپ باقماپتىمەن. ئەمما، ھايات يولۇمدا، ئاشۇ ئوكۇن بېلىقىغا ئوخشاش ئېزىقتۇرۇشلارغا تالاي قېتىم ئۇچرىغان بولساممۇ، ئەمما ھەر قېتىملىق ئەخلاقىي تاللاشلارغا دۇچ كەلگىنىمدە، دادامنىڭ: «ئەخلاق ئاددىي ھالدىكى توغرا- خاتالىق مەسىلىسى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قىيىن» دېگەن ئەسكەرتىشلىرىنى ئەسلەيتتىم. ئوكۇن بېلىقىنى كۆلگە قويۇپ بېرىشتىن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، ئادەم كىچىكىدىن باشلاپ ئەنە شۇنداق قاتتىق تەلىم- تەربىيە ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلسە، ئەخلاقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك جاسارەت ۋە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
  34 يىل ئاۋۋالقى سۈتتەك ئايدىڭ ئاخشام، ماڭا مەڭگۈلۈك ئەسلىمە ۋە بىر ئۆمۈرلۈك ئىلھام ئاتا قىلغان ئىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى