قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لېرىكىلىق ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش

2018-10-15 18:29:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

20-ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا، چېن شىسېڭ مەشھۇر ئەدىبلەر رەسسامچىلىق قىممەت نەزەرىيىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. چېن شىسېڭ، ئەدىبلەرنىڭ ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن رەسىملەر جۇڭگونىڭ يەرلىك گۈزەل سەنئەت سىستېمىسىنىڭ جەۋھىرى، دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى «ئەدىب رەسىمى ئارقىلىق ئادەمگەرچىلىكى، قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان تەسىراتىنى بايان قىلغان» دەپ يىغىنچاقلىغان. ئۇ: «ئەدىبلەرنىڭ رەسىملىرىدە قانداق ئاجايىپ- غارايىپ نەرسىلەر بار؟ بۇ پەقەت ئۇنىڭ تەبىئىتى ۋە تەسىراتىنى جارى قىلدۇرۇشلا خالاس» دەپ قارىغان.
   20-ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن كېيىن، چېن شىشياڭ، گاۋ يۇگۇڭ قاتارلىق چەت ئەللەردە تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار پۇشتىدىن بولغان ئالىملار، جۇڭگونىڭ «لىرىك ئەنئەنىسى» دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چېن شىسېڭ تەلىماتى بىلەن ماشلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىرىكىلىق ئۇقۇمنى جۇڭگو ئەدەبىيات- سەنئىتىگە ئايلاندۇردى. چېن شىشياڭ، جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ شان- شەرىپىنى لىرىك شېئىر، لىرىك شېئىرنىڭ ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىكى مۇزىكىلىق شەكلى، مەزمۇن ياكى مەنە جەھەتتىن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي گەۋدە خاراكتېرلىكى ۋە ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشتىن ئىبارەت، دەپ قارايتتى. گاۋ يوگۇڭ بولسا لىرىك روھنىڭ ھەمىلا جايدا بارلىقىنى تەكىتلەپ، «جۇڭگونىڭ ئۆرپ- ئادىتى، كېيىنكى خەتتاتلىق، رەسىم سىزىش ئارقىلىق بۇ خىل لىرىكىلىق روھنى گەۋدىلەندۈرۈپ، لىرىكىلىق ئەنەنىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكىگە ئايلانغان» دەپ قارايتتى. ئۇ لىرىك گۈزەل ئەسەر. تەلىماتىنى ئىجاد قىلىپ، ئاتالمىش «گۈزەللىك دەستۇرى» نى تارقاتتى. بۇ ئەسەر ئاپتور ۋە زوق ئالغۇچىنىڭ ئىجادىيەت، سەنئەت، گۈزەللىك ۋە ھۇزۇرلىنىش كۆز قارىشىنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا بىر يۈرۈش سەنئەتنىڭ تىپىك كاتېگورىيىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، بۇ قاراشلار شەخسنىڭ ياخشى-يامانلىقىدىن ھالقىپ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك گۈزەل سەنئەت 20- ئەسىردە ياۋروپادىن جۇڭگو گۈزەل سەنئىتىنىڭ ئورگانىك تەركىبى قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن ھەمدە راۋاجلاندۇرۇلغان مۇھىم گۈزەل سەنئەت تۈرى.«ئاساسىي تېما» ئۇقۇمى تەخمىنەن20- ئەسىرنىڭ50- يىللىرىدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۈزەل-سەنئەت ئوبزورىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ۋەقەلىكى بار تارىخىي تېما رەسىمى، ئۆرپ-ئادەت رەسىمى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان گۈزەل- سەنئەت خەرىتىسىدە، ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك گۈزەل-سەنئەتنىڭ مۇھىملىقى ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ. بىرىنچى، ئۇنىڭ مېخانىزمى 50- يىللاردىن باشلاپ ھازىرغىچە، ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك گۈزەل- سەنئەت ئىزچىل ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلدى؛ ئىككىنچى، بۇ مېخانىزم ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك گۈزەل سەنئەتنى بېسىپ چۈشۈش خاراكتېرلىك سان ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە قىلىپ، مەملىكەت خاراكتېرلىك كۆرگەزمە ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەشۋىقاتىدا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلدى ۋە ئېتىبار بېرىلدى؛ ئۈچىنچى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن مۇنەۋۋەر سەنئەتكارلار ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن «ئون يىلدا بىر قىلىچنى قولغا كەلتۈرۈش» روھى بىلەن كۆپلىگەن جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئىتى تارىخىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ياراتتى. ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك گۈزەل سەنئەتنىڭ 20- ئەسىردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ يېڭى گۈزەل سەنئەت سىستېمىسىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمى بولۇپ قېلىشىدىكى تېخىمۇ مۇھىم سەۋەب شۇكى، ئۇ جۇڭگونىڭ رېئاللىقىغا ماسلىشىش، جۇڭگونىڭ زېمىنىدا يىلتىز تارتىش جەريانىدا تەدرىجىي قوبۇل قىلىندى. جۇڭگونىڭ گۈزەل سەنئەت ئەنئەنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىكلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. چېن شىسېڭ، گاۋ يۇگۇڭ قاتارلىق كىشىلەر قەدىرلەيدىغان لىرىك ھېسسىيات دەل شۇلارنىڭ مۇھىم بىر تۈرى.
20- ئەسىردىن بۇيانقى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، يەرلىك گۈزەل- سەنئەتنىڭ ئىجادىي ئۆزگىرىشى ۋە سىرتتىن كەلگەن گۈزەل سەنئەتنىڭ تەدرىجىي يەرلىكلىشىشىنى ئىككى ئۆلچەم قىلىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى گۈزەل-سەنئەت سىستېمىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇ جەرياندا، سىرتتىن كەلگەن گۈزەل سەنئەتنىڭ يەرلىكلىشىشى كۆپ يىل مۇزاكىرە قىلىنغان، ئەمەلىيەتتىن كۆپ ئۆتكۈزۈلگەن بىر تېما بولۇپ قالدى، ئەمما ھازىرغا قەدەر يەنە مۇزاكىرە قىلىش ۋە قايتا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بوشلۇقى يەنىلا خېلى چوڭ.
ياۋروپا ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك گۈزەل-سەنئەتتە ماي بوياق رەسىم، تام رەسىملىرى ئاساسىي ۋاسىتە قىلىنغان، بايان ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، چېن شىشياڭ ۋە گاۋ يۇگۇڭنىڭ تۈرى بويىچە بايان قىلىنغان ئەنئەنە ياكى بايان قىلىنغان گۈزەل ئەسەرلەر كاتېگورىيىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ جۇڭگوغا كىرگەندىن كېيىنكى يەرلىكلىشىش جەريانى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە، ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ گۈزەل- سەنئەت ئەنئەنىۋى ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭدىن قالسا، لىرىكىلىق ھالەتكە سىڭىش. ئالدىنقىسىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇراتتى. مەسىلەن، «يۈ گۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى»، «قېيىن ئانىنىڭ قىشتا ئوقۇشقا كىرىشى»، «سەككىزىنچى قىزنىڭ دەرياغا ئۆزىنى تاشلىشى» قاتارلىقلار بىر تارىخ ياكى ھازىرقى زامان ھېكايىسىنى ئېنىق بايان قىلغان بولۇپ، بايان قىلىنغان ئاساسىي ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ.
يېڭى دەۋردىن بۇيان، جۇڭگوچە رەسىمنىڭ ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك ئىجادىيىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى، ھېكايىگە لىرىكىلىق بايان قوشۇلۇپ، سەنئەتكارلار مەزمۇنىنى جانلىق بايان قىلدى. جۇ سىسۇڭ «كان ئىشچىلىرى خەرىتىسى» ناملىق ئەسەرنى ئىجاد قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيەسى، دۆلەت تەرەپدارلىرىنىڭ جۇڭگو بايلىقىنى تەلۋىلەرچە تالان- تاراج قىلىپ، جۇڭگو كان ئىشچىلىرىنى دەھشەتلىك ئەزگەنلىك تارىخىنى بايان قىلغان. شىڭ چىڭرېننىڭ «ئەتىرگۈل ئەسلىمىسى» ناملىق ئەسىرىدە، بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئىنقىلابى مۇقەددەس جاي يەنئەنگە بېرىش تارىخى تېما قىلىنغان بولسىمۇ، ئەنەنىۋى تارىخى رەسىم سىزىش ئۇسۇلى بويىچە بايان قىلىنمىغان. ئىككى سەنئەتكارنىڭ ئىجادىيىتى ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك جۇڭگوچە رەسىم ئىجادىيىتىنىڭ ئەندىزىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپلا قالماي، يەنە كۆپلىگەن تېماسىز ئىجادىيەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە يېڭى دەۋردىن بۇيانقى جۇڭگوچە رەسىم ئىسلاھاتىنىڭ ئېقىمىغا تۈرتكە بولدى.
جۇ سىسۇڭنىڭ ئوتتۇرا ياشلىق ئۆزگىرىش قانۇنىدىن شىڭ چىڭرېننىڭ ياشلىق باھارى يېزىلىشىغىچە، ئىككى ئەۋلاد سەنئەتكارلار بىر مەھەل كەيپىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ،20- ئەسىرنىڭ80- يىللىرىدىكى ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك جۇڭگوچە رەسىم ئىسلاھاتىنىڭ يىپ ئۇچىنى تۇتاشتۇردى. بۇ ئەسەرلەردىن ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك ئىجادىيەتتە سەنئەتكارلارنىڭ ھېسسىياتىنى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ، ئاساسىي تېما قىلىنغان ئېستېتىك يۈزلىنىشكە مايىل بولغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. بۇ ھەم سەنئەتكارلارنىڭ جۇڭگونىڭ لىرىك ئەنئەنىسىگە بولغان ئاڭلىق ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئۇ چاغدىكى گۈزەل- سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭ مۇھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 80- يىللاردا، ئىككىنچى قېتىملىق20- ئەسىردىكى جۇڭگو رەسىم ئەسىرى تالاش- تارتىشى يۈز بېرىپ، جۇڭگو رەسىمىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغۇچىلار بار بولۇپ، ئۇنى قەتىي قوغدىغۇچىلار، تىغمۇ- تىغ تاقابىل تۇرۇش ئەھۋالى جۇڭگو رەسىمىدە چوقۇم ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ ئۆزگىرىش كۆپ يۆنىلىشلىك بولۇپ، خەلق ئارىسىغا رەسىم سىزىش ئۇسۇلى بار، تەجرىبە سىياھىغا قاراپ قەدەم تاشلاپ، ئەدىبلەرنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كەلدى. 80- يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى كىچىك كۆلەم ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئوتتۇرا ۋە كېيىنكى مەزگىلدىكى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىشقىچە، لىرىكىلىق رەسىملەر سىڭىپ كىرىپ، ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك جۇڭگوچە رەسىم بايان قىلىنغان ھېكايىنىڭ سىرتىدا، كۆرۈنۈش بوشلۇقىنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان «تەسەۋۋۇر» كۆپەيدى.
بۇ ئېسىل جۇڭگونىڭ گۈزەل سەنئەت ئەنەنىسى بولۇپ، لىرىكىلىق ئەنئەنە ئاخىرى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا رەسىم ساھەسىدە توغرا قاراشقا ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشكە ئېرىشتى. ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك گۈزەل- سەنئەتتىن ئىبارەت بۇ سىرتتىن كەلگەن گۈزەل- سەنئەت ئۇسلۇبى يەرلىكلىشىش ۋە چوڭقۇر يەرلىكلىشىشنى تېزلىتىش جەريانىغا يۈزلەندى. ئەمما، بۇنى ئىسپاتلاشقا بولىدۇكى، 2009- يىلى تاماملانغان «دۆلەتنىڭ مۇھىم تارىخى تېما قىلىنغان گۈزەل- سەنئەت ئىجادىيىتى قۇرۇلۇشى» دا نۇرغۇن ئوبزورچىلار «سەنئەتكارنىڭ ئۆزىگە خاس ھېسسىياتى» ۋە «ئىجادىيەتچىگە كۆرۈنۈشنى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ھېس قىلىشىدىن ئىبارەت بىر خىل تولۇپ تاشقان ھېسسىياتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئېيتقان. ئەسەرنىڭ پايدا- زىيىنى ۋە ياخشى- يامانلىقىغا باھا بېرىش ئۆلچىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ھەرگىزمۇ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇ ھەم ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك جۇڭگوچە رەسىم ئىجادىيىتىنىڭ بايانىغا لىرىكىلىق ماسلىشىشى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭگونىڭ گۈزەل- سەنئەت «لىرىكىلىق گۈزەللىك» تىن ئىبارەت كوللېكتىپ ئېڭىنى ئىپادىلىشى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى