قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار توغرا تەھلىل قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى

2018-10-16 10:40:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پارتىيە19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ،2020- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى پۈتۈنلەي چۆرۈپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش، كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى توغرا تەھلىل قىلىش، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتتە نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تېز ئۆستۈردى.
قاراقاش ناھىيەسى يېشىل ياقۇت يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى قىش كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆكتاتلارنى يىغىپ ساقلاش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، يېشىل ياقۇت يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى شىنجاڭ ۋە بېيجىڭدىكى سودىگەرلەر بىلەن 200، 300 مىڭ يۈەنلىك كۆكتات سېتىۋېلىش ـ سېتىش توختامى ئىمزالىدى. بۇ يىل خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى 300 توننا مېۋە، كۆكتاتنى يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدىغان ئىسكىلاتتىن ئۈچنى يېڭىدىن قۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى دېھقانلارنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان كۆكتاتلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى ھەمدە 15 نامرات ئائىلىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى مەمەتئىمىن باكىر مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئادەم كۆپ، يەر ئاز. نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى بىزگە مەبلەغ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ياردەم بەردى. ھازىر بىزنىڭ بۇ يەردە كۆكتات تېرىش ۋە يېڭى پېتى ساقلاش كەسپى بارلىققا كەلدى. بۇ يىل بۇ ئۈچ يېڭى پېتى ساقلاش ئامبىرى 350 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان كۆكتاتلىرىنى ساقلاپ قالالايدۇ. قىشتا سېتىش باھاسى سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ، سېتىش سوممىسى بىر مىليون يۈەندىن بىر مىليون 300 مىڭ يۈئەنگىچە بولىدۇ. تەخمىنەن 20 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2مىڭ 800 يۈەندىن 3 مىڭ 700 يۈەنگىچە بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار نامرات ئائىلىلەرنى نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئىنچىكە پىلانلاپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پائال ياردەم بەردى.
يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسى پارچە يېڭىيەر كەنتىدە، ھەر كۈنى كەچ سائەت توققۇزدا دېھقانلار كۇرسىدا ۋاقتىدا دەرس باشلىنىدۇ. سىنىپ ئادەملەر بىلەن لىق تولىدۇ. بۇ كەچلىك كۇرسنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسىنىڭ  يېڭىيەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئاچتى. خىزمەت ئەترىتى «تۈمەن كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم قىلىش» نى ۋاستە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە دۆلەت ئورتاق تىل يېزىقى ئۆگەتتى.. يەنە شىنجاڭ دۇڭچۈنشىڭ كارخانا گۇروھى شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 100 نەپەر كەنت ئاھالىسىنى كارخانىغا ئىشقا تونۇشتۇردى. كەنت ئاھالىسى تۇنىساگۈل تۇرغۇن مۇنداق دېدى: مەن ھەر كۈنى كەچلىك كۇرسقا قاتنىشىۋاتىمەن. ھازىر دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىق سەۋىيەم زور دەرىجىدە ئۆستى. خىزمەت ئەترىتى ماڭا بىر توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا خىزمەت تېپىپ بەردى، بىر ئايلىق ئىش ھەققىم 3 مىڭ 600 يۈەن.
نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۈچۈن «ئىنتېرنېت تورى +» دىن ئىبارەت بۇ «تېز پويىز» غا چىقىش كېرەك. ھازىر ياڭاق سېتىش مەزگىلى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئاقتوقاي يېزىسى ئاقبوز كەنتىدىكى تۇرغۇن تۇرسۇن ياڭاقنى كۆڭۈل قويۇپ چىرايلىق ئوراپ خالتىغا قاچىلاپ، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق توردا سېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. تۇرغۇن تۇرسۇن خوشال ھالدا مۇنداق دېدى:  ئىلگىرى ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا، ياڭاقنى قانداق سېتىش توغرىسىدا باش قاتۇراتتۇق. ھازىر ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق بىر ئايدىلا 7 مىڭ يۈەنلىك ياڭاق ساتقىلى بولىدۇ. باشقا كەنت ئاھالىلىرىمۇ ھازىر ئېلكېترونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئاقبوز كەنتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئېلېكترونلۇق سودىدىكى ياڭاق كەنتى بولۇپ قالدى.
  شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ھازىر ئۇچتۇرپان ناھىيەسى يەتتە يېزا- بازارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى ۋە 22 كەنتنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. ئىنتېرنېت تورىغا تايىنىپ، ياڭاقنى ياخشى سېتىپلا قالماي، يەنە دېھقانلارنىڭ يەرلىك توخۇمى، قۇۋۋەت نانلىرى، قوي- كالا گۆشى، ھەر خىل قۇرۇق، يېڭى مېۋە- چېۋىلەرنىمۇ سېتىپ بولدى.  ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە نۇرغۇن يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنى قوللاندى. يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈر. باش كىچىك كەنتى- چەرچەن ناھىيەسىنىڭ قوراملىق يېزىسىدىكى چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىسى شۇنداقلا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تۈزلەڭلىكتىكى نامرات كەنت بولۇپ، ئاساسى ئىنتايىن ئاجىز. بۇ يىل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى- كەينى ۋە ئۆگزىسىگە قۇياش ئېنىرگىيەسى باتارىيە تاختىسى ئورنىتىلىپ، قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن توك چىقىرىشتىن ھاسىل بولغان ئۈنۈمنى نامرات ئائىلىلەرگە بۆلۈپ بەردى. كەنتتىكى دەل جايىدا يۆلىنىدىغان نامرات ئائىلە نەمەت توختى مۇنداق دېدى: بۇ كۆك تاختىلار بولسىلا ئاپتاپقا قاقلانسىلا پۇل تاپقىلى بولىدۇ. بىز بىر تىيىنمۇ چىقارمايمىز. پەقەت 80 كۋادرات مېتىرلىق ئۆگزە بولسىلا، بىر يىلدا 6 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى