قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قوشماق تۇغقانلارنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، ئالاقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى

2018-10-16 10:52:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ بىناكارلىق- قۇرۇلۇش گۇروھى چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېڭىيەر يېزا چوڭ ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجىسى ۋاڭ خەيلىڭ بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى شۈكۈر ئامان ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، دائىم بېرىش- كېلىش قىلىش جەريانىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.
ئەتىگەندە ۋاڭ خەيلىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە، ئۆزى يالغۇز قالغان شۈكۈر ئاماننى يوقلاپ كەلدى. ئۇلار تاۋۇز سودىگەرلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە تاۋۇز سېتىۋېلىشقا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ۋاڭ خەيلىڭ: شۈكۈر ئاكا، بۈگۈن بۇ تاۋۇزنىڭ ھەممىسىنى ساتامسىز؟ دەپ سورىدى. شۈكۈر: ياق، يېرىمىنى ساتىمەن، قالغىنىنى قويۇپ قويۇپ، قىشتا ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەر بىلەن بىللە يەيمىز. 
شۈكۈر ئامان ۋاڭ خەيلىڭنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ يېڭىيەر يېزا چوڭ ئېرىق كەنتىدىكى تۇغقىنى. كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، ئىككىيلەن بىر- بىرىدىن سىر يوشۇرمايدىغان ئاكا- ئۇكىلاردىن بولۇپ قالدى. شۈكۈر ئامان مۇنداق دېدى: ۋاڭ شۇجى كەنتىمىزگە كەلگەندىن بۇيان، كەنتىمىزدىكىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. مېنى ئۆز ئاكىسىدەك كۆرۈپ، ماڭا كۆيۈنۈپ، ماڭا نۇرغۇن ياردەم قىلدى. مەنمۇ ۋاڭ شۇجىنى ئۆز ئىنىمدەك كۆردۈم. ئۇنىڭ خىزمەتى ئالدىراش بولغاچقا بەكلا چارچاپ كىتىدۇ. بەزىدە خىزمەت ئۈچۈن تاماق يېيىشكىمۇ چولىسى تەگمەيدۇ، شۇنداق چاغلاردا مەن ئۇنى ئۆيگە كېلىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلىمەن.
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، شۈكۈر ئامان ئىگىلىك تىكلەپ دۇكان ئاچماقچى بولدى. ئۇ ئويلىغانلىرىنى ئىنىسى ۋاڭ خەيلىڭغا ئېيتقاندىن كېيىن ئىككىسى كۆپ قېتىم مەسلىھەتلىشىپ، بازار تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يەم- خەشەك تىجارىتى قىلىدىغان دۇكان ئېچىشنى قارار قىلدى. شۇكۈر ئامان دۇكاننى قەيەردىن ئېچىش، قاچان ئېچىش ئىشلىرىنى ۋاڭ خەيلىڭغا ھاۋالە قىلدى. ۋاڭ خەيلىڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزدا بىر دۇكان بار ئىدى. مەن شۇ يەرنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بۇ يەرگە كېلىدىغانلارمۇ كۆپ، بۇ يەر كۆپچىلىك يىغىلىدىغان جاي، ئۇنىڭ تىجارەت قىلىشىغا باپ كىلىدۇ.
دۇكان ئېچىش ئىشى بېكىتىلىپ بولدى. ئاكا- ئۇكا ئىككىيلەن بۇ دۇكاننى قانداق يۈرۈشتۈرۈش ئۈستىدە ئويلاندى. شۈكۈر ئامان مۇنداق دېدى: دۇكان ئېچىلغاندىن كېيىن مەن يەنە ۋاڭ شۇجىنى ئاۋارە قىلدىم. ئۇنىڭ ماڭا مال كىرگۈزۈش تۈرى، تىجارەت جەھەتتە پىلان تۈزۈپ بېرىشىنى ئۆتۈندۈم.
ۋاڭ خەيلىڭ بىلەن شۈكۈردە گەرچە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ ئەمما خىزمەتتىكى ياردەم، تۇرمۇشتىكى كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇششاق- چۈششەك كىچىك ئىشلار ئۇلاردا قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلاردىنمۇ بەكرەك يېقىن قېرىنداشلىق مېھرى پەيدا قىلدى. ۋاڭ خەيلىڭ مۇنداق دېدى: شۈكۈر ئاكام ئىككىمىز قېرىنداشلارچە دوستلۇق ئورناتتۇق. ئاكام تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت ماڭا غەمخورلۇق قىلىپ، خىزمىتىمگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ مېنىڭ تېزلا خىزمەتكە كىرىشىپ، كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشىمگە ياردەم قىلدى. قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ئۆمۈرلۈك رىشتە باغلىدۇق. ئۈچ يىل كەنتتە تۇرۇپ خىزمەت قىلىپ، خىزمەت ئورنۇمغا قايتىپ كەلسەممۇ، ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق بىر ياخشى ئاكامنىڭ بارلىقىنى ئېسىمدە ساقلايمەن. بالامغا يېڭىساردا سۆيۈملۈك شۈكۈر تاغىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىمەن.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى