قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يايلاقتا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش

2018-10-16 10:53:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بۇرچىن ناھىيەسىدىكى قاناس مەنزىرە رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جارقىنبېك قۇمارخان ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ، شۇ جايدىكى ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلىدى.
38 ياشلىق جارقىنبېك قۇمارخان 2005- يىلى شىنجاڭ داشۆنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، قاناس كۆلى بويىدا «ئات ئۈستىدىكى مىللىي مەدەنىيەت» مىللىي ئۆرپ- ئادەت ئائىلىۋى زىيارەت نۇقتىسى ئاچتى. جارقىنبېك قۇمارخان مۇنداق دېدى: ئالىي مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، قاناسنى پىششىق بىلىشتەك ئەۋزەللىكىمدىن پايدىلىنىپ تەتىلدە باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ساياھەت يېتەكچىسى بولغانىدىم. مەن يايلاقتا چوڭ بولغاچقا، يايلاق مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيىمەن. سەھرا ئارامگاھىم يايلاق مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
جارقىنبېك قۇمارخان دەسلەپتە مىللىي ئۆرپ- ئادەت ئائىلىۋى زىيارەت نۇقتىسىنى ئاچقاندا، نۇرغۇن قىنيىلچىلىققا يولۇقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئائىلە شارائىتىمىز ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە دادام بالدۇر قازا قىلغان، ئاكا- ئىنە، ئاچا- سىڭىللىرىم بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئۆيدىكىلەر ئائىلە زىيارەت نۇقتىسى ئېچىشىمنى ئانچە قوللاپ كەتمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇل بېرىپ تۇرىدىغانلارمۇ بولمىغاچقا، 10 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىش ئۈچۈن شۇنچىلىك قىينالغانىدىم.
جارقىنبېك قۇمارخان بۇ مىللىي ئۆرپ- ئادەت ئائىلىۋى زىيارەت نۇقتىسىنى كۆڭۈل قويۇپ راۋاجلاندۇرۇپ، قىسقىغىنە بەش ئايدىلا 70 مىڭ يۈەنگە يېقىن ساپ كىرىم قىلدى. 2007- يىلى جارقىنبېك قۇمارخان يەنە بۇرچىن بازىرىدا قازاق مەدەنىيىتى تۈسىنى ئالغان «مۇخۇن» سەھرا ئارامگاھىنى ئاچتى. ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، «مۇخۇن» سەھرا ئارامگاھى كۈندە 500 گە يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. يىللىق ساپ كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپلا قالماي، يەنە 15 ياشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر «مۇخۇن» سەھرا ئارامگاھى ساياھەتچىلەر چوقۇم كېلىدىغان تور دۇكىنىغا ئايلاندى. ئۇتۇق قازانغان جارقىنبېك قۇمارخان ئەينى چاغدىكى ئىگىلىك تىكلەش يولىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ دائىم ئىگىلىك تىكلەش لېكسىيەسى سۆزلەپ، ئەتراپىدىكى ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە نۇرغۇن قۇلايلىق يارىتىلدى. ئىلگىرى دۇكان ئېچىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىنىشكا بېجىرەتتۇق. ھازىر نۇرغۇن كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە كۆپ قۇلايلىق بولدى. بۇرچىن ناھىيەسى يەنە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپلا قالماي، يەنە قەرز پۇل تولۇقلىمىسى ۋە ئۆي ئىجارىسى تولۇقلىمىسى قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. 
بۇ يىل 5- ئايدا جارقىنبېك قۇمارخان 17- نۆۋەتلىك «شىنجاڭ 4- ماي ياشلار مېدالى» غا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئەڭ ياخشى دەۋردە ياشاۋاتىمىز. بۇ دەۋر كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى بولۇپلا قالماي، يەنە غايىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان كىشىلەرگىمۇ تەۋە.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى