قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەن كەسپىمنى سۆيىمەن

2018-10-16 12:56:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

2003- يىلىدىن 2018- يىلىغىچە، شىنجاڭ ئالىي مەكتەپلەر غەربىي رايونغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانى يولغا قويۇلغىنىغا 15 يىل بولدى. پىدائىيلار 15 يىلدىن بۇيان شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتتى، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى ئارقىلىق غەربىي رايوندىكى نامرات ناھىيەلەرگە بېرىپ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە خىزمەت قىلدى. 15 يىلدىن بۇيان، پىدائىيلار جاپاغا چىداپ، پائال تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ ۋە داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللاندى؛ 15 يىلدىن بۇيان پىدائىلار بىر- بىرىگە تايىنىپ، بىر- بىرىگە ياردەم بەردى، ئۇلار ئۆزىنى بېغشلاش ۋە چۇڭقۇر مېھىرى- مۇھەببىتى ئارقىلىق ياشلىق باھارىنى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىنغا بېغىشلىدى.

بۇ يىل غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرىدىن 2 مىڭ 600 ئى شىنجاڭغا كېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سەپىرىنى باشلىدى. «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» ئارقىلىق «غەربىي رايون پىلانىدىكى پىدائىيلار شىنجاڭدا» سەھىپىسى ئېچىلىپ، پىدائىيلارنى ئۆزىنىڭ ھېكايىسى ئارقىلىق باسقان مۇساپىسىنى بايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۈگۈن بۇ سەھىپىمىزدە «مەن كەسپىمنى سۆيىمەن» ماۋزۇلۇق ماقالە ئارقىلىق سىچۈەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن شاۋ شۇچىننى تونۇشتۇرىمىز.

«تويۇن چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ نەدىلىكىنى، قانداق يەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، بۇلارنى بەيدۇدىن ئىزدەپ بىلگەنىدىم. مېنىڭچە، كەلگەن ئىكەنمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ چەت جايلىرىغا بېرىشىمىز كېرەك» مانا بۇ سۆزلەر شاۋ شۇچىننىڭ خاتىرىسىگە يېزىلغان.

ئوقۇش پۈتتۈرۈش مەزگىلىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىغا ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلدى، نۇرغۇن دوست- بۇرادەرلىرى ئۇنى «ئەخمەق قىز» دېيىشتى؛ ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، ئەقىل- پاراسىتى ۋە قان- تەرى بىلەن مىڭ چاقىرىملىق تاقىر تاغ، تۈمەن چاقىرىملىق چۆللۈكلەردە ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى نامايان قىلدى. ئۇ ئۈمىدۋار، قەيسەر، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ خىل خاراكتىرى پامىر ئېگىزلىكىدە پورەكلەپ ئېچىلغان گۈزەل، چىداملىق رەڭگا-رەڭ گۈللەرگە ئوخشايتتى.

شاۋ شۇچىن 2013- يىلى 7- ئايدا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى غەربىي رايون پىدائىي مۇلازىمىتى پىلانى بويىچە پىدائىلارنىڭ قوبۇل قىلنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، گۇاڭدۇڭدىن غەربىي رايونغا بېرىشنى تاللىدى. ئۇ نەق مەيداندىكى تىزىملاش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىسىدا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3- شىسى تويۇن چارۋىچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، غەربىي رايون پىدائىيسىغا ئايلاندى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تويۇن چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ نەدىلىكىنى، قانداق يەر ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، بەيدۇدا: ئۇ بىڭتۇەننىڭ قىرغىزلارنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىردىنبىر تۇەن- مەيدانى شۇنداقلا 3- شىغا قاراشلىق چېگرا لىنىيەسىدىكى بىردىن-بىر چارۋىچىلىق مەيدانى، ئاز سانلىق مىللەت چېگرا رايونىغا جايلاشقان نامرات رايون، تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار، دەپ يېزىلىپتۇ، مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۆرەي، كەلگەن ئىكەنمەن، چۇقۇم ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ يىراق جايلىرىغا بېرىشىم كېرەك دەپ ئويلىدىم».

شۇنداق قىلىپ تۇمشۇق شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇنىڭ تۇيۇن چارۋىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش ئىلتىماسىغا قوشۇلدى. ئۇ «غەربىي رايونغا، ئاساسىي قاتلامغا، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىش» تەك كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئۆزى يالغۇز تويۇن چارۋىچىلىق مەيدانىغا كەلدى.

ئۇ تۇيۇن چارۋىچىلىق مەيدانىدىن ئىبارەت بۇ ناتونۇش زېمىنغا قەدەم قويۇپلا قىزىقىپ قالدى ۋە ئىچ- ئىچىدىن ياقتۇرۇپ قالدى. يۇرتداشلارنىڭ قىزغىن، مەردانلىقى، ناخشا- ئۇسسۇلغا ماھىرلىقى ئۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك-ئىچمەك ۋە يېڭىچە مىللىي ئادەتلەر ئۇنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، ئۇ بۇ يەرنىڭ جىمجىتلىقىنى ۋە كۆز يەتكۈسىز كەڭلىكىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.

شاۋ شۇچىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغلاردا، تويۇندا دۇكان ۋە ئاشخانا يوق ئىدى، ھەتتا كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى چېگرا ئېغىزىغا بېرىشقا توغرا كېلەتتى، كۆكتات، قوغۇن- تاۋۇز، مېۋە- چىۋە قاتارلىقلار بىر خىللا ئىدى، ياڭيو، بەسەي، تۇرۇپلارنىلا يەيتتۇق. ئەينى يىلى تويۇندە يول چىرىغىمۇ يوق ئىدى، كەچتە قاپقاراڭغۇ ئىدى، يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇراتتى. كېيىن گۇاڭدۇڭدىن كەلگەن ھەمراھلىرىم ئارقا- ئارقىدىن يۆتكلىپ كەتتى، مۇلازىمەت مۇددىتى توشۇپ قايتىپ كەتتى، مەنلا قالدىم».

ئەمما ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىن يالغۇزلۇق، زېرىكىشلىك كەيپىياتىنى بايقىغىلى بولمايتتى، ۋاز كېچىش خىيالى بارلىقىنى تېخىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى.

تويۈن چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2 مىڭ مېتىردىن 4 مىڭ 800 مېتىرغىچە بولۇپ، قىش پەسلى سوغۇق، ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق، ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك ئىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، جەنۇبىي جۇڭگولۇق بۇ قىز ھاۋا كىلىماتىغا ناھايىتى تېزلا ماسلاشتى، يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق بەدىنى بارغانسېرى ساغلام بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى، ئۇ موما پىشۇرۇشنى، لەغمەن، پولۇ ئېتىشنى ئۆگىنىۋالدى، كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە غەربىي شىماللىقلارغا ئوخشاپ قالغانىدى.

ئۇ قىرغىزلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم قوللىنىدىغان سۆزلىرىنى ئۆگەندى، ئۆرپ- ئادىتىنى چۈشەندى، قىرغىزلارنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشتى، ناخشا- ئۇسسۇللىرىنى ئۆگەندى، قىرغىز ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قىزغىن، ئوچۇق- يورۇق گۇاڭدۇڭلۇق قىزدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنى سەمىمىيلىك بىلەن «قىزچاق»، «شياۋ شاۋ» دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

ئۇ يەنە بۇ يەردە سۆيگۈگە ئېرىشتى. قارشى تەرەپ تۇيۇن چارۋىچىلىق مەيدانى مەكتىپىنىڭ ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، بوي ئىگىزلىكى بىر مېتىر 80 سانتىمېتىر كېلىدىغان گەنسۇلۇق يىگىت ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىر- بىرىگە دەيدىغان گېپى تۈگىمەيدىغان بولدى. «ئۇ جاپالىق، چەت- ياقا جايدىكى يايلاققا مەندىنمۇ تېز كۆنۈپ كەتتى. بىزنىڭ بۇ يەردە بىۋاستە ئۇرۇق- تۇغقىنىمىز يوق، بىز بىر- بىرىمىزگە تاياندۇق، ئۇ ئەزەلدىن ئاغرىنىپ باقمىدى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق قەيسەرلىكى، ئېسىللىقى، ئاق كۆڭۈللۈكى مېنى جەلپ قىلدى» دېدى شاۋ شۇچىننىڭ يولدىشى لى شياۋنەن.

شاۋ شۇچىن مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنى بەدەل تۆلەۋاتىمەن، تۆھپە قوشىۋاتىمەن دەپ قارىمايمەن، مەن پىدائىي، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمنىلا قىلدىم، ئەمما نۇرغۇن ھاسىلاتقا ئېرىشتىم».

ئۇ چارۋىچىلىق مەيدانىغا مۇلازىمەت قىلىشقا باشلاپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، تۇيۇن چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ كىچىك شەھەر- بازار قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى كۆرىكىدە چۈشەندۈرگۈچى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. تۇيۇن چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تېخى تولۇق چۈشىنىپ بولالمىغان شاۋ شۇچىن ليەندۈيلەرگە كۆپ قېتىم بېرىپ، كۆپ سوئال سوراپ، قىسقىغىنە ئىككى ھەپتە ئىچىدە تۇيۇن چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلەپ، چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىدى.

ئۇ خەلقئارا سودا ئىنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان بولۇپ، قارىماققا بۇ كەسپ تويۈن چارۋىچىلىق مەيدانىدا ئىشلەنمەيدىغاندەك كۆرۈنەتتى، ئەمما ئۇ كۈچلۈك يېزىقچىلىق ئىقتىدارى، ئېغىزچە ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش- ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ناھايىتى تېزلا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كەسپى خىزمىتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى يۈرۈشتۈردى. پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلغان بىر يىلدا، ئۇ بىر نەچچە قارار ئەخلاق دەرسخانىسىنى پىلانلاپ رىياسەتچىلىك قىلدى، چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى بەدەن چېنىقتۇرۇش گىمناستىكىسى ئوقۇتۇشىغا قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئارزۇ ھەققىدە ئوچۇق دەرسى ئۆتتى.

2014- يىلى 8- ئايدا، مۇلازىمەت مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇ مەيداندا قېلىپ ئىشلەشنى تاللىدى. بىر قانچە يىلدا، چارۋىچىلىق مەيدانى پارتكومى تەرىپىدىن «ئىلغار خىزمەتچى»، «8- مارت قىزىل بايراقدارى»، «ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان ئايال كادىر»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى، ئۇ يەنە باشلامچىلىق بىلەن شۇ جايدا ياشلار ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.

2016- يىلى 3- ئايدا، ئۇ تۈەن- مەيدان ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى بويىچە ئەڭ ياش پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى بولدى، 2016- يىلى 9- ئايدا، ئۇ تۇيۇن چارۋىچىلىق مەيدانى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلىنىپ، ئىستاژى ئەڭ تۆۋەن، يېشى ئەڭ كىچىك تۈەن- مەيدان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېت ئەزاسى بولۇپ قالدى.

مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى «كۈلگۈنچەك كىچىك شۇجى» دەپ ئاتايدۇ، بۇ نام ئۇنىڭ «شياۋشاۋ» دېگەن ئىسمى بىلەن بىللە، بۇ يەردىكى ئاھالىلەر ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىدىغان نامغا ئايلاندى.

ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزالىرى بۇ ياش شۇجىغا ناھايىتى قايىل ئىدى، مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەمەت سېيىت چۇڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇ مەھەللە شۇجىسى بولۇپ يېڭى كەلگەندە، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدىلا چىقىپ ئورگاندا ئىككى يىللا خىزمەت قىلغان بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، قۇرۇق گەپ سېتىپ يۈرەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلغانىدىم. بىراق، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بىز ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا تولۇق ئىشىنىپ، دائىم بىزدىن مەھەللىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇردى، ئۆيمۇ- ئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ ھەم پۇختا ھەم ئەمەلىي، يېڭىلىق يارىتىلغان مەھەللە خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى».

مەھەللە خىزمەتچىسى ئاردۇنئاي تۇرغۇنمۇ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مەھەللىنىڭ مەمۇرىي جەھەتتىكى خىزمەت كۈچى ئاجىزراق ئىدى، ئۇ مەھەللىنىڭ كەسپىي كادىرلىرىغا قانداق قىلىشنى بىرمۇ-بىر ئۆگەتتى. ئۇ مەسئۇل بولغان كەسپىي ماتېرىياللار بىزنىڭكىدىن كۆپ، ئەمما ھەر بىر خىزمەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، كۈچەپ ئىشلەيدۇ، ئەزەلدىن ئەپلەپ- سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ، ئۇنىڭ تەسىرىدە مەھەللىمىزدىكى خادىملار تېخىمۇ غەيرەت قىلىپ ئىشلەيدىغان بولدى».

مەمەت سېيىتنىڭ دېيىىشىچە، ئۇ ئاغرىقچان ئايالىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ خىمىيەلىك داۋالىنىشىغا ھەمراھ بولۇپ، ھەر ئايد ئۈرۈمچىگە بارىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇلتۇر ھەر ئايدا رۇخسەت سوراپ ئون كۈن خىزمەت ئورنۇمدىن ئايرىلدىم، شياۋ شاۋ ئېغىر ئاياغ بولغىنىغا نەچچە ئاي بولغان تۇرۇغلۇقمۇ يەنىلا مەھەللە خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، دائىم ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، يىغىن ئېچىپ، يېرىم كېچىگىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى، باشقىلار ئۇنى كۆرگەندە ئۇنىڭغا كۆيىنىپ، دەم ئېلىشقا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ئەزەلدىن بىرەر قېتىممۇ تىلغا ئېلىپ باقمىدى».

ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، مەھەللىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى ۋە جاپاسى تىلغا ئېلىنسا، ئۇ كۈلۈمسىرەپلا قويىدۇ، «ئېرىشكەن ھاسىلاتىم تۆلىگەن بەدەللىرىمدىن كۆپ، مەن قەلبىمنى ئاممىغا باغلىدىم، ئاممىنىڭ ماڭا بەرگىنى تېخىمۇ كۆپ بولدى» دېدى، ئۇ.

2014- يىلى شاۋ شۇچىن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بېڭتۈەنى 3- شىسى، تۇمشۇق شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر پىدائىي»، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى مۇنەۋۋەر پىدائىي» بولۇپ باھالاندى. 2016- يىلى «11- نۆۋەتلىك جۇڭگو ياش پىدائىيلىرى مۇنەۋۋەر شەخس مۇكاپاتى» غا ۋە «مەملىكەت بويىچە ئەڭ پەزىلەتلىك پىدائىي» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

ئۇ غەربىي شىمال چېگرا رايونىدىكى كەڭ سەھنىدە ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ، ئۆزىنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى» سەھىپىسىنى ياراتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى