قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئېغىر نامرات رايونلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ياخشىلاپ، نامرات ئاھالىلەر مەنپەئەتلىنەلەيدىغان كەسىپلەرنى، مەسىلەن: ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك»

2018-10-17 15:12:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئېغىر نامرات رايونلار ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ياخشىلاپ، نامرات ئاھالىلەر مەنپەئەتلىنەلەيدىغان كەسىپلەرنى، مەسىلەن: ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى ۋە مۇلازىمەت كەسپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار كەسىپلەر تەرەققىياتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەشنى بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قولغا كەلتۈرمەكتە.

يېقىنقى مەزگىلدە، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ماڭشىن بازىرى چاقىرقۇي كەنتىدىكى ساپالچىلىق ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ 7- ئەۋلاد ۋارىسى ئابدۇراخماننىڭ ساپال بۇيۇملىرىنى ياساش سىناق رايونىدا ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. تيەنجىنلىك ساياھەتچى جاڭ لىنشى مۇنداق دېدى: بۇ خىل قول ھۈنىرى بۇيۇملىرىنى ياسايدىغان جايغا كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خوش بولدۇم. مېنىڭچە، ساپال بۇيۇملار ماڭا ناھايىتى زور خۇشاللىق ئاتا قىلىدىكەن.

ئىلگىرى، ئابدۇراخماننىڭ ساپال بۇيۇملىرىنىڭ ھوزۇر بېرىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى كەمچىل بولغاچقا، سېتىلىش مىقدارى ئادەتتىكىچە ئىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ خىل ياخشى ھۈنەرنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا نامراتلىق ئىچىدە ياشىدى. 2016- يىلى 11- ئايدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ گۇاڭدۇڭدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى نادىر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ تېخنىكىسىنى كۆردۈم، مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ھۈنىرىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپچىلىك قارشى ئالىدىغان ھۈنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش نىيىتىگە كەلدىم.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر يەنە ئابدۇراخماننىڭ ئوغلى ئابدۇكېرىمنى ئۈرۈمچىگە ساپال ياسىمىچىلىقى ئىجادىيىتى بويىچە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتى. ھازىر دادا- بالا ئىككىسى ياسىغان لوڭقا، چىنە قاتارلىق 11 خىل ساپال بۇيۇمى چىرايلىق، نەپىس، كۆركەم بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئابدۇكېرەم مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ بۇرۇن ياسىغىنىم، بوياش، ئويما رەسىم قاتارلىق جەھەتلەردە ئانچە ياخشى ئەمەس. بۇ مېنىڭ يېقىندا ياسىغىنىم، ھازىر بۇ يېڭى مەھسۇلاتىمنى 400 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە ساتقىلى بولىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمەن.

ئابدۇراخمان ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، چاقىرقۇي كەنتىدىكى 142 ئائىلىلىك 690 نامرات ئاھالە ساپالچىلىق، ئۆي جاھازلىرى ئىشلەپچىقىرىش، پېچىنە- پىرەنىك پىشۇرۇش قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرگە پائال قاتناشتى. ھازىر 198 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قەيسەر مۇنداق دېدى: نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، كەنتىمىزنىڭ كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

جايلار بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپى ئاپتونوم رايونىمىز، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى. يېقىندا شىنجاڭ «نورتون» كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۈرچى يېزىسىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان نامراتلارنى يۆلەش سېخى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شىركەتنىڭ مەسئۇلى دىڭ چۇن مۇنداق دېدى: خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ يېرىمى نامرات ئائىلە. بىز ئىچكىرىدىن تەكلىپ قىلغان بىر تېخنىكا ئۆمىكىدىكىلەر ئۇلارغا تېخنىكا- ماھارەت ئۆگەتتى. بىز كېلەر يىلى 4- ئايغىچە زاكاز قوبۇل قىلىپ بولدۇق. بۇنداق بولغاندا ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىگە ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

نامراتلارنى يۆلەش سېخىنىڭ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈشىدىن نەپ ئالغان كەلپىن ناھىيەسى كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 273 ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. كەلپىن ناھىيەلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جياۋ بىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كەلپىن ناھىيەسىدە قۇرۇلغان نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇت سېخلىرىنىڭ كۆلىمى 18 مىڭ 400 كۇۋادرات مېتىرغا يەتتى. سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كارخانىسىدىن ئۈچى قۇرۇلۇپ، جەمئىي مىڭدىن كۆپرەك ئىش ئورنى تەسىس قىلىنىپ، ناھىيەدىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرى، بولۇپمۇ ئايال ئەمگەك كۈچلىرى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى بىلەن تەمىن ئېتىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز 69 مىڭ نامرات ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يىللىق پىلاننى ئاشۇرۇپ ئورۇندىغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى