قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى»

2018-10-17 15:19:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايون 2016- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىدارە- ئورگانلاردىن چىقىپ، يېزا- كەنت ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، سىردىشىپ، بېرىش- كېلىش قىلىپ، دوستانە ئۆتۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. .

مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتە، قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى گۈلباغ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ خۇڭ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى ھاۋاگۈل سۇبانىڭ ئۆيىگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ، ئۇنىڭغا يېڭىدىن سېتىۋالغان قىشلىق كىيىملەرنى ئاپىرىپ بەردى.

57 ياشلىق ھاۋاگۈل سۇبا ئېغىر يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان. ليۇ خۇڭ 2016- يىلى ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن دائىم ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ كېسىلىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزدى. ئىككىيلەن ياخشى ئاچا- سىڭىللاردىن بولۇپ قالدى. ھاۋاگۈل سۇبا مۇنداق دېدى: سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس. ليۇ خۇڭ مېنى دائىم يوقلاپ تۇرىدۇ. ماڭا تاماق ئېتىپ، ئۆي ئىشلىرىمنى قىلىشىپ بېرىدۇ. مەن دوختۇرخانىدا بىر قانچە قېتىم يېتىپ قالغاندا، كۈندۈزى ماڭا تاماق توشۇسا، كېچىسى ماڭا ھەمراھ بولدى. مەيلى كېلىنىمنىڭ خىزمەت ئىشى بولسۇن ياكى نەۋرەمنىڭ يەسلىگە كىرىش ئىشى بولسۇن، يېقىندىن ياردەم بەردى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى-- مېنى مانا مۇشۇنداق ياخشى سىڭىلغا ئېرىشتۈردى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. كۆپچىلىك ئاساسىي قاتلامدا كەڭ كۆلەمدە ئەھۋال ئىگىلەپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، يار- يۆلەكتە بولۇپ، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا «ئاتا- بالىلىق مېھرى» ئورناتتى. «ئاچا- سىڭىللىق مېھرى»، «ئاكا- ئۇكىلىق مېھرى» ئۈزۈكسىز كۈچەيدى.

بۇلتۇر 12- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى»نى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار پائال ئاۋاز قوشۇپ، تېز ھەرىكەت قىلدى. كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ تامىقىنى يەپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە يېتىپ، دېھقانلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ، ئامما بىلەن ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇپ، ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش جەريانىدا مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. ئىككى كۈندىن بۇيان، يېڭىسار ناھىيە سىتلى يېزىسىنىڭ ئۆستەڭبويى كەنتىدە كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ كادىرى راۋ شۆسۇڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە، قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئانارگۈل مەمتىمىن ئائىلىسىنىڭ بەش مو يەردىكى پاختىسىنى ئۈزۈشىگە ياردەملەشتى. ئەمگەك جەريانىدا، ئۇلار مول ھوسۇل شادلىقىنى ئورتاق ھىس قىلدى. ئانارگۈل مەمتىمىن مۇنداق دېدى: راۋ شۆسۇڭ ھەر قېتىم ئۆيگە كەلگەندە، مېنىڭ كەچلىك كۇرسقا بېرىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشىمگە مەدەت بەردى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىشىمغا ياردەم بەردى. ئۇ يەنە يولدىشىمغا ياردەم قىلىپ خىزمەت ئالاقىلىشىپ بەردى. ھازىر ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى مۇقىملاشتى، شۆسۇڭ ئاكامغا رەھمەت ئېيتىمەن. كېيىن پۇرسەت بولسا، ئۈرۈمچىگە، ئاكامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىمىز.

بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلىلەرگە بېرىش سانى 49 مىليون قېتىمغا يەتتى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» نى باش تېما قىلغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ سانى 12 مىليون مەيداندىن ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى مىللەت ۋە دىن نەزەرىيەسى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى فاڭ مۇنداق دېدى: ئىككى يىل ئىچىدە، مەيلى چوڭقۇرلۇق، كەڭلىك، مەزمۇن ۋە چېتىلىش دائىرىسىدە بولسۇن، ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. ئامما بىلەن قانچە يېقىن ماڭسىڭىز، ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشتا بىۋاستە رول ئوينايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا شەكىللەنگەن بۇ خىل ھىسسىيات-- مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم ھېسسىيات تايانچىسى ھىساپلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى