قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 بارىكۆل يايلىقىدىكى چارۋىچىلار بېيىش يولىغا باشلاندى

2018-10-17 15:22:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

شىنجاڭ «تىيانشان گۇڭياڭ» دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چىن بىن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، «تىيانشان گۇڭياڭ» ماركىسىنى ياراتقاندىن باشقا يەنە بارىكۆل يايلىقىدىكى چارۋىچىلارنى بېيىش يولىغا باشلىدى.

بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ئەلا سۈپەتلىك يايلاقلاردا بېقىلغان كالا- قويلارنىڭ گۆشى يۇمشاق، يىيىشلىك كىلىدۇ. 2015- يىلى ئىگىلىك تىكلەش نىيىتىگە كەلگەن چىن بىن يېرىم يىل چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ «تىيانشان گۇڭياڭ» دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، بارىكۆل ناھىيەسىنى شىنجاڭ «تىيانشان گۇڭياڭ» دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلدى. ئەمما، ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇ قاتمۇ- قات قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنئەنىۋى قاراش بويىچە قوي باقمىچىلىقى بىر قەدەر يىرىك، بىر قەدەر ئاددىي خىزمەت بولۇپ، قوي گۆشى سېتىشنى ھېچكىم خالىمايتتى. ئەمما، بىز خېلى ئۇزاققىچە بەرداشلىق بېرىپ، كارخانا مەدەنىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە «تىيانشان گۇڭياڭ» ماركىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات بوشلۇقى ئارقىلىق، بىر قىسىم مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلدۇق.

بارىكۆل يايلىقىدا نۇرغۇن چارۋىچى دەسلەپتە چىن بىنغا ئىشەنمىدى. چىن بىن ۋە ئۇنىڭ ئەترىتىدىكىلەر چارۋىچىلارنى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، مەيلى قەھرىتان سوغۇق ياكى تومۇز ئىسسىق بولسۇن زېرىكمەستىن چارۋىچىلارنىڭ قوتانلىرىغا بېرىپ، بېيىش يوللىرىنى چۈشەندۈردى. بەزىدە ۋاقىت يېتىشمىگەنلىكتىن، يۇيۇنۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، پۈتۈن بەدىنى چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىغى پۇرىغان ھالدا دوستلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى دوستلىرى ئۇنى «قويچى» دەپ چاقىرىدىغان بولدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە تېخىمۇ كۆپ چارۋىچى كوپىراتىپقا كىرىپ، كارخانىنى ئەلا سۈپەتلىك قوي گۆشى بىلەن تەمىنلىدى.

قوي گۆشىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن پۇقرالارنىڭ تاماق ئۈستىلىگىچە بولغان مۇھىم ھالقا-- ئىسكىلاتتا ساقلاش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئىدى. چىن بىن قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭى بولۇشى ۋە ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە خىزمەتچىلەرنى باشلاپ بىللە مال توشۇدى. شىركەت خىزمەتچىسى خۇ چۇڭلىن مۇنداق دېدى: چىن باش دىرېكتور ھەر قېتىم بىز بىلەن بىللە نۆلدىن تۆۋەن 18 گىرادۇسلۇق ئامباردا مال يۆتكەيدۇ، مال چۈشۈرىدۇ. بىز ئاساسەن سەھەر سائەت بىر، ئىككىدىن باشلاپ كېچە سائەت تۆت، بەشكىچە ئىشلەيمىز.

شىركەت مانا مۇشۇنداق، «چارۋىچىلىق مەيدانىدىن تاماق ئۈستىلىگە بىۋاستە يېتىپ بېرىش» نى ئىشلەپچىقىرىش ئىدىيەسى قىلىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ شەرقىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگو، شىمالىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگو، غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمالدا سېتىشنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە 2016- يىلى شاڭخەي پاي ھوقۇقى سودا مەركىزىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ، پاي چېكىنى بازارغا سالدى. چارۋىچىلارمۇ چىن بىنغا ئەگىشىپ بېيىدى. چارۋىچى ماقسات مۇنداق دېدى: كىرىمىمىز كۆپەيدى، تۇرمۇشىمىزمۇ ياخشىلاندى، ھازىر قوي بېقىشنى ناھايىتى خالايدىغان بولدۇق. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ساغلام، سۈپەتلىك قوي گۆشى يىگەندە، بىز ناھايىتى خوشال بولىمىز، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ھىس قىلىمىز.

چىن بىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئۈچ يىلدا يەنە 500 دۇكان ئېچىپ شەرقى جۇڭگو، جەنۇبى جۇڭگو ئىستىمالچىلىرىنى شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچىلارنى يېتەكلەپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە تۈرتكە بولىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى