قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئارشاڭ» دەپ نام ئالغان باي ناھىيەسىدىكى تېرەك ئارشىڭى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي تىجارەت باشلىدى

2018-10-17 15:23:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

ئۈچ يىل رېمونت قىلىش ئارقىلىق، «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئارشاڭ» دەپ نام ئالغان باي ناھىيەسىدىكى تېرەك ئارشىڭى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي تىجارەت باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۈزلۈك ۋە قىشلىق ساياھەت ئىشلىرىغا كۈچ قوشتى.

تېرەك ئارشىڭى-- تارىم دەرياسىنىڭ ئاساسلىق تارماق ئېقىنى بولغان قاپسىلاڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان بولۇپ، باي ناھىيە بازىرىغا 55 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ يەرنى تاغلار ئوراپ تۇرىدىغان بولغانلىقتىن، ھاۋاسى ساپ، دەريا بويىدىكى 200 مېتىر يەرنىڭ ھەممىسىدىن ئىسسىق سۇ ئېقىپ چىقىدۇ. ھازىر كەچ كۈز پەسلى، كىشىلەر كۈز پەسلىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئىللىق قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، ئارشاڭغا چۆمۈلۈشمۇ بىر خىل ياخشى ئارام ئېلىش ئۇسۇلى ھىساپلىنىدۇ. تېرەك ئارشىڭىدا تىجارەت باشلىنىشى بىلەنلا ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. خېنەنلىك ساياھەتچى لى خۇڭيەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭغا كەلگەن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەك خۇش بولدۇق. بۇ يەرنىڭ سۈيى ئىسسىق بولغاچقا، بالىلار بەك خۇشال ئوينىدى. بىز چوڭلارمۇ خۇش بولدۇق.

مەنزىرە رايونىدىكى بۇلاق كۆزى 400 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، سۇنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 61 سېلسىيە گرادۇس كىلىدۇ. ئىلگىرى سۇ بۇلاق ئېغىزىدىن چىققاندا بىر تەرەپ قىلىنمىغاچقا، سۇ مۇنچىغا بىۋاستە كىرىپ، سۇ تېمپېراتۇرىسى بەزىدە تۆۋەن بەزىدە يۇقىرى بولۇپ كېتەتتى. ھازىر بۇلاق ئېغىزىدىن چىققان سۇ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گرادۇستا كونتىرول قىلىنىپ، چوڭلار ۋە بالىلار سۇ ئۈزسە ناھايىتى راھەت ھىس قىلىدىغان بولدى. باي ناھىيەسىدىكى تېرەك ئارشىڭى ئارام ئېلىش رايونىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ گۇاڭشيەن مۇنداق دېدى: ھازىر سۇنىڭ ھەممىسى ئېقىن سۇ بولغاننىڭ ئۈستىگە ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلەيمىز. بۇ يەرگە كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆزىنى ناھايىتى راھەت ھىس قىلىدۇ.

تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىنىشىچە، تېرەك ئارشىڭىدىكى سۇنىڭ تەركىبىدە لىتىي، بور قاتارلىق مېنىرال ماددىلار مول بولۇپ، داۋالاش ئۆلچىمىگە يېتىدىكەن. تېرە كېسەللىكى، بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاش ۋە ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە ئىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى