قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ھەمدەمدە بولۇپ، جان- دىل بىلەن خەلقنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش»

2018-10-18 17:37:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىككى كۈندىن بۇيان، مەكىت ناھىيەسىنىڭ شىيىتدۆڭ يېزا چوڭقۇرمەھەللە كەنتىدىكى مامۇت مەمەت قوشماقلاشقان تۇغقىنى، شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىنىڭ كادىرى ۋاڭ مېينى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ھويلىنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش بولدى. مامۇت مەمەتنىڭ ئۆيلىرى ھازىر پاكىزە، رەتلىك بولغىنى بىلەن 2016- يىلى ۋاڭ مېي قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى تازلىقى ناچار ھەم قالايمىقان كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، پارچە- پۇرات ئىشلارنى قىلىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ۋاڭ مېي تۇغقىنىنىڭ بۇ تۇرمۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىكتە مامۇت مەمەتنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانى- كەپتەر باقمىچىلىق پىلانى تۈزدى. مامۇت مەمەت مۇنداق دېدى: ئاچام مېنى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىگە باشلاپ باردى. ئۇ باقمىچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگەنگەچ خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭدى. قايتىپ كېلىپ مەن بىلەن مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ ھەر ھەپتىسى ماڭا تېلېفون بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ تۇردى. بىلمەيدىغانلىرىمنى سۈرۈشتۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنى ئىزدەپ ھەل قىلىپ بەردى، مېنى ئۆز ئىنىسىدەك كۆردى. شۇڭا، مەنمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرەك.

ھازىر مامۇت مەمەت كەنتتىكى گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق ماھىرى بولۇپ قالدى ھەم كەپتەر بېقىپ پۇل تاپتى. كالا، قوي سېتىۋېلىپ ھويلا- ئارام باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇردى. بىر ئائىلە كىشىلىرىمۇ ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيدىن ئازادە، يورۇق، خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى. يېقىندا ئاچا- ئىنى ئىككىيلەن كېلەر يىللىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىشىنى مەسلىھەتلەشتى. ۋاڭ مېي مۇنداق دېدى: ئىنىم ئاستا- ئاستا ئۆز كۈچىگە تايىنىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولدى. شۇڭا، ناھايىتى خوشال بولدۇم. ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى پات يېقىندا ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەن ئىنىمغا نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى تېپىپ بېرىشنى پىلانلىدىم. مەسىلەن: ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى ياخشىلىغاندا، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تۇغقان بولغاندىن كېيىن ئۆمۈرلۈك رېشتە باغلىنىدۇ. مەن تۇغقاندارچىلىقىمىزنىڭ سىجىل داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم تۇغقىنىنى يوقلاپ، ئۇلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى. جايلار، ئورۇنلارمۇ بەس- بەستە يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنى ۋاستە قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى 16 نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كارخانىسى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 26 كارخانىسىنى ماسلاشتۇرۇپ، شەھەر- يېزىلاردىكى 10 مىڭ 680 ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. «جوڭتەي» گۇروھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «1+2» قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇش، ياردەم بېرىش ئۇسۇلىنى يارىتىپ، شىركەت قوبۇل قىلغان جەنۇبىي شىنجاڭلىق دېھقان ئىشلەمچىلەرنى كەسپىي تېخنىكا ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە دۆلەت ئورتاق تىل ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا تەشكىللىدى. «جوڭتەي» گۇروھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمگەچىلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يىن چۈنفىڭ مۇنداق دېدى: ئاساسلىقى ئۇلارنى خىزمەت، تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق تەدبىر قوللاندۇق. ئۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى. بۇلتۇر 4- ئايدا بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كەلگەن بۇخەلچەم دىگەن قىز دۆلەت ئورتاق تىلىدا ئاساسىي جەھەتتىن پىكىر ئالماشتۇرالمايتتى. بىز ئۇنىڭغا ئىككى ئوقۇتقۇچى سەپلەپ بەردۇق. بۇ يىل 2- ئايدا بىز تەشكىللىگەن ئىمتىھاندا ئۇ 92 نومۇر ئالدى. ھازىر ئايدا 5 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئىش ھەققى ئالىدۇ.

ھەر قايسى ئورۇنلار، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلگىرى ئوچاق بېشىدىلا يۈرۈيدىغان يېزا ئاياللىرى ئۆيدىن چىقىپ سانائەت ئىشچىسى بولدى. ئىلگىرى ئىنتېرنېت تورىنى بىلمەيدىغان دېھقانلار ھازىر تور دۇكىنى ئاچتى. ئىلگىرى كۈنلىرىنى بىكار ئۆتكۈزىدىغان ياشلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاشپەزلىك، ساتىراچلىق قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئىگىلەپ، ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش يولىغا ماڭدى. ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن باشلاپ، بۇ يىل 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار ۋە ئىشچى- خىزمەتچىلەر جەمئىي 37 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇل ۋە ماددى بۇيۇم، 590 مىليون يۈەن نەق پۇل ئىئانە قىلغان. داۋالىنىش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىغا 11 مىليون قېتىمدىن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەن. ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى دۈەن خوڭيا مۇنداق دېدى: تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقىل- پاراسەت ئارقىلىق يۆلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىغا «كۈتۈپ تۇرۇش، يۆلىنىۋېلىش، تاما قىلىش» ئىدىيەسىنى تۈگىتىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكلەش؛ ئىلغار تىپلارنى يىتىلدۈرۈپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئاممىنى ئۆزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش كېرەك. تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھىس قىلدۇرۇش لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى