قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بەيبىشە كەنتى يىراق- يېقىندا نامى بار «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت» بولۇپ قالدى

2018-10-18 17:39:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئالتۇن ئېمىل يېزا بەيبىشە كەنتى ئىلگىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇشتىكى نۇقتىلىق كەنت ئىدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئايقىن قادىسنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت ئاھالىلىرى چارۋىچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى. بەيبىشە كەنتى يىراق- يېقىندا نامى بار «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت» بولۇپ قالدى.

بەيبىشە كەنتىنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار بولۇپ، 2014- يىلىدىن بۇرۇن، كەنتتىكى 401 ئائىلىنىڭ 309 ئى نامرات ئائىلە ئىدى. ئايقىن قادىس ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئىلگىرى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ زېھنى ئۆتكۈر، پۇت- قولى چاققان بولغاچقا، 2012- يىلى ئايقىن قادىس قوي، كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، شۇ يىلىلا 6 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، ئايقىن قادىس ئائىلىسى 30 تۇياقتىن ئارتۇق كالا ۋە 150 تۇياقتىن ئارتۇق قويى بار باقمىچىلىق ئائىلىسىگە ئايلاندى.

2014- يىلى ئايقىن قادىس بەيبىشە كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى. ئۇ ئۆزى توپلىغان باقمىچىلىق تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، ھويلا- ئارام باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى. مەيلى ھەر ھەپتىدە دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ياكى پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەشتە بولسۇن، ئايقىن قادىس كۆپچىلىككە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پايدىسىنى ئېرىنمەي سۆزلەپ تۇردى. ئۇنىڭ سەپەرۋەرلىكىدە، كەنت ئاھالىسى جاۋ ۋېنتيەن 600 كۇۋادرات مېتىرلىق قوتان سېلىپ، تۇنجى يىلىلا ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. جاۋ ۋېنتيەن مۇنداق دېدى: ئايقىن شۇجى بىزنى دائىم ئۆگىنىشكە، قوتان باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ، قوتان باقمىچىلىقىنىڭ ئۈنۈمى تېز، تەننەرخى تۆۋەن ئىكەن.

ئايقىن قادىسنىڭ تەشەببۇسى بىلەن كەنت يەنە 2 مىڭ مو كوللېكتىپ يېرىنى 169 نامرات ئائىلىگە ھۆددىگە بېرىپ، يەم- خەشەك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى.

ئايقىن قادىس يەنە كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ، مەبلەغ جۇغلاپ، كەنتنىڭ ئالدىدىكى تاشيولنىڭ يېنىغا سودا بازىرى قۇرۇپ، 60 نەچچە يايما ئورنى تەسىس قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆزگىچە يېمەكلىكلەر تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يىتەكلىدى. كەنت ئاھالىسى شايالاش ماخىسقان مۇنداق دېدى: ئاشخانا ئېچىپ، ھازىر يىللىق كىرىمىم 30 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن ئاشخانىنى كېڭەيتىپ، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولۇۋاتىمەن، تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

ئايقىن قادىس كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەنت كادىرلىرىنى باشلاپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە كەنتتىكى ئېشىنچە ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانات يايدۇرۇپ، ئادەمگە ئېھتىياجلىق ئورۇنلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، 80 نەچچە ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئايقىن قادىس مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن بىز دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ يەر ئوبوروتى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ 3- كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىپ، روناق تېپىشىنى پىلانلىدۇق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى