قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«قىزىل بايراق ئۆستىڭىنىڭ ئىزىنى ئىزدەش»

2018-10-18 18:23:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

800 چاقىرىمدىن كۆپرەك ئۇزۇنلىقتىكى تەيخاڭشەن تېغىدىن جەنۇبقا قاراپ ماڭغاندا، سەنشى- خېبېي- خېنەن چېگرىلىنىدىغان جايدا خەتەرلىك تەيخاڭشەن جىلغىسى بار. نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، تەيخاڭشەن تېغى يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكىشى بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلاپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، «سۈنىي سامانيولى» قىزىل بايراق ئۆستىڭى بارلىققا كەلدى. لىنشيەن ناھىيەسى خەلقى «تاغ- دەريالارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قەسەم بېرىش» تىن ئىبارەت يۈكسەك ئىرادە ۋە «جاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئورمانغا باشلاش» ئارزۇسى بىلەن تەيخاڭشەن تېغىدا جىلغىلارنى تىندۇرۇپ، تاغنى تۈزلەپ، تونىل ياساپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1 مىڭ 500 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۆستەڭنى چېپىپ چىقتى. جاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، فېنشۈيلىڭدا ئۈچ غول ئۆستەڭ ياسالغاندىن كېيىن، تۆت تەرىپى مىڭلىغان تارماق ئۆستەڭ، ئوق ئۆستەڭ ۋە ئېرىقلارغا ئايرىلىپ، سۇغا تەشنا زىرائەتلەرنى سۇغۇرۇپ، سارغايغان تاغ ئورمىنىنى يېشىللىققا پۈركەندۈردى.

مەن ھەر قېتىم قىزىل بايراق ئۆستىڭىنى زىيارەت قىلغاندا، ھۇجۇدۇم تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە لەرزىگە كېلىدۇ. مەن تاغنىڭ تېگىدە تۇرۇپ ئۈستىگە قارىغىنىمدا، تاغ باغرىدىكى بۆلەك بۆلەككە ئايرىلغان ئۆستەڭ غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشاش قويۇق ئورمانلىققا يوشۇرۇنغان بولۇپ، قەلبىمدە بىردىن ھۆرمەت تۇيغۇسى ئۇرغۇيدۇ. ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئىككى قولۇم بىلەن قېلىن، چىڭ جىپىشلاشقان ئېرىق تېشىنى تۇتقىنىمدا، ئىختىيارسىز نەپەس ئېلىشنى توختاتتىم. مەن ئۆستەڭ قىرغىقىغا ئورنىتىلغان تاش تۈۋرۈك ئۈستىدىكى «قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش» دېگەن خەتلەرنى تەپسىلىي پەرق ئەتكەندىن كېيىن، بىردىنلا ئۇنىڭ ئۆچمەس سىرىنى چۈشەندىم. بۇ دەقىقىدە، يېشىل تاغ- دەريالار جىمجىت، يەر- زېمىن تۆۋەن بولۇپ، خۇددى ھەممە يەردە قىزىل بايراقلارنىڭ لەپىلدەۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاۋازى جاھاننى لەرزىگە سالغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.

بۇ بىر قەھرىمان ياسىغان ئۆستەڭ، بۇ جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت ياراتقان مۆجىزە. لىنشيەن ناھىيەسىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ نۇرغۇن تارىخىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى بار. ھالبۇكى ئۈچ ئۆستەڭ، ئۈچ ئادەم -- يەرلىكتىكىلەرنىڭ خاتىرىسىدە ئالاھىدە ئېنىق. بىرىنچىسى، تيەنپىڭ ئۆستىڭى بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئايماق بېگى بولغان لى خەنچىڭ باش بولۇپ ياساپ، تيەنپىڭشەن تېغىنىڭ سۈيىنى باشلاپ كېلىپ، شۇ جاينىڭ قۇرغاقچىلىق ۋە سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. گەرچە ئون نەچچە كەنتتىكى ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىگە چېتىلسىمۇ، كېيىنكىلەرگە ئىلھام بولغان. ئىككىنچىسى، شېگوڭ ئۆستىڭى بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ۋەنلى يىللىرىدا ئامبال بولغان شيې سىسۇڭ ئەمەلدارلارنى تەشكىللەپ، خۇڭگۇشەن تېغىدىكى بۇلاقتىن سۇ باشلاپ، 40 نەچچە كەنتتىكى ئادەم، چارۋىلارنىڭ سۇ ۋە سۇغىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. ئۈچۈنچىسى، قىزىل بايراق ئۆستىڭى بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئېتىز- ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلغاندا، لىنشيەن ناھىيىسىدىمۇ يىنشاڭ سۇ ئامبىرى، نەنگۇدۇڭ سۇ ئامبىرى قاتارلىق سۇ ئىنشائاتى ئەسلىھەلىرى ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلغان. 1958- يىلىدىكى ئېغىر قۇرغاقچىلىقتا، دەريا- ئېقىنلار ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغان سۇ ئامبارلىرى قۇرۇپ تېگى كۆرۈنۈپ قالغاندا، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ گۈي قاتارلىقلار چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئاساسىدا، «جاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئورمانغا باشلاش» توغرىسىدىكى ئىجادىي تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خېنەن، سەنشى ئىككى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئون يىل جاپالىق ئىشلەش نەتىجىسىدە، قىزىل بايراق ئۆستىڭى تەيخاڭشەن تېغىدا قەد كۆتۈرۈپ، جاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى تاغنى كېسىپ ئۆتۈپ، لىنشيەن ناھىيەسىنىڭ قۇرغاق، سۇ كەمچىل بولۇش تارىخىغا تۈپتىن خاتىمە بەرگەن. ھازىرغىچە لىنشيەن خەلقى ياڭ گۇينى «پېشقەدەم شۇجى» دەپ ئاتايدۇ.

تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كىم پۇقرالار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي نەتىجە قازىنالىسا، كىشىلەر ئۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

«تەيخاڭ تېغىنى يېرىپ، جاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاش-- لىنشيەن خەلقى ئۇلۇغۋار ئىرادىگە كېلىپ، تاغ- دەريالارنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بەرگەن قەسىمى». بەزىلەر «قىزىل بايراق ئۆستىڭى» دېگەن كىنونىڭ ناخشىسىنى ئېيتتى، مەن ئۇنى ئاڭلاپ چوڭقۇر ئويغا چۆمدۈم. بۇ مۆجىزە نېمىشقا بۇ يەردە يۈز بېرىدۇ؟ ئەسلىدە سۈكۈتكە چۆمگەن تاغلىق خەلقنىڭ مەردانە جاسارىتى نەدىن كەلدى؟ يەنە كىم قانداق ۋاستە قوللىنىپ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان جاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى يۇۋاشلىق بىلەن گەپكە كىرگۈزۈپ، بىر ئۇچى تاغدا ئاقسا يەنە بىر ئۇچى پەستە شەرققە قاراپ ئاقىدىغان قىلدى؟ ھەيۋەتلىك جەنۇبىي تەيخاڭشەن تېغى، چەكسىز سېرىق تۇپراق مېنىڭ سوئالىمغا جاۋاب بېرەلەمدۇ- يوق؟ بۇنى بىلمەيمەن.

لىنشيەن ناھىيەسى تەيخاڭشەننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، شىمالىي تەرىپى جاڭخې دەرياسىغا چېگىرلىنىدۇ، غەرىپ تەرىپى تەيخاڭشەنگە تايىنىدۇ، شەرىقتىن قارىسا تۈزلەڭلىك كۆرۈنىدۇ، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي تەرىپىدىن شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكىگە بارىدىغان مۇھىم يول. تاغنىڭ ئوڭ سول تەرىپى، دەريانىڭ ئۈستۈنكى تۆۋەنكى تەرەپلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، كەڭ قورساقلىقى، سەنشى مەدەنىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتچىل بولۇشى، يەن جاۋ مەدەنىيىتىنىڭ مەردانە روھى جەنۇبتىكى تەيخاڭشەن تېغىدا ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، يۇگۇڭنىڭ تاغ يۆتكىشىدەك ئېگىلمەس- سۇنماس روھنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇنداقلا يەنە شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قەيسەر، ئاددى- ساددا مىجەزىنى ياراتقان. بۇ روشەن مەدەنىيەت گېنى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكلەر، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ جىسمىغا يوشۇرۇنۇپ، ئاخىرى قاينام- تاشقىنلىققا تولغان 20- ئەسىردە نامايان بولدى.

لىنشيەن ناھىيەسى بولسا ئىنقىلابىي كونا رايون، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشى سىنىقىغا بەرداشلىق بەرگەن، تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئالدىدىكى كۈچلۈك قىزىل قورغان. ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەش داۋامىدا، لىنشيەن ناھىيىەسىدە گۇ ۋېنچاڭغا ئوخشاش بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوغۇل- قىزلار پەيدىنپەي ئۆسۈپ يېتىلىپ، لىنشيەن ناھىيەسى ئازاد بولغاندىن كېيىن، يەنە ئاكتىپلىق بىلەن جەنۇبتىكى تارماق ئەترەتنىڭ شەرقىي جەنۇبنى ئازاد قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا قاتناشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قۇربان بولدى، بەزىلىرى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتتى، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى سادىقلىق، باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، كۈرەش قىلىش، تۆھپە قوشۇش روھى قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھى بىلەن تومۇرداش بولدى. ياڭ گۈي قاتارلىق ئۇرۇشنى بېشىدىن كەچۈرگەن پارتىيەلىك كادىرلار شەخسىي پايدا- زىيىنى بىلەن ھېسابلاشماي، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، شامالغا ئەگىشىپ يالغان مەلۇم قىلماي، قىزىل بايراق ئۆستىڭىنىڭ ئىشى ئۈچۈن قىممەتلىك ئاساس توپلىدى. ئۇلارنىڭ خاراكتېرى گۇ ۋېنچاڭ بىلەن ئوخشاش بولۇپ، قەلبىدە پارتىيە، خەلق بولۇش، مەسۇلىيەتنى زېممىسىگە ئېلىشنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇردى. ئىنقىلاب ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئىنقىلاب يەنە شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاخىرىدا «لىنشيەندىكى تاغ- دەريانى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

مەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ، قىزىل بايراق ئۆستىڭىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا قۇرۇلۇش تېخنىكا شارائىتى قالاق بولغاچقا، ئادەم كۈچى، پارتلاتقۇچ دورا ۋە ئاددىي سايمانلار بىلەن تىك قىيالاردا ئۆستەڭ چېپىپ، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ قىيىنلىقىنى، قۇرۇلۇش مىقدارىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. قىزىل بايراق ئۆستىڭى خاتىرە سارىيىدا تارىخ بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا مېڭىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشەندىم. قىزىل بايراق ئۆستىڭى قۇرۇلۇش باشلانغان ئۈچ يىل، دەل قىيىنچىلىق مەزگىلى بولۇپ، يۇقىرى يەرلىكنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاشقا قۇربى يەتمىگەچكە، لىشيەن ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى كۈتۈپ تۇرماي، «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئەڭگۈشتەر، كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، ئېرىق- ئۆستەڭ قۇرۇشتا دۆلەتكە تايىنىشقا بولمايدۇ» دېگەن روھ بىلەن قىيىنچىلىققا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەن. بۇنداق غايەت زور قۇرۇلۇشتا ئەينى يىللاردىكى نامرات لىنشيەن خەلقى قىيىنچىلىقنى قانداق قىلىپ «ئۆز ئالدىغا ھەل قىلدى»؟ كۆرگەزمە زالىدىكى ھەر بىر پارچە سۈرەت، ھەر بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشلىرى، ئەمەلىي بۇيۇم، يېزىقچە چۈشەندۈرۈشلەر بىزگە ئەينى يىللاردىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. ناھىيە بويىچە 500 مىڭ نوپۇس بار بولۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تاغقا چىقىپ، ئۆستەڭ چېپىشقا قاتناشقان. كىشىلەر قىيا، تاغ ئۆڭكۈرلىرىدە تۇرۇپ، قارا ئاشلىق يەپ، توختىماي تاغ يېرىپ ئۆستەڭ چاپقان، ئۇلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسى كۆتۈرەڭگۈ، ئىرادىسى قەيسەر بولۇپ، كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ. ئۆستەڭ چېپىشقا 10 يىل كەتكەن، بۇ جەرياندا ناھىيە بويىچە بارلىق كادىرلار ھەتتا ھەر ئايدا 29 جىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىقتىن ئىككى جىڭ ئاجرىتىپ ئۆستەڭ چېپىشقا ياردەم بەرگەن، ھەتتا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ياڭ گۇيمۇ قورسىقى ئېچىپ ئىش ئورنىدا ھوشىدىن كەتكەن. بۇنداق ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، قانداقسىگە كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالمايدۇ؟ بۇنداق جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەشتىن كىممۇ تەسىرلەنمىسۇن؟

ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىش ئارقىسىدا، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ. باش غول ئۆستەڭنىڭ بېشىدىن تارتىپ سۇ بۆلگۈچ چوققىغىچە 70 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، چۈشۈش پەرقى ئاران 10 نەچچە مېتىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆستەڭ لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى تىك يارغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆلچەش ۋە قۇرۇلۇشنىڭ توغرىلىق تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى. ۋۇ زۇتەي تېخنىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەيدىغان بىر تۈركۈم يەرلىك مۇتەخەسسىسلەرنى باشلاپ، پەقەت بىر ئاددىي ئۆلچەش ئەسۋابىنى ئىشلىتىپ، بۇ تېخنىكا رىقابىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرغان. باش غول ئۆستەڭ بىلەن جوخې دەرياسى گىرەلىشىپ كەتكەن زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، «توسمىدىن ئۆستەڭ سۈيى ئۆتىدىغان، توسما ئۈستىدىن دەريا سۈيى ئېقىپ تۇرىدىغان» ئۆزگىچە كاۋاك توسما لايىھىلەپ، ئۆستەڭ سۈيىنى دەرياغا قويۇلمايدىغان قىلغان؛ شاپتۇللۇق سۈڭگىچىنى ياسىغاندا «ئاددىي ئەگمە جازا ئۇسۇلى» كەشىپ قىلىنىپ، «سۈڭگۈچ ئاستىدا كەلكۈن، سۈڭگۈچ ئوتتۇرىسىدا ئېرىق سۈيى ئۆتۈش، سۈڭگۈچ ئۈستىدە ئاپتوموبىل ماڭالايدىغان بولۇش» تەك ئۇستىلىق بىلەن لايىھىلەنگەن «شاپتۇلزارلىق كۆۋرۈكى» نى ياساپ چىققان؛ تاغدىكى ئۆستەڭ تاملىرىنى قوپۇرۇش ئۈچۈن زور مىقداردا ماتېرىيال كېتىدىغان بولغاچقا، ئادەم كۈچىگە تايىنىپلا كۆتۈرۈپ يۆتكەشنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن بولاتتى. شۇڭا، يەرلىك ئۇسۇلدا ھاۋا بوشلۇقىغا «ھاۋادىن توشۇش سىمى» تارتىلىپ، ھاك، قۇم، سۇ قاتارلىقلار تاغ ئېتىكىدىن بىۋاستە قۇرۇلۇش ئورنىغا يەتكۈزۈلگەن؛ ئۆستەڭ چېپىپ، غار تېشىشتا، زور مىقداردىكى تاش- شېغىل قېزىپ چىقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېرەكسىز نەرسىلەردىن قايتا پايدىلىنىپ، ئۆستەڭ بويىدا يول ياسىلىپ، تاش- شېغىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنلغان؛ قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ئۈستى ئوچۇق خۇمدانغا يېقىن جايدا ھاك كۆيدۈرۈپ، ئۆستەڭ چېپىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماي، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخ ۋە توشۇش كۈچى تېجەلگەن. ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك بۇ ئاددىي كىشىلەر ئاجايىپ نەتىجىلەرنى ياراتقان، ئۇلارنىڭ قالدۇرغىنىنى قانداقسىمۇ فىزىكىلىق مەنىدىكى ئۆستەڭ دېگىلى بولسۇن؟

بەخت ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئۇ كۈرەش قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى مۇكاپات. لىنشىيەن ناھىيەسى خەلقى ئەمگەكچان، باتۇر ئىككى قولى بىلەن قىزىل بايراق ئۆستىڭىنى ياساپ، سۇ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بىتەلەي تەقدىرىنى ئۈزۈل ـ كېسىل ئۆزگەرتتى. ئىلگىرىكى قاقاس تاغلار سۈزۈك سۇغا، يېشىل تاغقا، قۇرۇپ كەتكەن ئېتىزلار مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندى، كىشىلەرنىڭ روھىي قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى. «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، خالىس تۆھپە قوشۇش» تىن ئىبارەت قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھىدىن ھوسۇل ئالدى. لېكىن، تېخىمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىغىنى، لىنشيەن خەلقى ھازىرقى ھالەتتە توختاپ قېلىشقا رازى بولماي، بەلكى تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار ئارزۇغا ئىگە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر رېتىمىگە ئەگىشىپ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھىغا مەڭگۈ ئىلگىرىلەيدىغان، جاھاننىڭ ئالدىدا مېڭىشقا جۈرەت قىلىدىغان روھ ئاتا قىلدى. مەن قىزىل بايراق ئۆستىڭى خاتىرە سارىيىدا بىر تۈركۈم قۇرۇلۇش قوشۇنىنىڭ چوڭ تاغلاردىن چىقىپ، چوڭ شەھەرلەرنى گۈزەل قىلىپ ياسىغانلىقى، كىچىك ئائىلىلەرنى باياشات قىلغانلىقى، نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ بەس- بەستە گۈللەپ، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانلىقى، چوڭ جىلغىلارنىڭ ئالتۇن تاغقا ئايلانغانلىقىنى كۆردۈم. تاغلىق شەھەر لىنشيەن ناھىيەسى زامانىۋى يېڭى ئورمان رايونىغا ئايلانغان ئىدى. كۈرەش-- مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان ئىنتىلىش، ئىنتىلىش-- دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ كۈرەش قىلىشتۇر. لىنشيەن خەلقىنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىپ ئىلگىرلەش ئىزىدىن، مەن تېخىمۇ كۆپ خەلقنىڭ كۈرەش روھى، قەلبىنى ۋە ئارزۇسىنى كۆردۈم.

تەقدىر ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىشتىن مەڭگۈ ۋاز كەچمەيمىز، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، خالىس تۆھپە قوشۇشنى مەڭگۈ قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىز كۈرەش قىلغۇچى قىياپىتىمىز بىلەن، قىزىل بايراق ئۆستىڭى روھىغا ھۆرمەت بىلدۈرەيلى!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى