قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «ئىلىم- پەن تارىخىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقتا <چېگرانى گۈللەندۈرۈپ زېمىننى كېڭەيتىش>»

2018-10-18 18:24:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جاڭ بوتيەن تەرجىمانلىقتا نام چىقارغان. گەرچە ئۇ تەرجىمە قىلغان كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگودا ئەمدىلا گۈللىنىۋاتقان ئىلىم ساھەسى-- ئىلىم- پەن ئىدىيە تارىخىغا تەۋە بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قىزىقىدىغان ھەمدە ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ئادەم كۆپ ئەمەس.

جاڭ بۇتيەن بۇلتۇر 4- ئايدا، ئۇ چىڭخۇا داشۆشىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان پەن تارىخشۇناسلىقى فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى. ئۇ 1979- يىلى تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي يېشىدىن ياش كۆرۈنىدىغان بولۇپ، سەمىمىي ھەم تۈز، سالماق تەلەپپۇزدا سۆزلەيتتى. بۇنداق ئادەم بىلەن پاراڭلىشىش بىر خىل كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى.

9- ئايدا جاڭ بوتيەن تۇنجى قېتىم دەرس ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ئەسىر ئىلىم- پەن تارىخىنى سۆزلىدى. ئۇ «بۇنىڭدىن كېيىن تەرجىمە قىلىدىغان ۋاقىت بارغانسېرى ئازلاپ كېتىدۇ» دەپ چاقچاق قىلىپ ئاغرىنىپ قويدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ %95 نى تەرجىمە ئىگىلىۋالغان.

2001- يىلىدىكى «نيۇتون تەتقىقاتى» دىن باشلاپ ھازىرغىچە، ئۇ 40 نەچچە تەرجىمە ئەسىرىنى نەشر قىلىپ، ئۆز كۈچى بىلەن «ئىلىم- پەن تارىخىدىكى تەرجىمىلەر» ۋە «ئىلىم- پەن مەنبەسى ئېقىمىدىكى تەرجىمىلەر» دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرنى زېممىسىگە ئالدى. ئۇنىڭ 8 كىتابى سودا نەشرىياتىنىڭ «خەنزۇچە تەرجىمە داڭلىق ئەسەرلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى يەنە دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان لاتىن تىلى دەرسلىكى «ۋىلوك لاتىن تىلى دەرسلىكى» نى تەرجىمە قىلىپ چىقتى.

بەزىلەر، بۇ دەۋردە مۇشۇنداق تەرجىمان مۈشۈك ئېيىققا ئوخشاش ئەتىۋارلىنىدىغان مەۋجۈتلۇق، دەپ قارىدى.

جاڭ بۇتيەن ئىلگىرى تەبىئىي پەن ئوقۇغۇچىسى ئىدى. 16 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا جۇڭگو پەن- تېخنىكا داشۆسىگە قوبۇل قىلىنىپ، ئوخشاش ياشتىكىلەر تەرىپىدىن تالانت ئىگىسى، دەپ قارالغان. ئۇ ئارزۇ تولدۇرغاندا، دادىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىسسىقلىق ئىلمى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش فاكۇلتېتىنى تاللىغان. ئەمما، مەكتەپكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، «ئېينشتېين» دېگەن كىتاب ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئۆزىنى ھېس قىلدۇرغان. نۇرنى بىۋاسىتە تەتقىق قىلىش ۋە پار قازاننى تەتقىق قىلىشتىن كۆپ قىزىقارلىق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېقىنقى زامان فىزىكا فاكۇلتېتىغا يۆتكىلىشنى ئىلتىماس قىلغان.

تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جاڭ بوتىيەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بېرىپ، نەزەرىيە فىزىكىسىنى داۋاملىق ئوقۇغان، يەنە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، داڭلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى سىتىۋېن ۋىنبېرگنىڭ ياردەمچى ئوقۇقۇچىسى بولغان. ئىستىقبالى قارىماققا كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ئەمما، «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان روھى كرزىس» ئۇنى ئۈچ ئايدىن كېيىن ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ، دۆلەتكە قايتىشقا مەجبۇر قىلغان. ئۇنىڭدا نېمە ئىش يۈز بەردى؟ ھېچكىم ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشەنمەيدۇ، پىسخىكا دوختۇرىمۇ سەۋەبىنى ئېيتىپ بىرەلمىگەن، فىزىكا ئىلمى تېخىمۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ تەپەككۇرى تەبىئىي ھالدا پەلسەپە قاتلىمىغا يۆتكەلگەن. 2001- يىلىنىڭ بېشىدا، ئۇ بېيجىڭ داشۆسىدە پەلسەپە دەرسىنى سىرتتىن ئاڭلاشقا باشلاپ، جاڭ شياڭلوڭ، ۋۇ گوشېڭ قاتارلىق داڭلىق ئۇستازلار تەرىپىدىن ئىدىيە جەھەتتىن چېنىقتۇرۇۇلدى. ئىككىنچى يىلى، ئۇ بېيجىڭ داشۆسى پەن- تېخنىكا پەلسەپە كەسپىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا ئۆتۈپ، تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر يولغا قەدەم قويدى.

تەرجىمىگە قىزىقىپ قالغان ۋاقىت دەل ئۇنىڭ «بېيجىڭدا ئۆگىنىۋاتقان» مەزگىلى ئىدى. دەرس ئاڭلاش مەزگىلىدە، ۋۇ گوشېڭ ئىلىم- پەن تارىخىغا ئائىت بىر يۈرۈش مەجمۇئەنى تەرجىمە قىلىشقا تەييارلانغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە «نيۇتون تەتقىقاتى» دېگەن كىتابنى تېخى ھېچكىم تەرجىمە قىلمىغان. جاڭ بوتيەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، «سىرتتىن ئاڭلىغۇچى ئوقۇغۇچى» سالاھىيىتى بىلەن ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. كېيىن، ۋۇ گوشېڭ ئۇنىڭ ئۇستازى، بۇ كىتابمۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى ئەسىرى بولۇپ قالدى.

ئىلىم- پەن تارىخى ساھەسىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىنگلىز تىلى، فرانسۇز تىلى، نېمىس تىلى، گوللاندىيە تىلى، لاتىن تىلى قاتارلىق تىللاردا يېزىلغان بولۇپ، تەرجىمە قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. تۇڭ جى داشۆسىنىڭ گېرمانىيىگە ئوقۇشقا چىقىش تەييارلىق بۆلۈمىدە نېمىس تىلىنى ئۆگىنىش ۋە لاتىن يېزىقىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش كەچۈرمىشى ئۇنى نۇرغۇن تىللار ئارىسىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنداق بولسىمۇ، بىر كىتاب تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتور بىلەن پوچتا يوللانمىسى ئالاقىسى كۆپىنچە 200 پارچىدىن ئېشىپ كېتەتتى.

ئۇ ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان كىتابلارغا ھەر بىر سۆزنىڭ ئىمكانقەدەر توغرا بولۇشىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ «ئارقا كۆرۈنۈش ئىزاھاتى» نى قوشۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، ھەممىگە مەلۇم بولغان كوپېرنىكنىڭ «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى نەزەرىيىسى»نى جاڭ بوتيەن «ئاسمان شارى ھەرىكىتى نەزەرىيىسى» دەپ تەرجىمە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كوپېرنىك ئېيتقان «ئاسمان شارى» بىز چۈشىنىدىغان «ئاسمان جىسىملىرى» ئەمەس، بەلكى قەدىمكى ئاسترونومىيە ئالىملىرى پەرەز قىلغان ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولىدىغان سۈزۈك «ئاسمان شارى». بۈگۈن بىز «ئاسمان شارى» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ سۆزنى سوبىكتىپ پەرىزىمىز بويىچە «ئاسمان جىسىمى» دەپ تەرجىمە قىلدۇق».

كونا تەرجىمە نۇسخىسىنى رەسەتخانىدىكى بىر پېشقەدەم ئەپەندى تەرجىمە قىلغان بولۇپ، غەرب پەلسەپىسى، قەدىمكى زامان پەنلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇر ئەمەس، بەزى قەدىمكى شەخسلەر، ۋەقەلەر، پەلسەپە ۋە ئىلمىي ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسى ئانچە توغرا ئەمەس. جاڭ بۇتىيەن تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، كىتابنىڭ كەينىدىكى 200 بەتلىك ئىزاھاتنىڭ سۈپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. بۇنىڭغا قانچىلىك كۈچ سەرىپ قىلىنغانلىقىغا ئادەتتە ئوقۇرمەنلەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، جاڭ بۇتيەن بۇنداق كۈچ سەرىپ قىلىشنى ئەرزىيدۇ دەپ قارايدۇ.

بىراق، كۆپلىگەن كىتابلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ مۇكەممەللىكنى قوغلاشمايدۇ. ئىلىم- پەن تارىخىدىن ئىبارەت بۇ «يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق» ئالدىدا، ئۇنىڭ قەلبىدە «چېگرانى گۈللەندۈرۈپ زېمىننى كېڭەيتىش» قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ، ھەمىشە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن بىر كىتابنى كۆپرەك تەرجىمە قىلىشنى، يەنى بۇ يېڭى پەن ئۈچۈن بىر پارچە يەرنى كۆپرەك ئېچىشنى ئويلايتتى.

ئىلىم- پەن تارىخى دەلىل- ئىسپات تارىخى، ئىدىيە تارىخى، جەمىيەت تارىخى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، جاڭ بوتيەن ئىلمىي ئىدىيە تارىخىغا ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەتتا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇنىڭ ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغىنى، ئىدىيە تارىخىدىكى مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، پەلسەپە، ھەتتا چاڭ- توزان باشقان ھازىرقى زاماننىڭ ئارقىسىدىكى سىرلىق ئىلىم، ئىلىم- پەننى ئىلىم- پەن قىلغان «تۇپراق». ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىمپورت قىلىنغان مال سۈپىتىدە «ئىلىم- پەن» نىڭ غەرب مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، «تۇپراق» دىن ئايرىلسا، ئىلىم- پەن پەقەت روھى يوق قۇرۇق قاپ بولۇپ قالىدۇ.

«ئىلىم ـ پەن تارىخىدىكى تەرجىمىلەر» نىڭ ئومۇمىي تەرتىپىدە، جاڭ بۇتيەن: جۇڭگودا، ھەقىقىي ئىلمىي ئىدىيە تارىخى ئەمدىلا باشلاندى. قانداق مەنىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو تىل مۇھىتىدا «ئىلىم- پەن»، «تېخنىكا»، «تەبىئەت» قاتارلىق غەربتىن كەلگەن بىر قاتار ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسى بېكىتىش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما. پەقەت «ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش» روھى بويىچە، جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ پەن ـ تېخنىكا ۋە مەدەنىيىتىنى سېلىشتۇرغاندىلا، ئاندىن جۇڭگو ۋە غەربنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇغىلى بولىدۇ، دەپ يازدى.

ئۇ جۇڭگو بىلەن غەربنى سېلىشتۇرۇپ، ئەنەنىۋى مەدەنىيەتتىن نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئۆزى شۇنداقلا دۆلىتىمىز خەلقىگە ھاياتلىق يولىنى تېپىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدى. خۇددى ئۇ ئېيتقاندەك: «غەربنى تەتقىق قىلىش، ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگوغا قايتىش ئۈچۈن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى