قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

2018-10-26 12:01:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

10- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاش مۇراسىمى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، چوڭ كۆۋرۈكتە رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم چوڭ كۆۋرۈكنى كۆزدىن كەچۈردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جۇخەي، 10- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، جاڭ شياۋسۇڭ، جوۋ چياڭ). بىر كۆۋرۈك ئۈچ جاينى تۇتاشتۇردى، تەبىئىي توسۇق راۋان يولغا ئايلاندى. شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاش مۇراسىمى 10- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، چوڭ كۆۋرۈكتە رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم چوڭ كۆۋرۈكنى كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چوڭ كۆۋرۈكنى لايىھەلەش، قۇرۇش، باشقۇرۇشقا قاتناشقان كەڭ خادىملارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى لىڭدىڭياڭدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، شەرقتە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى بىلەن، غەربتە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 55 كىلومېتىر، ئۇ «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» شارائىتىدا گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىن ئىبارەت ئۈچ جاي تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قۇرغان دەرىجىدىن تاشقىرى دېڭىزدىن ھالقىغان قاتناش قۇرۇلۇشى. چوڭ كۆۋرۈكتە قاتناشنىڭ باشلانغانلىقى گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  قاتناش باشلاش مۇراسىمى جۇخەي پورتى ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈش بىناسىنىڭ چېگرادىن چىقىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شوخ مەرھابا مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار مۇراسىم نەق مەيدانىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ قارشى ئالدى.

  چوڭ كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سىن فىلىمىنى كۆرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى شى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن ۋە خەن جېڭ ئىلگىرى- كېيىن سۆز قىلدى.

  سائەت 10 دا، شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ: «شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە رەسمىي قاتناش باشلاندى!» دەپ جاكارلىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  قاتناش باشلاش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جۇخەي پورتى ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈش بىناسىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنى كۆزدىن كەچۈردى. لىڭدىڭياڭدا قۇياش بۇلۇتلارنى يېرىپ چىققان، سۇ يۈزىنى تۇمان قاپلىغان، دېڭىز بىلەن ئاسمان تۇتاش كۆك رەڭگە كىرگەن بولۇپ، مەيىن شامال ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى خۇددى گىگانت ئەجدىھادەك كۆپكۆك دېڭىزدا سوزۇلۇپ ياتاتتى.

  شەرقىي سۈنئىي ئارال− شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ سۇ ئۈستى كۆۋرۈكى بىلەن سۇ ئاستى تونېلىنى تۇتاشتۇرۇش قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىدىكى ھالقىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئاپتوموبىل بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ، غەربىي تەرەپتىكى سۇپىغا چىقىپ چوڭ كۆۋرۈككە نەزەر سالدى، سۈرەت، مودېللارغا بىرلەشتۈرۈپ، چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم چوڭ كۆۋرۈكنى باشقۇرۇش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى، ئۇلار بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى، دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى. سىلەر چوڭ كۆۋرۈكنى لايىھەلەش، قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش- ئاسراشقا قاتناشتىڭلار، ئەقىل- پاراسىتىڭلارنى ئىشقا سېلىپ، نۇرغۇن دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار باشقۇرۇش تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىسىنى توپلاپ، ۋەزىپىنى سۈپەت، سانغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملىدىڭلار، مەن سىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىڭلاردىن پەخىرلىنىمەن، سىلەرنىڭ تولۇق قوراللىنىپ قايتا ئاتلىنىپ، داۋاملىق يېڭى پەللىگە چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىدا نۇرغۇن دۇنياۋى «ئەڭ»لەر يارىتىلدى، بۇ ئىنتايىن قالتىس نەتىجە بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ تاغقا يولۇقسا يول ئاچىدىغان، سۇغا يولۇقسا كۆۋرۈك سالىدىغان كۈرەش روھىنى نامايان قىلىپ بەردى، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىپ بەردى، دۇنيا بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدىغان نەتىجىلەرنى باتۇرلۇق بىلەن يارىتىدىغان مىللىي ئىرادىنى نامايان قىلىپ بەردى. بۇ، ئارزۇغا يېتىش كۆۋرۈكى، قەلبنى تۇتاشتۇرۇش كۆۋرۈكى، ئىشەنچ كۆۋرۈكى، گۈللىنىش كۆۋرۈكى. چوڭ كۆۋرۈكنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلانغانلىقى بىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچىمىز، نەزەرىيە ئىشەنچىمىز، تۈزۈم ئىشەنچىمىز، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتتى، سوتسىيالىزمنىڭ ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكى، يېڭى دەۋرنىڭمۇ ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى! شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشنى ھەم يۇقىرى سۈپەتلىك قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن سەرخىل قۇرۇلۇش، ئۈلگە قۇرۇلۇش، ئامانلىق قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇشىمىز، ھەم چوڭ كۆۋرۈكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى ياخشى باشقۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  خەن جېڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان مۇھىم، زور دۆلەت ئىستراتېگىيەسى. شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلانغانلىقى ئۈچ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىگە پايدىلىق، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، جۇجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا سىڭىپ كىرىشىنى قوللاش، ئىچكىرى ئۆلكىلەر، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، 1- ئورۇندا تۇرىدىغان كۆۋرۈك، 1- ئورۇندا تۇرىدىغان پورت ئاساسىدا 1- ئورۇندا تۇرىدىغان تىجارەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنى گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىن ئىبارەت ئۈچ جاينى تۇتاشتۇرىدىغان «ئەلرايى كۆۋرۈكى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنى شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. قۇرۇلۇش ھالقىلىق تېخنىكىسىنى كەسىپ ئۆلچىمى ۋە قېلىپىغا ئايلاندۇرۇپ، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنى جۇڭگو كۆۋرۈكلىرىنى «سىرتقا چىقىرىش»نىڭ يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى. دۇڭ جيەنخۇا، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. خې لىفېڭ قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار ھەم گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ تەرەپنىڭ قۇرۇلۇشقا قاتناشقان تارماقلىرى، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى باشقۇرۇش ئىدارىسى، چوڭ كۆۋرۈكنى لايىھەلەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2009- يىلى 12- ئاينىڭ 15- كۈنى، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان. 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان. چوڭ كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىدا لايىھەلەش ئىدىيەسى، ياساش تېخنىكىسى، قۇرۇلۇش قىلىشنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئەندىزىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار يېڭىلىقلار يارىتىلغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تونېل ئارال كۆۋرۈك لايىھەسى، قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش سەۋىيەسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چوڭ كۆۋرۈكتە 10- ئاينىڭ 24- كۈنى سائەت 9 دا رەسمىي قاتناش باشلىنىدۇ.

   10- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدە قاتناش باشلاش مۇراسىمى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جۇخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىپ، چوڭ كۆۋرۈكتە رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم چوڭ كۆۋرۈكنى كۆزدىن كەچۈردى.

  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى شەرقىي سۈنئىي ئارالدا چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

   شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شياڭگاڭ بۆلىكى كۆۋرۈكنىڭ شەرقىي بېشى بولغان شياڭگاڭ پورتى سۈنئىي ئارىلى بىلەن غەربتە چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان 12 كىلومېتىرلىق شياڭگاڭ تۇتاشتۇرۇش لىنىيەسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى دېڭىزدىن ھالقىغان قاتناش يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

 

  سۈرەتتە: شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ شياڭگاڭ بۆلىكى (10- ئاينىڭ 23- كۈنى تارتىلغان). (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لۈ شياۋۋېي فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى