قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ھەرىكىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى

2018-10-27 16:43:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «نامرات ئاھالە بىلەن نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش- پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى كارخانىلار جەمئىيەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» بويىچە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بەردى.      
ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:30 دا، تاھىر ساتتار ئاۋات ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ «لۇتەي» مول ھوسۇل پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ توقۇمىچىلىق سېخىغا كېلىپ، بىر كۈنلۈك ئىنچىكە يىپ ئىگىرىش خىزمىتىنى باشلايتدۇ. تاھىر ساتتارنىڭ ئۆيى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ئايباغ يېزا تۆۋەنكى كەلپىن كەنتىدە بولۇپ، كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىدى. شىنجاڭ «لۇتەي» مول ھوسۇل پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن تۆۋەنكى كەلپىن كەنتى قانات يايدۇرغان قوشماقلىشىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، تاھىر ساتتار بىلەن ئۇنىڭ ئايالى شىركەتنىڭ توقۇمىچىلىق سېخىغا كېلىپ ئىشلىدى. ھازىر ئەر- ئايال ئىككەيلەننىڭ ئايلىق كىرىمى 6 مىڭ يۈەنگە يىتىدۇ. تاھىر ساتتار مۇنداق دېدى: مەن زاۋۇتقا يېڭى كىرگەندە ھېچنىمىنى بىلمەيتتىم. ئىشلەش داۋامىدا زاۋۇتتىكىلەرنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ھازىر يىپ ئىگىرىش ئىشچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم. بۇ يەرنىڭ خىزمەت مۇھىتى ياخشى بولۇپلا قالماي، بېرىدىغان ئىش ھەققىمۇ يۇقىرى، مەن بۇ خىزمىتىمدىن بەك رازى.  
شىنجاڭ «لۇتەي» مول ھوسۇل پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن تيەنسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ياردەم بېرىلىدىغان كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىكى 125 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق ھەمدە ئۇلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش، ھەقسىز ياتاق شۇنداقلا ئىشچى- خىزمەتچىلەر يەسلىسى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردۇق. نامرات ئائىلىلەرنى مۇقىم ئىش ئورنى ۋە كىرىم بىلەن تەمىنلىدۇق. يىپ ئېگىرىش زاۋۇتىمىزدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى تەخمىنەن 2 مىڭ 650 يۈەن ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.
ئاپتونوم رايون 2016- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى پۇقراۋى كارخانىلار ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنى جايلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات كەنتلەر بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا يېتەكلەپ، ياردەم مەبلىغى ۋە تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى يولغا قۇيۇش، سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ئورتاق بەرپا قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق نامرات كەنتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.  
بۇ يىل 9- ئايغىچە، شىنجاڭ «لۇتەي» مول ھوسۇل پاختىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە ئوخشاش ئاپتونوم رايوننىڭ «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن پۇقراۋى كارخانا 1 مىڭ 156 گە يېتىپ، 1 مىڭ 130 كەنتكە ياردەم بەردى. بەزى پۇقراۋى كارخانىلار نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى نامرات رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «شىركەت، بازا، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقان ئائىلىسى» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەندىزە ئارقىلىق، نامرات رايونلارنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.   
بۈگۈنكى كۈندە، چۆچەك شەھىرىنىڭ ئاشىل داغۇر يېزىسىدىكى دېھقانچىلىق بىرلەشمىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى ئىلغار ئالاقە تورى تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا كالا قوتىنىنى باشقۇرالايدىغان شۇنداقلا كالىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتەلەيدىغان بولدى. بۇلتۇر، شىنجاڭ «خۇالىڭ» دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى شىركەتنىڭ بىرلەشمە چارۋىچىلىق مەيدانىغا كىرگۈزۈپ، شۇ جايدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 300 نامرات چارۋىچىنى كوپىراتىپقا ئەزا بولۇشقا جەلپ قىلدى ھەمدە ئىلغار باشقۇرۇش تېخنىكىسى ۋە ئىلمىي باقمىچىلىق ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر بىر كوپىراتىپ ئەزاسىنىڭ يىللىق كىرىمىنى 4 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. بۇلتۇر، شىنجاڭ «خۇالىڭ» دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 17 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا تارباغاتاي، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. چارۋىچىلىقنى ئىدراكلىك باشقۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق، جايلاردىكى كىچىك تارقاق، قالايمىقان كالا، قوي باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى ھەمدە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى بىرىكتۈردى شۇنداقلا تەربىيەلەش، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق كارخانىسى بەرپا قىلىپلا قالماي يەنە بۇلۇت ھىساپلاش، ماددى ئەشيا تېخنىكىسىغا تايىنىپ، كەسىپ زەنجىرىدە ئىلمىي باقمىچىلىققا يەنىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ، باقمىچىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى ھەمدە كارخانا بىلەن دېھقانلارنىڭ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شىنجاڭ «خۇالىڭ» دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ خۇي  مۇنداق دېدى: بىز ئۈچ يىلدا، مىڭدىن ئارتۇق بىرلەمچى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ چارۋىچىلىق مەيدانىمىزغا ئايلىنىشىغا، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، 100 مىڭ دېھقان- چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا دەل جايىدا ياردەم بېرىمىز.  
«مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» پائالىيىتىدە، نۇرغۇن پۇقراۋى كارخانا خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلاندى. بۇ يىل 7- ئايدا، شىنجاڭ «گۇاڭخۇي» ئوقەتچىلىك مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان گۇاڭخۇي مەدەنىيەت مەيدانى لوپ ناھىيەسىنىڭ سامپۇل بازىرى ئايدىڭكۆل كەنتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ مەيداندا پۇقرالار چوڭ سەھنىسى، دۇكان، ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكران، چىراغلىق توپ مەيدانى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر بار. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شياۋ تۈەنشې مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدىكى 22 كىشى بۇ مەيداننى چۆرىدەپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. بۇ مەيداندا كىچىك ئاشپۇزۇل، كاۋاپخانا، ناۋايخانا شۇنداقلا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تاللا بازىرى بار. بۇ مەيدان ئارقىلىق تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى روھىي جەھەتتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەيمىز.   
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 9- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» پائالىيىتىدە، 51 مىڭ 612 ئائىلىلىدىكى 203 مىڭ كىشى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى