قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يۇرتداشلارنى بارلىق ئاماللار بىلەن بېيىتىش

2018-10-27 17:14:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگۇ بازىرى چىگۇڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ياڭ جيەنلۇڭ يۇرتداشلىرىنى يېتەكلەپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يېڭى سورتلۇق كۆكتات، گۈل- گىياھلارنى كىرگۈزۈپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە بېيىش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.
بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ياڭ جيەنلۇڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ ھىسابات ئىشلىرىنى رەتلەش ھەمدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بۇ يىلقى گۈل- گىياھلارنى ئۆستۈرۈش، سېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق 3 مىليون تەشتەك گۈل ساتتى. 20 نەچچە ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ھەر بىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن 200 مىڭ يۈەنگىچە بولدى. ئاساسلىقى شەلپەرگۈل، سەبدەگۈل، پۈچەكگۈل، ۋىنكا گۈلى قاتارلىقلارنى سېتىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باغ- ئورمانلىرىنى تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ساتتۇق.     
ياڭ جيەنلۇڭ 1981- يىلى، گەنسۇدىن شىنجاڭغا كېلىپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگۇ بازىرى چىگۇڭ كەنتىگە ماكانلاشتى. ئۇ خىش زاۋۇتىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ باقتى، كىچىك ئاشپۇزۇل ئاچتى ھەمدە بازاردا كۆكتاتمۇ سېتىپ باقتى.
ياڭ جيەنلۇڭ كۆكتات سېتىشقا قارىغاندا كۆكتات تېرىشتىن يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، 1997- يىلى بەنفاڭگۇ بازىرىنىڭ چىگۇڭ كەنتىدە پارنىك ياساشقا باشلىدى. ياڭ جيەنلۇڭ كۇرسقا قاتنىشىپلا قالماي، ئۆزلىكىدىن كىتاب سېتىۋېلىپ كۆرۈپ ھەمدە بۇنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتپ، ناھايىتى تېزلا كەنتىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى باشلامچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە ئاستا- ئاستا يېڭى كۆكتات سورتلىرىنى كىرگۈزۈپ تېرىقچىلىق دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارنىكىمدا دەسلەپتە پۈتۈنلەي قاپاق لازا تېرىغان ئىدىم. شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە كۆكتات تېرىش (تەربىيەلەش) كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن يەنە ئىچكى موڭغۇل، شەندۇڭنىڭ بىر قانچە سورتلىرىنى جۈملىدىن لازا، تەرخەمەك قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ پارنىكتا تېرىدىم. بۇلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى شۇنداقلا باھاسىمۇ ياخشى بولدى. بىر پارنىكتىكى تەرخەمەكنى بىر قېتىمدا 15 مىڭ يۈەندىن 16 مىڭ يۈەنگىچە ساتتىم. سىناپ تېرىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئىچكى موڭغۇل بىلەن شەندۇڭدىن بۇ خىل سورتلارنى داۋاملىق كىرگۈزۈپلا قالماي، ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدىكى دېھقانلارغىمۇ ئاپىرىپ بەردىم.   
2008- يىلى تېرىقچىلىق جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە بولغان ياڭ جيەنلۇڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان گۈل- گىياھ بازىرىنى كۆزلەپ، يۇرتداشلىرىنى شەھەرنىڭ باغ- ئورمانلرىنى كۆكەرتىشكە ئىشلىتىدىغان سامان غوللۇق گۈل- گىياھلارنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى. ياڭ جيەنلۇڭ سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2013- يىلى باشلامچىلىق بىلەن ئۈرۈمچى ناھىيەسى «ياڭجيەنلۇڭ» تېرىقچىلىق- سېتىش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھەر قايسى ئورمانچىلىق ئىدارىلىرىنىڭ خېرىدار چاقىرىشىغا قاتنىشىپ، كۆچەت، گۈل- گىياھ شىركەتلىرى بىلەن رىقابەتلەشتۈرۈش خاراكتېرىنى ئالغان سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ھەر يىلى تېرىغان گۈللەرنىڭ كۆپ قىسمىنى سېتىپ بولدۇق. دەسلەپتە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا گۈل- گىياھ ئۆستۈرىدىغان ئائىلىلىكتىن ئاران 5 ئى بار ئىدى، ھازىر كۆپىيىپ 20 نەچچە ئائىلىلىككە يەتتى.         
ھازىر ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگۇ بازىرى چىگۇڭ كەنتىنىڭ گۈل- گىياھ ئۆستۈرۈش كۆلىمى بارغانسېرى كېڭەيدى. ياڭ جيەنلۇڭنىڭ دېھقانلارنى يېتەكلەپ بىرلىكتە بېيىش ئىشەنچىسىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنىڭ ھەميانىنى تومپايتىپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشىلاش مېنىڭ ئاخىرقى نىشانىم ئەمەس. كۆپچىلىكنى تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەش ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلايدىغان ئارزۇيۇم.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى