قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 قۇمۇل شەھىرى ساياھەت يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2018-10-27 17:18:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قۇمۇل شەھىرى مول ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، يېڭى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ياراتتى.
كەچ كۈزدە، ئاراتۈرۈك ناھىيە نوم بازىرىنىڭ شەرقىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان 476 مىڭ مو يەردىكى توغراقلىق يېڭى تۈسكە كىرگەن ئىدى. قىپقىزىل توغراق يوپۇرماقلىرى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. سۇجۇلۇق ساياھەتچى شۇ شۈنجۇ مۇنداق دېدى: چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن ئۆزىمىز ئاپتوموبىل ھەيدەپ خېشى كارىدورىنى بويلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ناھايىتى ھەيران قالدىم، شىنجاڭنىڭ زىمىنى ھەقىقەتەن كەڭ ئىكەن. مەن يول بويى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سۈرەتكە چۈشتۈم، بۇ يەر بەك ياخشى ئىكەن.
قۇمۇلدا ساياھەتچىلەر توغراقلىق قاتارلىق تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپلا قالماي يەنە «ساياھەتچىلىك بىلەن سانائەت بىرلەشكەن» يېڭى تىپتىكى ۋەكىللىك مەھسۇلات-- سەنداۋلىڭ پاراۋۇزى ۋە شامال گېنىراتورلىرىنى تاماشا قىلالايدۇ. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىكى، 12 مۇقام سەنئىتى، بارىكۆل يەرلىك تىياتىرىدىن ھوزۇرلىنىپ، «ساياھەتچىلىك بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىرىكىشى» نىڭ سېھرىي كۈچىنى ھىس قىلالايدۇ. سەنشىلىك ساياھەتچى ۋۇ ۋېنچى مۇنداق دېدى: گۈزەل مەنزىرىدىن باشقا يەنە ئېسىل تائاملار، مەدەنىيەتمۇ بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ۋاقتىمىز بولسا، دوستلىرىمىزنى ئېلىپ، يەنە كېلىپ كۆرۈپ باقساق بولىدىكەن.
قۇمۇلنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسى كۆپ خىل بولۇپ، شەرقىي تىيانشان دۆلەت ئورمان باغچىسى، مىڭشا تېغى، داخەيداۋ يارداڭلىق يەر شەكلى، بارىكۆل يايلىقى، ئارا تۈرۈك توغراقلىقى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار. بۇ يىل قۇمۇل شەھىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «پۈتۈن رايون بويىچە زاكاز قىلىپ، قۇمۇلنى ساياھەت قىلىش» يېڭى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەر قايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەت لىنىيەسى زاكاز قىلىش تەرەققىياتى بويىچە پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆپلىگەن يېڭى ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. زاكازلىق ساياھەتچىلىك ئارقىلىق، قۇمۇل داخەيداۋ يارداڭلىق يەر شەكلى-- ئالاھىدە ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى گۆھىرىگە ئايلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەت ئاپپاراتلىرى 5 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى داخەيداۋ يارداڭلىق يەر شەكلىنى ساياھەت قىلىشقا تەشكىللىدى. ۇمۇل «يېشىل دالا»خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى ليۈ مۇنداق دېدى: قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەتنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى-- قۇمۇل داخەيداۋ، يارداڭلىق ئالۋاستى شەھىرىدىكى قۇملۇق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.بۇنىڭدىن باشقا، تاغنىڭ شىمالىدىكى توغراقلىق ساياھىتى، بارىكۆلنى ساياھەت قىلىش، قار-مۇز ساياھىتى، مىللىي ئۆرپ- ئادەت ساياھىتى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
«ساياھەت +» يېڭى ئەندىزىسى قۇمۇل ساياھەتچىلىكى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا تۆھپە قوشتى. ئىستاتېستىكا قىلىنىشىچە،1- ئايدىن9- ئايغىچە قۇمۇل شەھىرى جەمئىي 7 مىليون 520 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %25؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 1 مىليارد 968 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %26.81 ئاشقان.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى