قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زامانىۋى ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈردى

2018-10-28 18:02:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش--يېزا ئىگىلىك تىجارەت سىستېمىسىدىكى يادرولۇق ھالقا بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى ھىساپلىنىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەركىزى، يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى بوغما ھالەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىسكىلاتتا ساقلاش ۋە ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئۈزۈكسىز ئاشۇردى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ «خۇڭمويۈەن» مېۋىچىلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ئىشچىلار نەشپۈت ۋە ئالمىلارنى ئوراپ قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۇ مېۋىلەرنىڭ بىر قىسمى بىۋاستە سېتىلىدىغان بولۇپ، بىر قىسمى شىركەتنىڭ ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلىناتتى. ساقلاش ئىسكىلاتىنىڭ1- قارارلىق ئىسكىلات سىغىمى 15 مىڭ توننا بولۇپ، 2- قاراردىكى 16 مىڭ توننىلىق ئىسكىلات قۇرۇلۇشى كېلەر يىلى 8- ئايدا باشلىنىدۇ. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى جۇ جىپىن مۇخبىرغا ئىسكىلاتتا ساقلاش ئارقىلىق، مېۋە- چىۋىلەرنىڭ سېتىش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى6-،7- ئايلارغىچە ساتالايمىز. بۇ-- يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى ئۇزارتقان بىلەن تەڭ بولۇپ، تېگىشلىك قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. ھازىر، شاڭخەي، گۇاڭجۇ ۋە جېڭجۇدا ئۆزىمىزنىڭ بىۋاستە سېتىش دۇكىنىمىز بار، ھەر يىلى نەشپۈت، ئالما، ياڭاق قاتارلىقلارنى 30 مىڭ توننا ئەتراپىدا ساتىمىز.
ئىسكىلاتتا ساقلاش بازىسى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە قۇرۇلۇپلا قالماي ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ قۇرۇلدى. بۇ يىل خېبېي ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، 23 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ دىڭشىڭ ناھىيەسىدە يېڭىدىن كۆلىمى 42 مو كېلىدىغان، يىلدا 15 مىڭ توننا مېۋە- چىۋە ۋە كۆكتاتنى يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدىغان ئىسكىلات قۇردى. يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى-- بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ھەتتا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىمالىي جۇڭگو بازىرىغا تېز يەتكۈزدى. خېبىي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپ جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گۇڭ كې مۇنداق دېدى: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە «ئۈچ چوڭ مەركەز» بەرپا قىلىپ، بېيجىڭ شىنفادى ۋە خېبېي شىنفادىدا «خېبېي- شىنجاڭ ھەمكارلىقى-- بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەركىزى»؛ بايىنغولىن ئوبلاستىدا «خېبېي- شىنجاڭ ھەمكارلىقى-- كورلا ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش- تارقىتىش مەركىزى» قۇردۇق. ئۈچ چوڭ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى ئىككى جاينىڭ مال ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇردى. بۇ يىل 9- ئايغىچە، بىز تۈرلۈك سۇپىلار ئارقىلىق، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ نەشپۈت، چىلان، ياڭاق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن جەمئىي 169 مىڭ توننا ساتتۇق. سېتىلىش سوممىسى 1 مىليارد 90 مىليون يۈەنگە يەتتى.
خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 20 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قۇمۇل شەھەرلىك تەمىنات- سودا كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى سىستېمىسى نۆۋەتتە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى. بۇ سىستېما قۇمۇل شەھىرىدە شەھەرگە بىۋاستە قاراشلىق ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش مەركىزى؛ ئېۋىرغول رايونى، بارىكۆل ناھىيەسى ۋە ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدە ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارەت مەركىزى ۋە ئەشيا يىغىش- تارقىتىش مەركىزى؛ پۈتۈن شەھەردىكى 26 يېزىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىتى قۇرىدۇ ھەمدە كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 10 نى قۇرۇپ، شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنت تۆت دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان، يۇقىرى- تۆۋەن بىر گەۋدىلەشكەن تور ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەمىنات- سودا ئېلېكتىرونلۇق سودا تورىنى شەكىللەندۈرىدۇ. قۇمۇل شەھەرلىك تەمىنات- سودا كوپىراتىپىنىڭ مۇدىرى شۈ بىڭ ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ھەر بىر پونكىت تۇرۇشلۇق كەنت ۋە يېزىلاردا ئىشلەپچىقىرىش ۋە باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە، ئەڭ ئاز ھالقا بويىچە سېتىشقا تىرىشىمىز. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن تەقسىملەش سېستىمىمىز ئارقىلىق تېزلا شەھەر رايونىغا توشۇپ كېلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشىدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز-- شەھەر ۋە يېزىلاردا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، يەتكۈزۈپ بېرىش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ تېز يول بىلەن سېتىش؛ شەھەر ئاھالىلىرىنى شۇ جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئەڭ تېز بەھرىمەن قىلىشتىن ئىبارەت.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى