قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قان- تەرى بىلەن قوغداۋاتقان شيا لىنلىن

2018-10-28 18:22:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ئۈرۈمچى سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى شيا لىنلىن بەش يىلدىن بۇيان، سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىنى كېزىپ، جاپالىق ئەجرى بىلەن سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغدىدى.
كۈزدە سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ سۈيى ئەلۋەك بولۇپ، ئۇچار قۇشلار پەرۋاز قىلاتتى. شيا لىنلىن سۇلۇق يەر باغچىسىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋاقىت چىقسىلا دۇربۇننى ئېلىپ، قۇشلارغا نەزەر سالاتتى، كۆل رايونىنىڭ كۆلىمىنى خاتىرىلەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا كۆلدە 30، 40 ئاق قوتاننى بايقىدىم. بۇ يەردە قۇشلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ، كۆل يۈزى كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن.
 2014- يىلى سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ سۇ رايونى كۆلىمى 0.29 كۇۋادرات كىلومېتىرغا تارىيىپ، ئەتراپتىكى ئوتلاق، سۇلۇق يەردە سۇ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن قۇملىشىش، شورلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلدى. شۇ يىلى شيا لىنلىن ئۈرۈمچى شەھىرى سەيۋوپۇ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىگە خىزمەتكە چۈشتى. شيا لىنلىن خىزمەت جەريانىدا پېشقەدەملەرنىڭ سەيۋوپۇ كۆلىنى قوغدىغانلىق ھىكايىسىنى ئاستا- ئاستا چۈشەندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوت- چۆپ مول بولغان سەيۋوپۇ كۆلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەدرىجىي ئىرادە باغلىدى ھەم ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئاتلاندى.
  2014- يىلى سەيۋوپۇ كۆلىدە تېرىلغۇدىن، چارۋىچىلىقتىن چېكىندۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. شيا لىنلىن ھەر كۈنى چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا تەشۋىق قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېرىلغۇدىن، چارۋىچىلىقتىن چېكىنگەن چارۋىچىلارنى نەزەردە تۇتۇپ، ياشانغانلار بولسا تېرىلغۇدىن چېكىندۈرۈلگەن ھەر بىر مو يېرىگە 480 يۈەن تولۇقلىما بېرىلدى. ياشلار بولسا، ئۇنىڭغا سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ مۇھىتىنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ، تېرىلغۇدىن، چارۋىچىلىقتىن چېكىنگەندىن كېيىن خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بەردۇق.
تېرىلغۇدىن، چارۋىچىلىقتىن چېكىندۈرۈش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش ۋە تىرىشىپ ئىشلەش نەتىجىىسىدە 30 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچى قوي، كالىلارنى سېتىپ، تېرىقچىلىقنى توختىتىپ باشقا كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى. سەييۈەن كەنتىدىكى ئاھالە ما دېشۇ شيا لىنلىننىڭ سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشى نەتىجىسىدە ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، قوي- كالىلىرىنى سېتىپ، سەھرا ئارامگاھى ئاچتى. ما دېشۇ مۇنداق دېدى: مۇھىت ئاسرالغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىدىغانلار كۆپەيدى. بۇنى كۆرۈپ سەھرا ئارامگاھى ئېچىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇۋاتىمىز.
 تېرىلغۇنى توختىتىپ، كۆلنى تولۇقلاش، تېرىلغۇدىن، چارۋىچىلىقتىن چېكىندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلاشقان قۇدۇقلارنى تاقاش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، سەيۋوپو كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بۇلتۇر، ئۈرۈمچى سەيۋوپۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلۇپ ۋېۋىسكا ئېسىلدى. شيا لىنلىن سۇلۇق يەر باغچىسىنى باشقۇرۇش ئورنىغا يۆتكىلىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، سەيۋوپۇ كۆلى رايونىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغاندا 17.54 كۇۋادىرات كىلومېتىرغا يېتىپ، قىزىل تۇمشۇق چايكا، ئاق قوتان، يېشىل باش ئۆردەك قاتارلىق ئاز ئۇچرايدىغان قۇشلار تەدرىجى قايتىپ كەلدى.
 سەيۋوپۇ كۆلىنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقانلىقى، ئوت- چۆپلەرنىڭ بارغانسېرى بولۇق ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن شيا لىنلىن بۇ يەردە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، سەيۋوپۇ كۆلىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاسمان كۆپكۆك، سۇ ئەلۋەك بولغاچقا، قۇشلارنىڭ سانىمۇ كۆپىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن بەخت تۇيغۇسىغا چۈمۈلدۈم. مېنىڭچە، مېنىڭ بۇ يەردە چىڭ تۇرۇپ ئىشلىشىم ئىنتايىن ئەرزىيدىكەن. مەن تېخىمۇ كۆپ پىدائىينىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئارقا گۈللۈك باغچىسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى