قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لى يۇڭ چارۋىچى نۇرغاي ئابلىز بىلەن قوشماق تۇغقان بولغاندىن بۇيان، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى

2018-10-28 18:26:02     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتىيە مەكتىپىنىڭ كادىرى لى يۇڭ 2016- يىلى ئەرشىلىدەن بازىرى نىڭجۇخۇ كەنتىدىكى چارۋىچى نۇرغاي ئابلىز بىلەن قوشماق تۇغقان بولغاندىن بۇيان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇغقىنىنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئۆزئارا ھەقىقىي ھىسسىيات ئالماشتۇرۇپ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.
قىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغاي ئابلىزنىڭ 20 تۇياق كالىسىنىڭ قىشلىق يەم- خەشەك مەسىلىسى تېخىچە ھەل بولمىغانىدى. ئۇ بۇ ئىشتىن غەم قىلىۋاتقاندا، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا لى يۇڭ 6 مىڭ يۈەن خەجلەپ شۇ جايدىكى شوخلا قىيامى زاۋۇتىدىن 20 توننا شوخلا تىرىپى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى. لى يۇڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى قېتىم 8- ئايدىكى تۇغقانلارنى يوقلاش ھەپتىلىكىدە، نۇرغاي ئاكام بىلەن پاراڭلىشىپ، بۇ يىل ئۆيىدە قىشلىق قوي- كالىغا بېرىدىغان يەم- خەشەك يوقلىقىنى بىلدىم. مەن كۆپ تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، قىيام زاۋۇتىدىكىلەرنى ئىزدەپ، ئاخىرى نۇرغاي ئاكامنىڭ ئۆيىگە ئىككى ئاپتوموبىل شوخلا تىرىپى ئەكىلىپ بېرىپ، ئاكامنىڭ ئۆيىدىكى قوي- كالىلارنىڭ قىشلىق يەم-خەشەك مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلدىم.
ئىككى چوڭ ئاپتوموبىلغا لىق قاچىلانغان شوخلا تىرىپىنىڭ ئىشىك ئالدىغا توشۇپ كېلىنگەنلىكىنى كۆرگەن نۇرغاي ئابلىزنىڭ يۈزىدە كۈلكە جىلۋىلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: كادىر تۇغقىنىم كالىلىرىمنى قىشتىن ئۆتكۈزىشىم ئۈچۈن ئىككى ئاپتوموبىل شوخلا تىرىپىنى ئۆيگە ئەكىلىپ بەردى. پارتىيە، ھۆكۈمەتكە رەھمەت، تۇغقىنىمغا رەھمەت.
 نۇرغاي ئابلىز ئائىلىسىدە ئۈچ ئەۋلاد ئالتە جان بولۇپ، چارۋا بېقىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى. لى يۇڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا تۇغقىنىنى يوقلىغان مەزگىلدە، تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە ياش- قۇرامىغا يېتىپ قالغان ئىككى پەرزەنتىنىڭ بىكار تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى كەنتتە ئىشلەمچىلىك قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشلەمچىلىك ئەترىتى قۇرۇشىغا ياردەم بەردى. لى يۇڭ مۇنداق دېدى: 4- ئايدىن باشلاپ، بىز بىر توپ كىشىلەرنى سىرتتا ئىشلەشكە تەشكىللىدۇق، ئۇلارغا تېرىقچىلىق كەسپىي ئائىلىلىرىنى تېپىپ بەردۇق. ئۇلار ھازىر ئايدا 3 مىڭ يۈەندىن 4 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىۋاتىدۇ.
نۇرغاي ئابلىزنىڭ قىزى خالىما نۇرغاي مۇنداق دېدى: لى تاغام بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئۇ بىزگە نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى، بىزگە سىرتتا ئىش تېپىپ بەردى، مەن لى تاغامغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، كېيىنكى كۈنلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمىز.
ئىككى يىلدىن بۇيان، لى يۇڭنىڭ ياردىمىدە نۇرغاي ئابلىز باقمىچىلىق ئارقىلىق كىرىمىنى 40 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇردى. ھازىر ئۇنىڭ ئۆيىدىكى كالا 20 گە يېتىپ، تۇرمۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بارغانسېرى قويۇقلاشتى. لى يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن نۇرغاي ئاكام ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ياردەم بېرىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مېھىر- شەپقىتىنى ھەقىقىي ھىس قىلدۇرىمەن. بۇ چارۋىچى تۇغقىنىمغا داۋاملىق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى