قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالتاي ۋىلايىتى نۇرغۇن ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى ۋە ئېتىبار بېرىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن «قار ماكانى» داڭلىق ماركىسىنى ياراتماقتا

2018-10-28 18:29:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئالتاي ۋىلايىتى بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، قار- مۇز ساياھەت لىنىيەلىرىنى بالدۇر پىلانلىدى.
ئالتاي ۋىلايىتى دۇنياۋى دەرىجىلىك قار- مۇز ساياھەت بايلىقى ۋە «ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىش مەنبەسى» دىن ئىبارەت ئادىمىيەت بايلىقىغا ئىگە. ئالتاي ۋىلايىتى قىشلىق ساياھەتچىلىكنى تېخىمۇ ئۆزگىچە قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل بۇرچىندىكى تۇمان سۆڭگىسى، قۇمقاناستا چاغان ئۆتكۈزۈش، گۈزەل قاناس، ئۇلۇنگۈر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش، قار باغچىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈرنى ئاساس قىلىپ، قىشلىق ئومۇمىي كۆرۈنۈشلۈك ساياھەت، ئاجايىپ ساياھەت، ئورماننى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرى قاتارلىق تۆت ئېسىل لىنىيەنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقات ۋە تونۇشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى نې پىڭ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ قاناس ۋە قۇمقاناس كەنتىدە ئاساسلىقى قۇمقاناستا چاغان ئۆتكۈزۈش باش تېما قىلىنغان بولۇپ، قار-مۇزدىن ھوزۇرلىنىش، قار تېيىلىش، پىيادە مېڭىش قاتارلىق قارنى تاماشا قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئۆلۈڭگۈر كۆلىدە ساياھەتچىلەرگە قىشلىق بېلىق تۇتۇشتىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ھىس قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، بېلىقنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش، قىشلىق بېلىق تۇتۇش، مۇز ئۈستى پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدۇق. سانغۇن تېغى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنى ئۆزگەرتىمىز ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز. تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى قاناسقا، ئالتايغا كېلىپ، قىش پەسىلىدىكى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھىس قىلىشقا جەلپ قىلىمىز.
ئالتاينىڭ قار-مۇز بايلىقى مول، قار سۈپىتى ئەلا، مىقدارى كۆپ، مەزگىلى ئۇزۇن. يېقىندا، ئالتاي شەھىرى دۆلەت كىلىمات مەركىزى تەرىپىدىن بېرىلگەن «جۇڭگو قار شەھىرى» كىلىمات بەلگىسىگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، ئالتاي ۋىلايىتى قاناس قار- مۇز ساياھەت ئارامگاھى، ئۇلۈنگۈر كۆلى قىشلىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت رايونى، ئالتاي چاڭغا تېيىلىش ساياھەت- ئىستىراھەت رايونى، كۆكتوقاي قارلىق تاغ جىلغىسى ساياھەت ئارامگاھى ۋە تۆت رايوننى تۇتاشتۇرغان ئالتۇن قار- مۇز ساياھەت بەلبېغىنى پىلانلىدى. ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە- شەھەرلەر يەنە قىشلىق ساياھەتچىلىك بويىچە تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بولۇپمۇ، ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىشىغا قارىتا، ئېتىبار بېرىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقات ۋە تۇنۇشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى نې پىڭ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، مەنزىرە رايونلىرى، قىشتا تىجارەت قىلىۋاتقان سەھرا ئارامگاھى ۋە ئاۋۇل ئارامگاھى، مېھمانخانا، مېھمانسارايلارغا شۇنىڭدەك ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلان ۋە مەخسۇس پويىز ھۆددىگە ئېلىشىغا نىسبەتەن ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بار. ھەر نۆۋەت ھۆددىگە ئالغان ئايروپىلاندىكى ساياھەتچى سانى 50 دىن ئاشسا، ھەر قېتىمدا 10 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ھەر قېتىملىق مەخسۇس پويىزدىكى ساياھەتچى سانى 300 دىن ئاشسا، ھەر قېتىملىقدا 60 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئادەم سانى ئاشسا، مۇكاپات سوممىسىمۇ ئاشىدۇ. قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پۈتكۈل ئالتاينىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىك بازىرىنى جانلاندۇرىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى