قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانلىق ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زىممىگە ئالغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك

2018-10-29 10:13:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانلىق ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زىممىگە ئالغان بۇرچ، ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك

10- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.


  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قوماندانلىق چوڭ زالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، ئۇرۇش رايونىنى ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوماندانلىق ئىقتىدارىنى قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان قىلىشنى تېزلىتىشكە ئىلھاملاندۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

 

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 10- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى شۈەنلياڭ، ۋاڭ خۇڭشەن). جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىكى بارلىق كوماندىر- جەڭچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش قىلىشنى تەتقىق قىلىش، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىشقا قارىتىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچلۈك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئاپپاراتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن ۋەزىپىنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك.

  10- ئايدىكى ۋۇلىڭ تېغىنىڭ جەنۇبىدا ھەممە جاي يېشىللىققا پۈركىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. سائەت 9 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ مەلۇم قوماندانلىق ئورنىغا كېلىپ، ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنىش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. قوماندانلىق چوڭ زالىدا، نۆۋەتچى خادىملار تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى جىددىي، تەرتىپلىك بىر تەرەپ قىلىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ قىسمەن ئورۇنلارنىڭ ئالدىدا توختاپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سوراپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ ئۇرۇش رايونىنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىش- يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوماندانلىق ئىقتىدارىنى قاتتىق سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان قىلىشنى تېزلىتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

  بۇ بىرنەچچە يىلدا، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ زىممىسىگە ئالغان ھەربىي ئىشلار ۋەزىپىسى ئېغىر بولدى، شى جىنپىڭ ۋەزىپە ئۆتەش قىسىمىنىڭ غېمىنى يەپ تۇردى، ئۇ ئالايىتەن چېگرا دېڭىز مۇداپىئەسى بىرىنچى سېپىدىكى قوماندانلار بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى. شى جىنپىڭ ۋەزىپە ئۆتەش قىسىمىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنىڭ پۇختا، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى، كەڭ كوماندىر- جەڭچىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ ۋەزىپە ئۆتەش قىسىمىدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقىنى ياخشى قىلىپ، چېگرانى باشقۇرىدىغان، چېگرانى كونترول قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، چېگرانىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى.

  شى جىنپىڭ قوماندانلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئورگىنىغا كېلىپ، گۇاڭدۇڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى مۇئاۋىن شىجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، تىنچلىقتىكى توپلىنىپ قالغان يېتەرسىزلىكلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، زېھىن- كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەر خىل مۇرەككەپ ئەھۋاللارنى تولۇق ئويلىشىش، ھەر خىل تاقابىل تۇرۇش لايىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى كۈچەپ تۇتۇپ، مەشىققە قوماندانلىق قىلىش ۋە بىرلەشمە مەشىقنى كۈچەيتىش، تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك، تىركىشىش خاراكتېرلىك مەشىقنى كۈچەيتىپ، ئەسكەرلەرنى مەشىقلەندۈرۈپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانلىق ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي كومىتېت بەرگەن قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقى، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، قوماندانلىقنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوماندانلىق قىلىشنىڭ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇرۇش قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىدە قوللىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، قوماندانلىق قىلىش ۋاسىتىسىنىڭ ئىلغارلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك قوماندانلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەش ئەمەلىيىتىدە چېنىقىشنى كۈچەيتىشى، ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇرۇش رايونى پارتكومى پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش قىسىمىنىڭ كۈندىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە ھەربىي ھەرىكەتكە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى يولغا قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى بىلەن كوماندىر- جەڭچىلەرنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىنى قەتئىي ئاڭلايدىغان ئىدىيە ئاساسىنى چىڭىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىدىغان سىياسىي قىزغىنلىقنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى فۇنكسىيەگە ماسلىشىپ، ئۇرۇش رايونى ئورگىنىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش، ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  شۈ چىلياڭ، لى زوچېڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.


 

10- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونىغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  سۈرەتتە: شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى مۇئاۋىن شىجاڭ دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى سەمىمىي قوبۇل قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى