قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز تۆتتە ياخشى يېزا يولى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنتلەرنى گۈزەللەشتۈردى، ئاھالىلەرنى بېيىتتى

2018-10-29 11:05:13     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «يېزا تاشيولىنى ياخشى ياساپ ئەڭ مۇھىمى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئاسراپ، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونىمىز «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، يېزا تاشيولى 120 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشى، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «بېيىش يولى»، «بەخت يولى» غا ئايلاندى.
ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدا، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسى باغچا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابلەت مەمەتئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتنى ھەيدەپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆكتات پارنىكىغا بېرىپ ئىشلەيتتى، ئۇلار تېرىغان كۆكتاتلىرىنى يېپيېڭى ئاسفالت يول بىلەن، 20 مىنۇتتا يېزىدىكى بازارغا ئاپىرىپ ساتاتتى. ئىلگىرى كەنتتىن يېزىغا بارىدىغان 20 كىلومېتىر يولنىڭ ھەممىسى شېغىل يول بولۇپ، بىر سائەت مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، ئابلەت مەمەتئابدۇللا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يول راۋانلاشتى، پارنىكتىكى كۆكتاتلارنى سېتىش تېخىمۇ قولايلىق بولدى، كىرىمىمىزمۇ ئاشتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئۆيدىن يېزىغىچە بولغان يوللار قاتتىقلاشتۇرۇلدى، بازارغا بېرىش ناھايىتى قولايلىق، تېرىغان كۆكتاتلارنى ۋاقتىدا ساتالايمىز، ئۈستى- بېشىمىزنىمۇ توپا باسمايدىغان بولدى، ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، تيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق رايونلىرىدا، يېزا تاشيوللىرى تېز سۈرئەتتە ئۇزىراپ، يېزا- كەنتلەرگە تۇتىشىپلا قالماي، ئاسفالىت يولمۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدى، ئېتىز باشلىرىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى. قاتناش راۋان بولغاچقا، بۈگۈنكى كۈندە ئابلەت مەمەتئابدۇللاغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ دېھقان- چارۋىچىنىڭ سىرتقا چىقىشى قولايلىقلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شى دېمىڭ مۇنداق دېدى: بىز 22 ئېغىر نامرات ناھىيە، 1مىڭ 962 ئېغىر نامرات كەنتنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋەزىپىلەرنى رەتلەپ، مۇستەھكەملەپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاسفالت، سېمونت يولنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە ياساپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، قاتناش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن قولغا كەلتۈرىمىز.
بېيىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يول ياساش كېرەك. تۆتتە ياخشى يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىمۇ جايلارنىڭ ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكى ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم بازىرىدىكى كىيىن پىشار قوغۇن مەملىكەت بويىچە داڭلىق بولۇپ، تېرىقچىلىق، تىرانسىپورت، زاپاس ساقلاش كەسپى شەكىللەندى. بۇ يىل نوم بازىرىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان كەنت بىلەن غەربىي كارىز كەنتى ئارىسىدىكى ئاسفالىت يول دېھقان ليۇ پىڭجېڭنىڭ ئېتىزىنىڭ ئالدىغىچە ئۇزارتىپ ياسالدى. ليۇ پىڭجېڭ قوغۇن توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىلىنى بىۋاسىتە ئېتىزغا ھەيدەپ بارالايدىغانلىقىدىن ناھايىتى خوش بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى توپىلىق يولدا ئاپتوموبىلنى ئېتىز- ئېرىق باشلىرىغىچە ھەيدەپ بېرىشقا بولمايتتى. بىر مو يەردىن 5 مىڭ يۈەن كىرىم قىلاتتۇق، ئەمما سودىگەرلەر بىزگە ئاران 4 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل بېرەتتى، يول ياسىلىپ قۇلايلىقلاشقاندىن كېيىن، بىر مو يەردىن ئاز دېگەندە چىقىمىمىز 300 نەچچە يۈەن ئازايدى.
بۇ يىل ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا 70 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى، يېزا تاشيولى 1 مىڭ 100 كىلومېتىردىن ئاشتى. ناھىيە يەنە 10 ئېلېكترىك كوچا ئاپتوبۇسى سېتىۋالدى، ئۈچ ئاساسلىق ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى بارلىق يېزا- كەنتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك قاتناش- تىرانسىپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى خۇ شىنمىن مۇنداق دېدى: يوللار ھەممە كەنتكە تۇتاشتۇرۇلۇپلا قالماي، ئېتىز باشلىرىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، كوچا ئاپتوبۇسلىرى يېزىلاردا قاتنايدىغان بولدى، بۇنىڭدىن پۇقرالار بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.
ئاپتونوم رايونىمىز يېزا تاشيولىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىلىك كۆزلىمە نىشانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش، قوغداش، توشۇش تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. جايلار پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، تەدبىرلەردە يېڭىلىق ياراتتى. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئالاقىدار تارماقلارنى كۆپ تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇپ، مەبلەغ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر ئېلىش، كۆچۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى؛ قەشقەر ۋىلايىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، بۇ يىل ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيە يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان 975 مىليون يۈەننى بىرلەشتۈردى؛ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى3- تەرەپ تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى پائال كىرگۈزۈپ، يېزا تاشيولىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى ھەسەنجان ئەخمەت مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 122 مىڭ 800 كىلومېتىرغا يېتىپ، يېزا-بازارلارغا ئاپتوموبىل قاتناش نىسبىتى %100 كە، ئىشتاتلىق كەنتلەرگە ئاپتوموبىل قاتناش نىسبىتى %99.41 كە يەتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە شارائىتى ھازىرلانغان يېزا-بازارلاردا ئاپتوموبىل قاتناش نىسبىتى %99.6 كە، ئىشتاتلىق كەنت، ليەندۈيلەرگە ئاپتوموبىل قاتناش نىسبىتى %98.3 كە يېتىپ، «سىرتقا تۇتاشقان، ئىچكى جەھەتتە بىرلەشكەن، يېزا- كەنتلەرگە تۇتاشقان، نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلار كەنتلەرگە بارىدىغان، بىخەتەر، قولايلىق بولغان» يېزا تاشيول قاتناش تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى