قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا يورۇقلۇق ئاتا قىلدى

2018-10-29 11:14:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى رايونىدىكى 261 ئېغىر نامرات كەنتنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تاماملىدى. توك ئىشلىتىشتىن توكنى ياخشى ئىشلىتىشقىچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گىرەلىشىپ كەتكەن ئېلېكتىر تورى قۇملۇققىچە تۇتاشتۇرۇپلا قالماي، ئەلا سۈپەتلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىگە يەتكۈزۈلدى.
بۇ ھەپتىنىڭ(ئەتىگەنلىك خەۋەرگە ئوقۇغاندا ئۆتكەن ھەپىتىنىڭ) ئاخىرى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى يېزا قاراڭغۇ تاغ كەنتىدىكى ئىبراھىم ھېكىم ناھىيە بازىرىغا ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى سېتىۋالغىلى كەلدى. 10- ئاينىڭ باشلىرىدا 33 مىليون 950 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 35 كىلوۋولتلۇق قاراتاغ توك يوللاش- توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى يېزا قاراڭغۇ تاغ كەنتى ۋە نىسا كەنتىدىكى 647 ئائىلىلىك بولۇپ جەمئىي 1 مىڭ 855 كىشىنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىندى. ئىبراھىم ھېكىم مۇنداق دېدى: ھازىر ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن كەنتىمىزدە توك مەسىلىسىدىن غەم قىلمايدىغان بولدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.     
قاراڭغۇ تاغ كەنتى كوئىنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، خوتەن شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 كىلومېتىر كېلىدۇ. قاراڭغۇ تاغ كەنتىنىڭ تەبىئىي كىلىمات شارائىتى ناچار بولغاچقا، نورمال توك ئىشلىتەلمەسلىك ئىزچىل كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كېلىۋاتقان ئىش ئىدى. ئىلگىرى كەنتتىكى بىر-ئىككى ئائىلىلىك ئۆيدە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك ئىشلەتكەندىن باشقا، كۆپ قىسىم ئائىلىلەر كېچىنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى. 2014- يىلى، خوتەن ناھىيەسى مەبلەغ چىقىرىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆگزىسىگە يورۇقلۇق ۋولت توك چىقىرىش تاختىسى ئورنىتىپ، بۇنىڭغا ئاككۇمۇلياتور سەپلىگەن بولسىمۇ، يورۇقلۇق ۋولت توك چىقىرىش تاختىسىنىڭ توك چىقىرىش ئىقتىدارى ۋە توك ساقلاش ئىقتىدارى چەكلىك بولغانلىقتىن، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى نورمال خىزمەت قىلالمىغانىدى. ئىبراھىم ھېكىم مۇنداق دېدى: يورۇقلۇق ۋولتتىن چىقىرىلغان توكتا پەقەت ئۆيدىكى بىر نەچچە چىراغتىن باشقا تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرالغۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەتكىلى بولمىدى.
بۇ يىل 6- ئايدا، قاراتاغ توك يوللاش- توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغانلىق خەۋىرى كەنتتىكىلەرنىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى توك ئىشلىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى كۆرۈپ، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولدى. ئەمما ئېلېكتىر خىزمەتچىلىرىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقىنى ناھايىتى قىيىن ئۆتكەللەر ئىدى. قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ مەسئۇلى چياۋ گاڭچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ كەنت دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغاچقا، قۇرۇلۇش قىلىشمۇ ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ. ھازىر بىز دېڭىز يۈزىدىن 3 مىڭ 700 نەچچە مېتىر ئىگىزلىكتە تۇرۇۋاتىمىز، بۇنىڭدا ماتېرىيال توشۇش قۇلايسىز بولۇپلا قالماي، يامغۇرمۇ كۆپ ياغقاچقا، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. بۇ قۇرۇلۇش ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر نامرات كەنتلەرنى يۆلەش ئۈچۈن يولغا قويغان تۈرى بولۇپ، بىز بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا بار كۈچىمىز بىلەن كاپالەتلىك قىلىمىز.
ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى خىزمەتچىلىرىنىڭ 5 ئاي ئۇدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، 35 كىلوۋولتلۇق قاراتاغ توك يوللاش- توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، 75 يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى مۇنارى، 825 ستولبا كوئىنلۇن تېغىدا بىر كۆمۈش كۆۋرۈك شەكىللەندۈرۈپ، مۇقىم ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە ئۈزلۈكسىز يەتكۈزدى.
قاراتاغ كەنتىدە توك ئىشلىتىش جەھەتتە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. 1998-يىلى، يېزا ئېلېكتىر تورىدا «ئىككىنى ئۆزگەرتىش، بىردە باھانى ئوخشاش قىلىش» سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىكى توك توختاپ قېلىش، توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. 2007- يىلى9- ئايدا، شىنجاڭنىڭ «ھەممە ئائىلىگە توك يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تاماملاندى، بۇنىڭ بىلەن 26 مىڭ ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچى قاراڭغۇلۇق بىلەن خوشلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، يېڭى يېزىلارنى ئېلېكترلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكتىر تورى ئۈنۈمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، باغۋەنچىلىك بويىچە پىششىقلاپ ئىشلەش، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاسراش، رېمونت قىلىش بۆلۈمىدىكى تور بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىنژېنېرى لو رۇي مۇنداق دېدى: 1998- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، يېزىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ھەر كىلوۋات توك باھاسى ئىلگىرىكى 1 يۈەن 3 مو 4 پۇڭدىن ھازىرقى يېزىلارنىڭ يورۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەر كىلوۋات توكنىڭ باھاسى 3 مو 9 پۇڭغا تۆۋەنلىدى. بۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ تەخمىنەن 20 مىليارد يۈەنگە يېقىن يۈكى يېنىكلىتىلدى. توك بېسىمىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى 2017-يىلى %99.34 كە يېتىپ، توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، زىياننى ئازايتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. 
بۇ يىل 9- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى 261 نامرات كەنتنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، 219 مىڭ 400 نوپۇسقا نەپ يەتكۈزدى. لو رۇي مۇنداق دېدى: 11- ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بىز ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن توك ئىشلىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملايمىز. كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭ شىركىتى پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 33 مىڭ ئائىلىلىكنىڭ كۆمۈرىنى توكقا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تاماملاشنى پىلانلىدى. ئۇ چاغدا يېزىلاردىكى كۆمۈرنى توكقا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان ئائىلىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يۈكى ئىلگىرىكى ئىككى كىلوۋاتتىن تۆت كىلوۋاتتىن ئون كىلوۋاتقىچە ئۆستۈرۈلىدۇ.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى