قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەكىت ناھىيەسىنىڭ كۈلرەڭ چىلان مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى باشلاندى

2018-10-29 11:23:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئالتۇن كۈز پەسلى، دەل چىلاندىن ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل.10-ئاينىڭ 27-كۈنى مەكىت ناھىيەسىنىڭ كۈلرەڭ چىلان مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى باشلاندى، ئۇلار چىلان تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە دولان ماكانى، چىلان ماكانى، ساياھەت شەھىرىنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.
«بىپايان قۇملۇقتىكى بوستانلىق» دەپ ئاتالغان مەكىت ناھىيەسىدە ھازىر ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك كۆلىمى 800 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە كۈلرەڭ چىلان تېرىلغۇ كۆلىمى 560 مىڭ موغا يەتتى. مەكىت ناھىيەسىنىڭ كۈلرەڭ چىلانلىرى مېۋىسى توق، پوستى نېپىز، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەملىكەت بويىچە داڭ چىقارغان. مۇخبىر مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى نەق مەيدانىدا نۇرغۇن كارخانا ۋە يېزا-بازار ۋەكىللىرىنىڭ چىلان مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بەزى كۈلرەڭ چىلان سورتلىرىنىڭ چوڭ- كىچىكلىكى تۇخۇم چوڭلۇقىدا بولۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە سودىگەرلەرنى قىزىقتۇردى. ۋۇخەندىن كەلگەن ۋۇ خانىم مۇخبىرغا: چىلاننىڭ تەمى تاتلىق ئىكەن، بۈگۈنمۇ تېتىپ باقتۇق، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، قايتىپ بېرىپ تەشۋىق قىلىمىز، پېنسىيىگە چىققان ساۋاقداشلىرىمىزمۇ بىر كېلىپ كەتسە بولغىدەك، دېدى.
كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، كۈلرەڭ چىلان مەكىت دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «بەخت مېۋىسى» گە ئايلاندى، پۈتۈن ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھالقىلىق رول ئوينىدى. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ يىل پۈتۈن ناھىيەنىڭ چىلان مەھسۇلات مىقدارى 240 مىڭ توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە، چىلاندىن قىلىنىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم تەخمىنەن 5 مىڭ 900 يۈەنگە يېتىدىكەن. مەكىت ناھىيەسىنىڭ تۈمەنتال يېزىسى ياكۆل كەنتىدىكى چىلان ئۆستۈرگۈچى ھەسەن مامۇت مۇنداق دېدى: 6.5 مو يەردە چىلانلىقىم بار. بۇ يىل 260 ساندۇق چىلان يىغدىم. ھۆكۈمەت سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ چىلاننىڭ ھەر كىلوگىرامىنى 9 يۈەندىن بىر تۇتاش سېتىۋالدى، بۇ يىل چىلانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ياخشى باھادا سېتىلىشىغا ئىشەنچىم بار.
شۇ كۈنى دولان باغۋەنلەر يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى، «سىزنى سېغىندىم» ساغلاملىق يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر 85 مىڭ توننا كۈلرەڭ چىلان زاكاز قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، پۈتۈشۈش سوممىسى 765 مىليون يۈەنگە يەتتى.
بۇ قېتىمقى ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمىدا يەنە چىلانلىقنى تاماشا قىلىش، ئەلا سۈپەتلىك چىلان-ياڭاقلارنى باھالاش، دولان يېزىسىدا دولان رەسىم يۇرتىنى ساياھەت قىلىش، N39 قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيە ئالاھىدە ساياھىتى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەكىت ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم سۈن يۇڭدۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر N39  قۇملۇق ساياھىتىنى دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت ماركىسى قىلىپ ئېچىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، سېتىشنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز. يەنە دېھقانلار رەسىمى، دولان كەشتىسى، دېھقانلارنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرىنىمۇ كۆرگەزمىگە قويىمىز. شىركەت، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەڭ راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ــ بىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىمىز.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى