قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى تۇرمۇشىنى ياراتقان پېڭ جياڭتاۋ

2018-10-29 11:36:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ماناس ناھىيە ليۇخۇدى بازىرىنىڭ ياڭجياداۋ كەنتىدىكى پېڭ جياڭتاۋ ئويلىمىغان يەردىن پارالىچ بولۇپ قالدى، تەقدىرگە تەن بەرمىگەن پېڭ جياڭتاۋ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، تور قاپ پىششىقلاپ ئىشلەش مەشغۇلاتخانىسى ۋە تور قاپ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپ، ئەمگەكچان ئىككى قولى بىلەن بەختلىك تۇرمۇش ياراتتى.
مۇشۇ ئاينىڭ26- كۈنى، پېڭ جياڭتاۋ كونا خېرىدارلار بىلەن 300 يۈرۈش تور قاپ تەييارلاش زاكىزى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى، ئۇ ئىشلەپچىقارغان تور قاپنىڭ ئىشلىنىشى ئىنچىكە، سۈپىتى ياخشى، باھاسىمۇ ئادىل بولغاچقا، سودىدا ناھايىتى تېزلا پۈتۈشتى.
2004-يىلى7- ئايدا، بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە پېڭ جياڭتاۋنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسى سۇنۇپ پارالىچ بولۇپ قېلىپ، تەقدىرنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىدى. شۇ چاغدا ئاران 25 ياشلىق پېڭ جياڭتاۋ ئۆزىنى يوقىتىپ قويغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆيدىكىلەرنىڭ بارلىق يىغقان پۇللىرىنى خەجلەپ بولۇپ يەنە نەچچە يۈز مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالدۇق، مەن ئىنتايىن ئازابلاندىم، ئىچىم تىتىلداپ، ياشىغۇدەك جاسارىتىم ۋە ئىشەنچىم قالمىدى.
ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىلھامى پېڭ جياڭتاۋنى ئازابتىن ئاستا- ئاستا قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كېرەكسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىماي، ھەمىشە بىرەر ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلايتتى.     2007-يىلى پېڭ جياڭتاۋ ليۇخۇدى بازىرىنىڭ سۈپەتلىك پاختا بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، تور قاپ پىششىقلاپ ئىشلەش دۇكىنى ئېچىپ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدى. دۇكاندا پاختا تالالىرى ئۇچۇپ تۇراتتى، ھەرىكىتى قولايسىز پېڭ جياڭتاۋ قىشتا سوغۇق، يازدا ئىسسىق بولۇشتەك مۇشۇنداق مۇھىتتا نەچچە يىل غەيرەت قىلىپ ئىشلەپ، تىجارىتىنى كۈندىن- كۈنگە راۋاجلاندۇردى.
2014-يىلى12- ئايدا، فۇجيەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلارنىڭ ياردىمىدە پېڭ جياڭتاۋ تاۋباۋدا تور دۇكىنى ئاچتى، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن كادىرلار يەنە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى ئۇنىڭ تور قېپىنى سېتىۋېلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. پېڭ جياڭتاۋ مۇنداق دېدى: بىر كۈندە 500 يۈرۈشتىن 600 يۈرۈشكىچە تور قاپ ئىشلەپچىقىرىمىز. ئاساسلىقى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ پۇتيەن شەھىرىگە ساتىمىز.
2018-يىلى، پېڭ جياڭتاۋ دادىل قارار چىقىرىپ، تور قاپ پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇپ، سۈپەتلىك تور قېپى ئىشلەپ، كۆپرەك پايدا ئالماقچى بولدى. ئۇ يىغقان 50 مىڭ يۈەن پۇلنى ئېلىپ، يېقىن دوستى ليۇ جيەنجيې بىلەن زاۋۇت قۇرۇش ئىشىنى مەسلىھەتلەشتى. پېڭ جياڭتاۋنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە دادىللىق بىلەن چىقارغان قارارى ليۇ جيەنجيېنى تەسىرلەندۈردى، ئۇ خىمىيىۋى ئوغۇت ساقلاشقا ئىشلىتىدىغان ئامبارنى پېڭ جياڭتاۋنىڭ ئىشلىتىشىگە ھەقسىز بەردى ھەمدە ئاقارتىپ، يەر يۈزىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 400 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەپ ئۇنى تۈزىدى. ليۇ جيەنجيې مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا، مېنىڭ ياردىمىمگە موھتاج، بىر پارالىچ ئادەم بۇنداق غەيرەتكە كەلگەن ئىكەن مەن ئۇنىڭغا چۇقۇم ياردەم بېرىشىم كېرەك.
ھازىر پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى نورمال ئىزغا چۈشۈپ، ھەر كۈنى 600 يۈرۈش تور قېپى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى. پېڭ جياڭتاۋ تېخىمۇ كۆپ مېيىپنى زاۋۇتتا ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قايتىدىن جانلاندۇرماقچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: زاۋۇتىمىزدا ئىشلەپچىقىرىلغان يوتقان-كۆرپىلەرنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، زاۋۇتنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياردەمگە مۇھتاج ئاجىز كىشىلەرگە، مېيىپلارغا ياردەم بېرىپ ئۇلارنى بىرلىكتە بېيىتىمەن. مەن مېيىپ بولۇپ قالدىم، ئەمما مەن تېخىمۇ كۈرەش قىلىمەن، ھاياتتا قانچە كۈرەش قىلسام شۇنچە بەختلىك ھېس قىلىمەن.
تەرجىمان:ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى