قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋېي فېڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بۇئايشەم ھاشىمغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ، بۇئايشەم ئانىغا تۇغقانلاردەك ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى

2018-10-30 11:57:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
سانجى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى سەنگوڭ ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي فېڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بۇئايشەم ھاشىمغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ، بۇئايشەم ئانىغا تۇغقانلاردەك ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى.
بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن بۇئايشەم ھاشىمنىڭ ئۆيى سانجى شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ بازىرى چاڭشېڭ كەنتىدە بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت كېسىلى ۋە ئۆتكە تاش چۈشۈش قاتارلىق كۆپ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىدى. يېقىندا ئۇنىڭ يولدىشى ئالەمدىن ئۆتتى. ئىككى كۈندىن بۇيان، سانجى شەھىرىدە تېمپىراتۇرا سىجىل تۆۋەن بولدى. ۋېي فېڭ بۇئايشەم ئانىنىڭ يېشى چوڭ، ھەرىكىتىنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەتىگەندىلا بۇئايشەم ئانىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۆينىڭ پار قازىنىنى تەكشۈرۈپ، ئۆينى ئىسستتى.
ۋېي فېڭ بۇ ئۆينىڭ پار قازىنىنى تەكشۈرۈپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، سۇ ئېقىپ كېتىش ئەھۋالى، ئىس- تۈتەك چىقىرىش تۇرۇبىسىنىڭ راۋان ئەمەسلىكىنى بايقىدى ھەم كۆپ ئويلىشىپ ئولتۇرمايلا سايمان تېپىپ كېلىپ، ئىس- تۈتەك چىقىرىش تۇرۇبىسىنى تەكشۈردى ھەمدە بۇرما مىخلىرىنى چىڭىتىپ، يېرىم سائەت رېمونت قىلغاندىن كېيىن، پارنىمۇ ئوڭشاپ بولدى. ۋېي فېڭ پار قازانغا كۆمۈر سېلىپ ئوت قالىدى، ئۆي ئىچى بىردەمدىلا ئىسسىدى. بۇئايشەم ھاشىم مۇنداق دېدى: ئوغلۇم ۋېي فېڭ ناھايىتى ياخشى. ئۆيگە كېلىپ پار قازاننى رېمونت قىلدى، يەنە كۆمۈر ئەكىلىپ بەردى. ھويلىنى سۈپۈرۈپ، ھەممە ئىشلىرىمغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى.
ۋېي فېڭ پار قازاننى رېمونت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بوئايشەم ئانىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىدى، بۇئايشەم ھاشىم ۋېي فېڭغا: «ئىككى كۈندىن بۇيان بېشىم قاتتىق ئاغرىپ، پۈتۈن بەدىنىمدە ماغدۇر يوق» دېدى. ۋېي فېڭ ئاراممۇ ئالماي، دەرھال بۇئايشەم ئانىنى كەنت شىپاخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتتى. دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش دورىسى يېزىپ بەردى. دورا ئىچكەندىن كېيىن بۇئايشەم ھاشىمنىڭ باش ئاغرىقى پەسەيدى، ۋېي فېڭ سەل خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن يەنە بۇئايشەم ئانىغا ۋاقتىدا دورا ئىچىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشنى تاپىلىدى. كەچتە، بۇئايشەم ئانىنىڭ قىزى سانجى شەھىرىدىن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا، ۋېي فېڭ قىزىغا ئانىسىنىڭ ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم ئۇقتۇرۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ ئەھۋالىغا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا دورا يېيىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى تاپىلىدى. بۇئايشەم ھاشىمنىڭ قىزى ھەنىپە ياقۇپ مۇنداق دېدى: ۋېي فېڭ ھەر قېتىم بايرامدا ئاپامنى يوقلاپ كېلىدۇ، يەنە ئاپامغا قۇۋۋەت دورىلىرى ئېلىپ بېرىدۇ. ئاپامغا بەك كۆيۈنىدۇ، بىزگىمۇ ھەم شۇنداق. ئىنىمنىڭ ئىككى قىزى ئىچكىرىدە ئوقۇيدۇ، ئۇ ھەر ئايدا جىيەن قىزىمىزغا پۇل، قىزىل بولاق ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ھېس قىلىمىز.
قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ۋېي فېڭ بۇئايشەم ھاشىم بىلەن «ئانا- بالا» بولۇپ، بۇئايشەم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تاماقتا، يېتىپ قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، چوڭقۇر مۇھەببەت ئورناتتى. ۋېي فېڭ مۇنداق دېدى: ئاپام بەك ئاقكۆڭۈل، مېنى ئۆز ئوغلىدەك كۆرىدۇ. ھازىر ئۇنىڭ يېشى چوڭىيىپ، كېسىلى كۆپىيىپ كەتتى. مېنىڭچە ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىشىمىز، تۇرمۇشتا ئۇلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى