قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ چەكسىز كەتكەن يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىنى خاتىرىلىگەن فوتوگراف جاڭ جېنيۈەن

2018-10-30 12:06:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
30 ياشلىق فوتوگراف جاڭ جېنيۈەن تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى قوغلىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ چەكسىز كەتكەن يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىنى چۈشەندۈرۈپ، شىنجاڭغا بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتتى.
30ياشلىق جاڭ جېنيۈەن سانجىدا تۇغۇلغان. ئۇ تۆت يىل ئىلگىرى مىكرو بىلوگدا بىر فوتوگراف تارتقان يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. بىر يىل ئىلگىرى، ئۇ كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىق خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، كەسپىي فوتوگراف بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىشقا باشلىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە مېنىڭ تەسىراتىمدا سامانيولى ئاق رەڭلىك ئىدى، لېكىن بۇ سۈرەتتە يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ رەڭدار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، كۆرۈنۈشمۇ ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم تارتىلىپتۇ. ئەينى چاغدا ھەيران قالدىم ھەم مۇشۇنداق كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىشنى نىيەت قىلدىم.
شۇنداق قىلىپ، جاڭ جېنيۈەن «يۇلتۇز قوغلىشىدىغان ئادەم» بولۇپ قالدى. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، يەر شەكلى ھەر خىل بولۇپ، قۇملۇق، چۆللۈك، يايلاقلار بار. يەر شەكلى بىر قەدەر ئېگىز، ھاۋاسى پاكىز، سۈزۈك بولۇپ، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى سۈرەتكە تارتىشقا قولاي ئىدى. لېكىن، ئەڭ گۈزەل يۇلتۇزلۇق ئاسماننى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن، ئادەتتە يېرىم كېچىگىچە، ھەتتا تاڭ سەھەرگىچە ساقلاشقا توغرا كېلەتتى. جاڭ جېنيۈەن قانچىلىغان كېچىنى تەستە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ساناپ بولالمايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەڭ ياخشى ئورۇن، ئەڭ ياخشى كۆرۈش بۇلۇڭىنى تېپىش ئۈچۈن تاغ چوققىسىغا چىقىشقا توغرا كېلەتتى. تۇنجى قېتىم نۇرجاغا بارغاندا، ئاپتوموبىل تاغ قىرىنى بويلاپ ماڭغانتى، يان تەرەپ بەك خەتەرلىك، 90 گىرادۇسلۇق تىك يار ئىدى. بىز تىك قىيادا ئاپپاراتنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ ماڭدۇق. دىققەت قىلمىساق ئاپپارات چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. بۇلتۇر قىشتا قاناسقا بارغاندا، ئاپپاراتلار توڭلاپ قېتىپ قاپتۇ، ئىككى- ئۈچ سائەت سۈرەتكە تارتتۇق، سوغۇقتا توڭلاپ كەتسەك، توختىماي سەكرەپ، بەدىنىمىزنى قىزىتتۇق.
كەسىپكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق تۈپەيلى، جاڭ جىنيۈەن دالىدا سۈرەتكە تارتىشنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ باقمىدى. ئۈرۈمچىدىكى نەنسەن، ساۋەندىكى يەنسىخەي چوڭ جىلغىسى، پىچاندىكى قۇمتاغ قۇملۇقى، ئورقۇدىكى ئەسكىشار، ئالتايدىكى قاناس ۋە قۇمقاناس، ئىلىدىكى قاراجۇن يايلىقى ...... تۆت يىل ئىچىدە، ئۇ ھەر قايسى جايلارنىڭ ئوخشىمىغان مەنزىرىلىرىنى تىرىشىپ ئۆزىنىڭ سۈرەتلىرىدە نامايەن قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا ئوخشىمىغان يەر شەكلى بار، يۇلتۇزلۇق ئاسمان پەقەت يەر شەكلىنىڭ بىر ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇلتۇزلۇق ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ يۆتكىلىپ تۇرغاندىكى بەزى كۆرۈنۈشلەر بەكمۇ گۈزەل.
نۆۋەتتە، جاڭ جىنيۈەننىڭ «دويىن» دا 690 مىڭ ئەگشكۇچىسى بولۇپ، 8 مىليون 791 مىڭ قېتىم ماختاشقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئىچىدە، ئۇ سۈرەتكە ئالغان يەنسىخەي چوڭ جىلغىسىدىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمان سىن كۆرۈنۈشى 3 مىليون 495 مىڭ قېتىم ماختاشقا ئېرىشىپ، ئوبزور سانى 37 مىڭ پارچىگە يېتىپ، ئەڭ كۆپ ماختاشقا ئېرىشكەن يۇلتۇزلۇق ئاسمان سىن كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ جىلغىدا كۆمۈر كان بار، يۈك تىرانسپورت چوڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ چىراغ نۇرىدا نۇرغۇن ئىزلىرى بار ئىكەن. بۇ جىلغىدا كىشىلەر بەكمۇ ئالدىراش، كەينىدە يەنە قارلىق تاغ، يۇلتۇزلۇق ئاسمان بولغاچقا، سىن كۆرۈنۈشى قىلىپ تارتىۋالغانىدىم.
جاڭ جىنيۈەن فوتو ئاپپاراتىدىكى چەكسىز كەتكەن يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئارقىلىق، نۇرغۇن كىشىنى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ ھەر خىل ئامىللىرىنى تەشۋىق قىلغىنىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن. يۇلتۇزلارنى كۆرۈش، تاماشا قىلىشمۇ شىنجاڭنىڭ بىر بايلىق ئەۋزەللىكى. مەن يەنە شىنجاڭنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ مول نەرسىلىرىنى كۆپچىلىككە نامايەن قىلماقچى بولۇۋاتىمەن. شىنجاڭدا بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدىكى مەنزىرىسى ئوخشىمايدۇ، فوتو ئاپپاراتىم ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنى چۈشەندۈرۈش، تونۇتۇش مىنىڭ نىشانىم، بۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن بەختلىك بىر ئىش.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى