قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازىرىدا ئېكولوگىيەلىك پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى

2018-10-30 12:10:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:

ئاقسۇ شەھىرى10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئايكۆل بازىرىدا ئېكولوگىيەلىك پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. 10 مىڭغا يېقىن تەنتەربىيە ھەۋەسكارى مۇسابىقىگە قاتناشقاندىن باشقا، يەنە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچ چېمپىيونى مۇسابىقىدە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارغا مەدەت بەردى.

بۇ نۆۋەتلىك ئېكولوگىيەلىك پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى بەش كىلومېتىر، 15 كىلومېتىر دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلدى. مۇسابىقە لىنىيەسى چۆل- جەزىرە، سۇلۇق يەر، جىلغا، قۇملۇق، كۆل قاتارلىق ئۆزگىچە مەنزىرە يەر شەكىللىرىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، 10 مىڭغا يېقىن پىيادە مېڭىش ھەۋەسكارى ۋە 2008- يىللىق تاپانچا بىلەن قارىغا ئېتىش تۈرىنىڭ ئولىمپىك چېمپىيونى چېن يىڭ، ئاياللارنىڭ 10 مېتىرلىق پەشتاقتىن سۇغا سەكرەش ئولىمپىك چېمپىيونى ساڭ شۆ، بەدىئىي گىمناستىكا تۈرىنىڭ دۇنيا چېمپىيونى سۈي جيەنشۇاڭ قاتارلىقلار قاتناشتى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ساڭ شۆ مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا، ئاقسۇغا كېلىشىم، 10 مىڭ ئادەمنى پىيادە مېڭىشقا يېتەكلەش، مەيلى كۆرۈش سېزىمى جەھەتتىن ياكى پۈتكۈل تۇيغۇ جەھەتتىن بولسۇن، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھېس قىلدىم، شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ تەنھەرىكەت ئاساسى ناھايىتى ياخشىكەن، بارلىق ئاممىنىڭ تەنتەربىيەگە كۆپرەك قاتنىشىپ، تەنتەربىيەگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاتۇش شەھىرىدىن كەلگەن ئاسىلبېك جولداش ئەرلەرنىڭ بەش كىلومېتىرلىق گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن چېمپىيون بولىشىمنى ئويلىمىغان ئىدىم، مۇسابىقىدە ئازراق چارچىغان بولساممۇ، لېكىن شۇنداق خۇشال بولدۇم، ئاقسۇلۇقلار يۈگۈرۈشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن، كىشىلەر «غەيرەت قىل، غەيرەت قىل» دەپ، ماڭا مەدەت بەردى، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

ئېكولوگىيەلىك پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى ئارقىلىق، ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىلىرى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى، كەسپىي ماھىرلار بىرلىكتە ساغلاملىق ۋە خوشاللىقتىن تەڭ ھوزۇرلاندى. شەھەر ئاھالىسى ئۆمەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلى، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ۋاقتىم بىر قەدەر ئاز، بۇ قېتىمقى چوڭ تىپتىكى پائالىيەت ئارقىلىق، تەنھەرىكەتنىڭ سىھرى كۈچىنى ھېس قىلىپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزەمنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، تەنتەربىيەدىن خۇشاللىق تاپتىم. دەرىجە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى قاتنىشىش.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى