قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتە داۋاملىق كۈچەپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى

2018-10-31 15:52:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ساياھەتچىلىك-- ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، شۇنداقلا خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم كەسىپ» دەپ كۆرسەتتى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ساياھەتچىلىكنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا ياردەم بېرىدىغان، خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا.
لوپ ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدىكى ئۆرۈكلۈك باغ سەھرا ئارامگاھىدا، كەنت ئاھالىسى مەمەتئېلى توختى سەھرا ئارامگاھىدا ئويۇن قويۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىتىۋاتقانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر ھەپتىدە 3، 4 مەيدان ئويۇن قويىمەن. ھەر قېتىمدا200، 300 يۈەن پۇل تاپالايمەن. ساياھەتچىلەر ئۇيۇنىمىزنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ.
بۇلتۇر، لوپ ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىك بەرپا قىلىشنى ئاچچىق يېزىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى يېتەكچى كەسىپ قىلىپ، 18 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى ماسلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت شىركىتىنى جەلپ قىلىپ، يۈزگە يېقىن نامرات ئائىلىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. نۆۋەتتە، ئاچچىق يېزىسى 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن ساياھەتچى كۈتىۋېلىپ، ساياھەتچىلىكتىن 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. يېقىندا، لوپ ناھىيەسىنىڭ ئاچچىق يېزىسىدىكى «چيەنشەن دەريا جىلغىسى» ساياھەت شىركىتى يېزىدا خادىم قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە تىزىملاتتى. شىركەت دېرىكتورى سادىق مەمتىمىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم 20 نەپەر خادىم قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغانىدۇق. ھازىرغىچە تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 60 نەچچىگە يەتتى. رىقابەت خېلىلا كەسكىن بولدى.
لوپ ناھىيە ئاچچىق يېزىسى ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى--ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي دائىرىلىك ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا.بۇ يىل 1-ئايدىن 9- ئايغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتىۋېلىنغان ساياھەتچى 130 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.بۇ-- شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار يەنە ساياھەتچىلىك بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەت لىنىيەسى بويىدىكى ۋە مەنزىرە رايون ئەتراپىدىكى ئاممىنى ئاشخانا ئېچىش، مىھمانخانا ئېچىش، تىرانسپورت بىلەن شۇغۇللىنىش، ناخشا- ئۇسسۇل ئويۇنى قويۇش، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. قورغاس ناھىيەسىدە، نۇرغۇن دېھقان- چارۋىچى ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش، مەھسۇلات ئىشلەش، سېتىش جەريانىغا قاتنىشىپ، كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. قورغاس ناھىيەسىنىڭ لۇساۋگوۋ بازىرى سىگۇڭ كەنتىدىكى ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرگۈچى جاڭ لىنلى مۇنداق دېدى: بۇ يەردە ئۈستىقۇددۇستىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتتىن70، 80 خىلى بار، ھەممىسى بىزنىڭ يەرلىك كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتى. ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان ماي، قۇرۇق گۈل مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى يامان ئەمەس، كۈنىگە 1، 2 مىڭ يۈەنلىك سودا قىلالايمىز.
شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش زەنجىرى ئۇزۇن بولۇش، تۈرتكىلىك كۈچى زور بولۇش، سېلىنمىسى ئاز، ئۈنۈمى تېز بولۇشتەك ئەۋزەللىك بارغانسېرى گەۋدىلەندى. جايلاردىكى بىر تۈركۈم «4 ئا» ۋە «5 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى داۋاملىق كۈچەيدى. بۇرچىن ناھىيەسىدىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن قاناس مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، ساياھەتچىلىككە قاتناشقان ئادەم سانى 10 مىڭغا يەتتى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرى ئەتراپىدىكى ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ- ئادەت كوچىلىرىدا ئاز دېگەندىمۇ 20 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى. سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى بەي يۈجۈن مۇنداق دېدى: سانجى ئوبلاستى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ساياھەتچىلىك بايلىقىنى پاي قىلىپ قوشۇپ پايدا تەقسىملەش، ساياھەتچىلىكتىكى تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئوبلاستىمىز ساياھەتچىلىكىدە بىۋاسىتە كەسىپكارلار 46 مىڭغا؛ ئالاقىدار كەسپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 230 مىڭغا يەتتى. بىر تۈركۈم نامرات ئامما ساياھەتچىلىككە قاتنىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
   ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ۋە تەرەققىيات كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا پائال مەبلەغ سېلىپ، 60 نامرات كەنتنىڭ ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 770 دىن ئارتۇق كىشىنى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، 3 مىڭ 600 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ۋاسىتىلىك تۈرتكە بولغان. بۇ يىل9- ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز «ساياھەتچىلىك كەسپى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى» نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلىك كەسپىدە ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ بىلەن، ساياھەتچىلىك-- ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى ۋە يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ۋەە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كۈزەتكۈچىسى ما رۈي مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش پىلانىنى ئەستايىدىل ياخشى تۈزۈپ، 10 مىڭ كىشىلىك تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى يېڭىچە ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئايلاندۇرىمىز. بىز 22 نامرات ناھىيەدە بىر تۈركۈم تايانچ كارخانىلار ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى يۆلەپ، بۇ كارخانىلارنى شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كەسپى تۈرىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى