قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز «ئالاقە تورى بىلەن مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاممىنى مەمۇرىي ئىشلارنى بېجىرىشتە، «كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى

2018-10-31 16:02:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي ۋاستە قىلىپ، تور تەپەككۈرى ۋە ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، «ئالاقە تورى بىلەن مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئەتمەكتە.
ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يىڭى شەھەر رايونى) نىڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالىدا، شىنجاڭ «خۇڭشېڭ خېڭچاڭ» ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى چېن لىن يېڭىدىن بېجىرىلگەن تىجارەت كىنىشكىسىنى قولىغا ئالدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: توردا ئىلتىماس قىلىشتىن مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ گۇۋاھنامىنى ئېلىشقىچە پەقەت بىر قېتىملا كەلدىم. ئىككى كۈنلا كەتتى. بۇنىڭدا ھەقىقەتەن قولايلىق بولىدىكەن. خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۇلازىمەت پوزىتسىيەسى ناھايىتى ياخشى، سۈرئىتى بەك تېز ئىكەن.
بۇ يىل 3- ئايدا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يىڭى شەھەر رايونى) «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «ئالاقە تورى بىلەن مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش» ئارقىلىق مەمۇرىي تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ تۈرلۈك ئىسلاھات-- بازار نازارەتچىلىكى، باج، قۇرۇلۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق 16 تارماقتىكى 424 تۈرلۈك ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 244 تۈردە «بىر قېتىممۇ قاترىماسلىق» ئىشقا ئاشتى.
مۇخبىر ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يىڭى شەھەر رايونى) مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت زالىدا، زالنىڭ بىر تەرىپىدە «توردا ئىش بېجىرىش زالى» تەسىس قىلىنغانلىقى، 16 يۈرۈش ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىنىڭ قويۇلغانلىقى، خىزمەتچىلەرنىڭ نەق مەيداندا ئىش بېجىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىغا ئالاقىدار ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا بېجىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يىڭى شەھەر رايونى) مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى لىن چىڭشيا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 3- ئايدا، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندا، كۈندىلىك توردا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى 30 نەچچە بولغانىدى. ھازىر، كۈندىلىك توردا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى. بىراق، نۇرغۇن كىشى ئىلگىرىكى مۇلازىمەت كۆزنىكىدە ئىش بېجىرىش ئەندىزىسىگە كۆنۈپ قالغان، كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، توردا ئىش بېجىرىشكە يۈزلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
«ئالاقە تورى بىلەن مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنىڭ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جايلارنىڭ مەمۇرىي ئىشلار سىستېمىسىدا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تېخىمۇ راۋانلىشىپ، جايلارنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت سۇپىسى تەدرىجىي شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، توردا ئىش بېجىرىش زالى، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئاممىۋى ئۈندىدار نومۇرى، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى «ئەپ» دىتالى قاتارلىقلار ئاممىنى «بارماق ئۇچىدىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» دىن بەھرىمەن قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ھادىسە بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەرتىپ باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى ھادىسە بىر تەرەپ قىلىش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەكبەر ئەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ 12123 نۇمۇرلۇق ئەپ دىتالى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جايلارنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ سۇپىدا، 10 چوڭ تۈر بويىچە 130 نەچچە خىل ئىقتىدار بار، قاتناش ھادىسىسى ۋە قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، نومۇر تاللاش، نومۇر تولۇقلاش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى، خەلق ساقچىلىرىنىڭ خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلەتكىلى، ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئالاقە تورى بىلەن مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىدا ئاساسلىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى، سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، باج، تاموژنا قاتارلىق تارماقلار نۇقتىدا سىناق قىلىپ، ئالدى بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى باج تارماقلىرى «باج ئىشلىرىنى توردا بېجىرىش» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، «پۈتۈن جەريان بويىچە توردا بېجىرىش» تۈر تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، باجغا چېتىشلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشتە ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى؛ ئۈرۈمچى تاموژنىسى «يەككە كۆزنەك» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەلۇم قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت سۇپىسىنى بىر نۇقتىغا تۇتاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش تالونلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇرلارنى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدا سودا- سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش بويىچە توردا تىزىملاشنى تولۇق ئېلېكترونلاشتۇرۇش سىستېمىسى ئېچىلىپ، شەخسلەر مەبلەغ سالغان شىركەتلەر، شېرىك كارخانىلار ۋە يەككە سودا- سانائەتچىلەر ئېلىكتىرونلۇق تىزىمغا ئالدۇرۇشتا«بىر قېتىممۇ قاترىماسلىق» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، «ئالاقە تورى بىلەن مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش» ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرماقتا. بورتالا شەھىرىدىكى «جويۈەن» مالىيە مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بوغالتىرى چيەن لىگۇڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، باج ئىشلىرىنى بېجىرىشكە ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى. باج ئىشلىرىنى توردا بېجىرىش-- كۆپچىلىككە قولايلىق ئېلىپ كەلدى. ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا بۇ كەسىپلەرنى بېجىرەلەيدىغان بولدۇق. توقسۇ ناھىيەسىدىكى «چۇاڭشىن» ماشىنىسازلىق زاۋۇتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى لۇ چىڭجۈەن مۇنداق دېدى: «ئالاقە تورى بىلەن مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈش» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كەسىپنى توردىلا بېجىرەلەيدىغان بولدۇق. بۇنىڭدا نۇرغۇن ۋاقىتنى تىجەپ قالغىلى، يولنى ئاز ماڭغىلى بولىدىكەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى