قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىنىڭ گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى-- سەھرا ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

2018-10-31 16:29:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
كۇچا ناھىيەسى گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، چىمەن بازىرىنىڭ موما تېرەك كەنتىنى 3 ئا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.
كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى موما تېرەك كەنتىگە كىرگىنىڭىزدە، قىزىل تورۇس، ئاق تاملىق ئۆيلەر، ھويلىلاردىكى رەتلىك تىزىلغان ئاھالىلەر ئۆيلىرى، كەڭ كەتكەن پاكىز يوللارنى كۆرىسىز. يېڭى تۈسكە كىرگەن بۇ كىچىك كەنت نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ سەھرا مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىشقا جەلپ قىلماقتا. ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساياھەتچى جۇ مىڭ مۇنداق دېدى: موما تېرەك كەنتىنىڭ قوي گۆشى كاۋىپى بەكلا يېيىشلىككەن، ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىمۇ كىشىنى بەكلا جەلپ قىلىدىكەن. مەن بۇ كەنتتە شۇنداقلا كەنت ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆگىرىشلەرنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.       
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى، نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، موما تېرەك كەنتىدىكى ئۆي، كوچىلارنى ئۆزگەرتىپ، كەنتتە كەنت مەدەنىيەت زالى، ساياھەتچىلىك بويىچە يىغىش-تارقاقلاشتۇرۇش مەركىزى، كەنت تارىخى سارىيى، «ئانار دانىسى» مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، موما تېرەك كەنتىنىڭ ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. كەنت ئاھالىسى خۇ يوۋخۇڭ بۇنىڭدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سەھرا ئارامگاھى ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەڭ ئالدىراش پەسلىمىزدە بىر كۈندە 400 دىن 500 كىچە ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق. ئىلگىرى تېرىقچىلىق قىلىپ، بىر يىلدا 30 مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلاتتىم. ئەمما، ھازىر ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ، ئېيىغا 15 مىڭ يۈەندىن 20 مىڭ يۈەنگىچە پايدا ئېلىۋاتىمەن، ئەلۋەتتە بۇ خېلى كۆپ كىرىم. 
موما تېرەك كەنتى يېزا ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، مىڭ مو يەردە كىشمىش ئۆرۈك ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوغۇن، شىلەنخۇا قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىدى. ساياھەتچىلەر بۇلارنى ئېتىزلىققا كىرىپ ئۆزلىرى ئۈزسىمۇ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ. بۇ كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر يول بولۇپ قالدى.
يېقىندا، كۇچا ناھىيەسى تەشكىللىگەن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىسى موما تېرەك كەنتىنىڭ «3 ئا» دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلغانلىقىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جىباۋ يەنە بىر قېتىم دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 10 مىڭ 900 يۈەنگە يەتتى. «3 ئا» دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بىز نۇرغۇن پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىنىڭ بارلىققا كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغانلىقى شۇنداقلا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ 12 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى