قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆكۈنمەس ياشلىق

2018-10-31 16:47:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ1- ئۆلچەش-سىزىش يۇرتىدىكى «ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش ئۈلگىسى» جاڭ يۈشەن يىلبويى قۇملۇقتا دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئۆلچەش-سىزىش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، قىلچە بىخەستەلىك قىلماي، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان خىزمەت پوزىتسىيەسى ۋە ئېھتىياتچان، ئىنچىكە بولغان خىزمەت ئىستىلى بىلەن ياشلىقىنى جۇلالاندۇردى.
خىزمەتكە قاتناشقان يەتتە يىلدىن بۇيان، جاڭ يۈشەن باشتىن- ئاخىر خىزمەت ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى ھەمدە شىنجاڭ1- ئۆلچەش-سىزىش يۇرتى ئۆلچەش- سىزىش تۈرىنىڭ كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندى.
2011- يىلى9- ئايدا، جاڭ يۈشەن ئۆلچەش- سىزىش يۇرتىغا كېلىپلا، بۈگۈر ناھىيەسىگە بېرىپ ئۆلچەش- سىزىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا توغرا كەلدى. ھەممىنى نۆلدىن باشلىغان جاڭ يۈشەن توختىماي ئۆگىنىپ، بىلمىگەننى سوراپ، تەدرىجىي ھالدا خىزمەتلەرگە كىرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك يەر شەكلى بىر قەدەر مۇرەككەپ، شۇڭا، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۆگىنىش، تەتبىقلاش-- مەكتەپتە نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم. يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەن ئىكەنمەن، بىلمىگەننى سوراپ ئۆگىنىشىم كېرەك ئەلۋەتتە. نەتىجىدە تۇنجى قېتىملىق ئۆلچەش- سىزىش تۈرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولدۇم. بۇ-- ماڭا ناھايىتى زور ئىلھام ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى.
ئۆلچەش-سىزىش خىزمىتى ئادەتتە سىرتتا قانات يايدۇرۇلىدۇ. جاڭ يۈشەن بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆزىنى خىزمەتكە بېغىشلىدى. قىشتا، سىرتنىڭ تېمپراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 20، 30 گرادۇسقا چۈشكەندە، جاڭ يۈشەن چىشىنى چىشلەپ بەرداشلىق بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېمپراتۇرا تۆۋەن چاغلاردا، سىرتتا بىر نەچچە مىنۇت تۇرساملا توڭلاپ كېتەتتىم. ئەمما ئويلاپ باقسام، بۇ مېنىڭ خىزمىتىم تۇرسا، جاپا تارتساقمۇ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تاماملىشىمىز كېرەكتە.
2014- يىلى1- ئايدا، شىنجاڭ 1- ئۆلچەش- سىزىش يۇرتىدا دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بىرلەشمە گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، تۇنجى قېتىمدا، كۈمۈش ئۆلچەش رايونى تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىلدى. جاڭ يۈشەن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى. بۇ خىزمەت قانات يايدۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، جاڭ يۈشەن ئىدارە تەشكىللىگەن جۇغراپىيىلىك دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىكىگە ئاكتىپ قاتناشتى. ۋاقىت قىس، تەلەپ يۇقىرى، خىزمەت تەرتىپىگە پىششىق بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇ ئەستايىدىل مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ھەمدە كۆپچىلىكنى يېڭى تېخنىكا ئۇسۇلى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئۇيۇشتۇردى. شۇ يىلى1- ئاينىڭ12- كۈنى جاڭ يۈشەننىڭ تويى بولدى. ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئۇ پەقەت بىر كۈنلا رۇخسەت سوراپ، توينىڭ2- كۈنى يەنە خىزمەت ئورنىدا پەيدا بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۈرنى يولغا قويۇش جەريانىدا، بىر ئادەم ئازايسا، باشقىلار بىر كىشىلىك خىزمەتنى كۆپ ئۈستىگە ئېلىشقا توغرا كىلىدۇ. شۇڭا، خىزمەت ۋەزىپىسى ئالدىدا، شەخسنىڭ ئىشى ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ كىچىك ئىش.
دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تۈرى يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، جاڭ يۈشەن ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتە ناھىيە- شەھەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا قاتناشتى. ئۇ يىلبويى دالىدا يۈرۈپ، ئۈن- تىنسىز ئىشلىدى. جاڭ يۈشەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئالاقىدار ئۆلچەش سىزىش تۈرلىرى تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەخت-كۈرەشتىن كېلىدۇ. ھەر بىر ئۆلچەش-سىزىش تۈرى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلسە، مېنىڭچە بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم.
تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى