قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

38 يىللىق ئاچا- سىڭىل مۇھەببىتى

2018-11-01 10:29:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ بېشبالىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا جايلاشقان «ئىتتىپاق چۆچۈرىخانىسى» دا خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي قالدى. كىچىككىنە چۆچۈرىخانىغا ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرنىساخان سايىم بىلەن چېن ليەنچىن ئائىلىسىنىڭ 38 يىللىق دوستلۇقى مۇجەسسەملەنگەن ئىدى.
يېقىندا جىمىسار ناھىيەلىك2- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خې جۈەن ئوقۇغۇچىسى كامىلەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى يوقلىدى. خې جۈەن كامىلەنىڭ مومىسى تۇرنىساخان سايىم بىلەن كۆرۈشكەندە ئىككىسى بىر- بىرىگە قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئەسلىدە، تۇرنىساخان سايىم خې جۈەننىڭ قېيىن ئانىسى چېن ليەنچىن بىلەن ئاچا- سىڭىل بولۇشقان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇتۇق ئانىسى ئىدى. خې جۈەن مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم. قوشماقلاشقان تۇغقىنىمنىڭ تۇرنىساخان ئانا ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەن. ئىككى كۈندىن كېيىن، مەن يەنە قېيىن ئانامنى ئېلىپ ئالايىتەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئولتۇرۇپ كەتتىم.
ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ دوستلۇقىنى1990- يىلدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ يىلى چېن ليەنچىن بىلەن تۇرنىساخان سايىم شۇ جايدىكى بىر يېمەكلىك شىركىتىنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەيتتى. ئىككىيلەن دائىم بىللە چۆچۈرە تۈگۈش جەريانىدا، ئاستا- ئاستا سىرداش ئاچا- سىڭىللاردىن بولۇپ قالدى. 1992- يىلى ئاشخانا تاقالغاندىن كېيىن ئىككىيلەن 3 مىڭ يۈەن جۇغلاپ، شۇ يەردىن بىر دۇكان ئىجارە ئېلىپ، چۆچۈرىخانا ئاچتى. دۇكان چوڭ بولمىسىمۇ، ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەن تىجارەتتە سەمىمىي بولۇپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، «ئىتتىپاق چۆچۈرىخانىسى» نى تەدرىجىي ئەتىراپقا تونۇتتى.
جاھاندا ھەقىقەتەن ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ. 1996- يىلى10- ئاينىڭ بىر كۈنى كەچتە، چېن ليەنچىننىڭ يولدىشى تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى. شۇ مەزگىللەردە تۇرنىساخان سايىم دۇكاننى تاقاپ، ئەتىدىن- كەچكىچە چېن ليەنچىنغا ھەمراھ بولۇپ، چېن ليەنچىڭنىڭ بۇ قايغۇلۇق كۈنلىرىدە ئۇنىڭدىن ئايرىلمىدى. چېن ليەنچىن مۇنداق دېدى: شۇنچە يىللاردىن بۇيان، بىز ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر- بىرىمىزگە مەدەت بېرىپ كەلدۇق. بىز ئۇرۇق تۇغقانلاردىنمۇ يېقىن ئۆتتۇق.
 2006- يىلى ئىككىيلەن 55 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. چېن ليەنچىڭنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن چۆچۈرىخانىنى تۇرنىساخان سايىمنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ داۋاملىق ئېچىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئادەتتە خې جۈەن دۇكانغا بېرىپ ياردەملىشەتتى. يېقىندا ئۇ تۇرنىساخان سايىمنىڭ ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئالاھىتەن رۇخسەت سوراپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. تۇرنىساخان سايىم بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندى ھەمدە ئۇنى تۇتۇق قىزى قىلىۋالدى. تۇرنىساخان سايىم مۇنداق دېدى: مەن ئۇنىڭ قېيىن ئانىسى بىلەن 30 يىل ئىشلىدىم. ئۇ ھازىر مېنىڭ تۇتۇق قىزىم بولدى. ئۇ بىزگە ياردەملىشىپ، سۇ تۇرۇبىلىرىنى ئوڭشاپ، ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ بەردى. بىز ئۆي كۆچكەندە كېلىپ ياردەملەشتى. بالنىتىسدا ياتقاندا، ماڭا تاماق توشۇدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ياردىمى ناھايىتى كۆپ، تۇتۇق قىزىمغا كۆپ رەھمەت.
خې جۈەن مۇنداق دېدى: قىيىن ئانام بىلەن تۇتۇق ئانام 30 يىل بىللە ئىشلەپ، 30 يىل «ئىتتىپاقلىق چۆچۈرىخانىسى» نى ئاچتى. مەن تۇتۇق ئانىغا ئىگە بولدۇم. بۇ مېھىر- مۇھەببەت قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ رىشتىنى سىجىل داۋاملاشتۇرىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى