قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت ئىجادىيەت يولىدىكى شىنجاڭغا بولغان مۇھەببەت

2018-11-01 10:35:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئۈندىدار چىراي ئىپادىسىدىكى «كەپسىز مۈشۈك» كۆرۈنۈشلىرى شىنجاڭلىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن يېقىملىق. چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن شىنجاڭ شېۋىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. بۇ ئوماق مۈشۈكنىڭ «ئىگىسى» دەل شىنجاڭ قىستۇرما رەسىم لايىھەلىگۈچىسى ۋاڭ لىن. نۆۋەتتە، ۋاڭ لىن پائال تىرىشىپ، شىنجاڭ ئامىلى بار مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ۋاڭ لىننىڭ قىستۇرما رەسىم ئىشخانىسىدا، مۇخبىر ئوماق قونچاق، قۇچاقلىما ياستۇق ۋە سىترولۇق ئاتكرىتكىلارنى كۆردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى «كەپسىز مۈشۈك» يۈرۈشلۈك ئۈندىدار چىراي ئىپادىسى تۈرىدىكى ھاسىلىي مەھسۇلات ئىدى. ۋاڭ لىن مۇخبىرغا «كەپسىز مۈشۈك» دۇكىنىنىڭ پات ئارىدا تىجارەت باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ۋاڭ لىن مۇنداق دېدى:11- ئاينىڭ11- كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى شېڭدا مەيدانىدا «كەپسىز مۈشۈك» دۇكىنى ئېچىلىدۇ ھەم كەپسىز مۈشۈك شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئەلچىسى بولىدۇ. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ يان تېلېفونىدا ساقلىنىپلا قالماي، ئەمەلىي دۇكانلاردا ئۇنىڭ قىزىقارلىق، ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرەلەيسىز.
ھازىر، ۋاڭ لىن خېلى تونۇلۇپ قالدى. ئەمما، ئۇ ئىجادىيەت داۋامىدا نۇرغۇن ئەگىر-توقايلىقلارنى بېسىپ ئۆتتى. ۋاڭ لىن كىچىكىدىن باشلاپلا رەسىم سىزىشقا قىزىقاتتى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن چەتئەل كارخانىسىدا مەمۇرىي خىزمەت ئىشلىدى. تور پونكىتىدا گۈزەل ھۈنەر-سەنئەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. نەچچە يىل تىرىشقاندىن كېيىن ئۇ ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى. 2014- يىلى «ۋاڭشياۋماۋ» قىستۇرما رەسىم ئىشخانىسى قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ مەبلەغ ئوبوروتى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ۋاڭ لىننىڭ بېشىنى قاتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كىتابقا قىستۇرما رەسىم سىزىش ئورگىنالىنى ئېلىپ، باشقا رەسساملارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلىدىم. ئەمما، قەلەم ھەققىنى يېرىم يىلدىن كېيىن قولۇمغا ئالدىم. مەن ئەينى ۋاقىتتا، دوستلىرىم، ئۆيدىكىلەردىن قەرز ئېلىپ، قەلەم ھەققىنى باشقا رەسساملارغا ئالدىن بەردىم.
ۋاڭ لىننىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قىستۇرما رەسىم ئىشخانىسى تەدرىجىي ئىزىغا چۈشتى. ۋاڭ لىن باشقىلارغا قىستۇرما رەسىم سىزىپ بېرىشتىن باشقا، ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى بولۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. 2016- يىلى توردىكى ھەر خىل ئۈندىدار چىراي ئىپادىلىرى قىززىپ كەتتى. ۋاڭ لىن تىجارەت تۈسىنى ئالغان قىستۇرما رەسىم ئىجادىيىتىنى توختىتىپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە چىراي ئىپادىلىرىنى ئىجاد قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: گەرچە شىنجاڭدا تۇغۇلغان بولساممۇ، ئىجادىيىتىمنى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇتۇش ئۈچۈن، مۈشۈك ئوبرازىنى تاللىدىم. شىنجاڭنىڭ يەرلىك سۆز ئىپادىسى بولمىغاچقا، شىنجاڭنىڭ يەرلىك تىللىرىنى يىغىنچاقلاپ، چىراي ئىپادىلىرى تۈرىگە كىرگۈزدۈم. ئۇنى توردىن چۈشۈرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولدى ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى، چەتئەلگە ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارمۇ ماڭا ئۈندىداردا ئۇچۇر يوللاپ، «يۇرتىمىزنىڭ پۇرىقى بار» دېيىشتى.
ھازىر، «كەپسىز مۈشۈك» يۈرۈشلۈك چىراي ئىپادىسى ئۈندىداردا 2 مىليون 700 مىڭ قېتىم تارقىتىلدى. ئۇ ئىجادىي ۋەكىللىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، ۋاڭ لىننىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيەت سۇپىسى بارغانسىرى زورايدى. بۇلتۇر ۋاڭ لىن «مۈشۈك سارىيى» مەدەنىيەت ئىجادىيەت سۇپىسى قۇرۇپ، ئون نەچچە ماي بوياق رەسىم، رەخت سەنئىتى، قولدا سوپۇن ياساش، ھۈنەر-سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن توردا مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سۇپىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. ۋاڭ لىن مۇنداق دېدى: ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جاي ماتىرىيالىدا سوپۇن ئىشلەپچىقىرىمىز. مەسىلەن، شىنجاڭدىكى ئىنتايىن ياخشى ئۆرۈك مېغىزى مېيى قولدا ئىشلەنگەن سوپۇنغا قوشۇلىدۇ. سېرىق قاشتېشى، ھېقىق قاتارلىق تاشلاردىن نەپىس زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىمىز. بۇ مەھسۇلاتلار تور سودا شەھەرچىسىدە بازارغا سېلىندى. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى