قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىخو فوشەن دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى ئېكولوگىيەنى ئاساس قىلغان ئۆزگىچە يولدا ماڭدى

2018-11-01 10:38:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
شىخو شەھىرىنىڭ «فوشەن» دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن بىللە، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەتراپتىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 بولمايلا، شىخو شەھىرىدىكى سەلىكتى چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى چارۋىچى ئۇلىگې ئائىلىسىدىكىلەر ئاشخانا ئۆيدە ھەر خىل تائاملارنى تەييارلاپ، جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز 5- ئايدىن باشلاپ ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋالىمىز. بۇ ۋاقىتتا يېتىشەلمەي قالىمىز. بىز قۇرۇتۇلغان گۆش، دۈملەپ پىشۇرۇلغان قوي گۆشى، پاقلان گۆشى كاۋىپى، ھەر خىل قورۇمىلار بىلەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىۋاتىمىز.
 بۇ بىر قانچە يىلدا، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداشتىكى 1-، 2- باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن شىخو «فوشەن» دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلاندى. يەرلىك چارۋىچىلارمۇ ساياھەتچىلىكتىن نەپ ئالدى. ئىلگىرى چارۋىچىلىق رايونلىرىدا چارۋا بېقىپ كەلگەن ئۇلىگې ئائىلىسىدىكىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئاۋۇل ئارامگاھى ئېچىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ھەر ئايدا 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ئۇلىگې مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بىزنى ئاشپەزلىك تېخنىكا- ماھارىتى جەھەتتىن تەربىيەلىدى. بىزنى ساياھەتچىلىك تىجارىتى سورۇنى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە بىزنى ئۈرۈمچىگە ئېكسكۇرسىيە ۋە ئۆگىنىشكە ئاپاردى.
شىخو فوشەن دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى تىيانشاننىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمان رايونى. دۆلەتنىڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭدا تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداشتىكى 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى جىلغا ئورمىنى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، ئورمان باغچىسى جەمئىي 120 مىڭ مو ئورمان پەرۋىش قىلىشنى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى 55 مىڭ مو يەردىكى ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاماملاپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 18 پىرسەنتتىن 28 پىرسەنتكە يەتكۈزدى. مەنزىرە رايونىنىڭ يادرولۇق مەنزىرە نۇقتىسى بولغان «دەپسېڭ» ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %79 كە يەتتى. بۇ يىل ئورمان باغچىسى شىخو شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى «ئورمانلىقتا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش ئورنى» ئېچىپ، كەسىپلەشكەن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. شىخو «فوشەن» دۆلەتلىك ئورمان باغچىسىنىڭ ئورمانلىقتا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈشكە مەسئۇل خادىمى ساۋ لېمېڭ مۇنداق دېدى: ئاساسلىقى بويۇن ئۇمۇرتقىسى، بەل ئومۇرتقىسىنى داۋالاش، لوڭقا قويۇش ۋە قۇم بىلەن داۋالاش بىلەن شوغۇللىنىۋاتىمىز. يەنە ئارىشاڭ ۋاننىسى، ئورمان ۋاننىسى بار. ئورمانلىقتا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كۈتۈنۈش بازىسىدا كەسپىي خادىملار بار، مېھمانلارغا بىرگە- بىر مۇلازىمەت قىلىدۇ. 5- ئايدىن 10- ئايغىچە بولغان ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە، بىز باغچىدا 50 مىڭ ئادەم قېتىم ئەتراپىدا مېھمان كۈتۈۋالالايمىز.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى