قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇقرالارنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەنگەن بەخت شادلىقى

2018-11-01 13:16:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 44 مىڭ كادىر دېھقانلارغا مەدەت بەردى، دېھقانلارغا ياردەم بەردى، دېھقانلارنى خۇشال قىلدى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇ شياۋدۇڭ

مول ھوسۇل پەسلى كىرگەندىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 44 مىڭ كادىر بەس- بەستە يېزا- كەنتلەردىكى مۇنبەت ئېتىز- دالىلارغا بېرىپ، تۇغقانلىرىغا ياردەملىشىپ، دېھقانلارغا مەدەت بېرىپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنى خۇشال قىلىپ، چىن مېھرى، چىن مۇھەببىتى بىلەن ھەر مىللەت دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. 

 ئەڭ گۈزەل خۇش چىرايلار ئىللىق ھەمراھلىق ئىچىدە 

 باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش يېزىسى كۇدەيلىك كەنتىدىكى تۇرسۇن قادىر ۋە ھەمراگۈل ئەر- خوتۇن ئىككىيلەنگە نىسبەتەن، بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى ئەڭ بەختلىك ئۆتتى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغقىنى باغراش يېزىسىنىڭ باشلىقى شۈ تاۋ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن دۆلەت بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەنگە بەخت تىلىدى. 

 10- ئاينىڭ 18- كۈنى، تۇرسۇن كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەن بەك تەسىرلەندىم، يېزا باشلىقى شۈ تاۋ خۇتۇنى ۋە بالىلىرىنىمۇ ئېلىپ كەلدى، بىز ئىككى ئائىلىدىكىلەر بىرلىكتە دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدۇق، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى بىزگە ياردەملىشىپ ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇشۇپ، لازا ئۈزۈشۈپ، تال جازىلىرىمنى ئورنىتىشىپ بەردى، ھويلامنى پىلانلىشىمغا ياردەم قىلدى، يەنە بالىلىرىمنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇنىڭ ئائىلىمىزگە قىلغان ياردىمى بەك كۆپ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇلارغا قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمىدۇق، بىز ئۆمۈرلۈك تۇغقانلاردىن بولىمىز! 

 بۇلتۇر 10- ئايدا، تۇرسۇن بىلەن شۈ تاۋ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. تۇرسۇن ئىلگىرى ئىزچىل ئاكىسىغا ئەگىشىپ ئىشلەيتتى، ئۆيى، يېرى يوق بولۇپ، تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. شۈ تاۋ بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، شۈ تاۋ بۇ ئەر- خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ناھايىتى ئىشچانلىقىنى، ئاشپەزلىك ھۈنىرىنى ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ياردەملىشىپ دۇكان ئالاقىلىشىپ، ئىجارىسىنى دېيىشىپ بەردى، يەنە ئۇلارنىڭ نىمكەش ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، قوشنا بولغان يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىن يېمەكلىك ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن 10 مىڭ يۈەن قەرز بەردى، ئۇلارنىڭ كىچىك ئاشخانا ئېچىۋېلىشىغا ياردەم بەردى. ھازىر، بۇ كىچىك ئاشخانا بارغانسېرى ئاۋاتلىشىپ كەتتى، ئاشخانىنى ئاچقىلى ئەمدىلا يېرىم يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇلار 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. 

 ئاشخانىنىڭ سودىسى ئالدىراش بولغاچقا، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەننىڭ بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا چولىسى تەگمىدى، شۈ تاۋ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىپ، كۈندۈزى ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، كەچتە بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر، ئىككى بالا ئۇنى كۆرسىلا يېقىملىق بىلەن «شۈ دادا» دەپ چاقىرىدىغان بولدى. 

 شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: چىن كۆڭلۈمدىن پۇقرالارغا ئىش قىلىپ بېرىش مېنىڭ ئارزۇيۇم، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانسا، مەن ئۇلاردىنمۇ بەكرەك خۇشال بولىمەن. 

 ئەڭ گۈزەل كۈلكىلەر مول ھوسۇل شادلىقىدا 

 بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ چۇمپاق بازىرى نورچوققا كەنتى 1- گۇرۇپپىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى قۇربان بايىنغولىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ بەللىرىنى ئېگىپ، بەس- بەس بىلەن پاختا تېرىشقا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىدەك مەنزىرىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 81 ياشقا كىردىم، كەنتتىكى يىلدا بولۇۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم، ھازىر كۈنلىرىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىپ كەتتى، بۇنىڭ ھەممىسى كومپارتىيەنىڭ ياردىمىدىن بولدى، كومپارتىيە ياخشى! 

 10- ئاينىڭ 2- كۈنى، كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى باغجىگدە كەنتىنىڭ ئاھالىسى ياسىن خالىق ئائىلىسىنىڭ كېۋەزلىكىدە، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى چېگرا دېڭىز مۇداپىئەسى شۆيۈەنىنىڭ پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ پاختا تېرىۋاتاتتى، نەق مەيدان ئالدىراشلىققا تولغانىدى. كەنت ئاھالىسى ياسىن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى چېگرا دېڭىز مۇداپىئەسى شۆيۈەنىنىڭ پىراكتىكانت ئوقۇغۇچىسى ۋاڭ جى بىلەن تۇغقانلاشقانىدى، ياسىن ئائىلىسىنىڭ 20 مو كېۋەزلىكى بولۇپ، بىرلا ئەمگەك كۈچى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاختا تەرگۈچىلەرنى تەكلىپ قىلىشقا پۇلى يوق ئىدى، پاختىدىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلى كېلەي دەپ قالغاچقا، ئۇ غەمدە قالغانىدى. سىنىپ باشلىقى دۇڭ پىڭ ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ خالىس كىچىك ئەترەت قۇرۇپ، ياسىن ئائىلىسىنىڭ پاختىسىنى تېرىشىپ بېرىپ، ئۇنىڭ جىددىي ئىشىنى ھەل قىلىشىغا ياردەملەشتى. 

 دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، باغراش ناھىيەلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 100 گە يېقىن ئوقۇتقۇچى بۇمبۇت بازىرىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بەس- بەستە كۈزلۈك يىغىم قوشۇنىغا قاتنىشىپ، پىگمېنتلىق لازا ئۈزدى، كۆممىقوناق ئاقلىدى، كۆك پۇرچاق ئۈزدى... 100 گە يېقىن ئوقۇتقۇچى ئېتىز باشلىرىغا، خامانلارغا بېرىپ، تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئەمگەك قىلدى، ئۇلار خۇددى يالقۇنجاپ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنىدەك ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. 

 بەزىلەرنىڭ تېرىلىرى ئاپتاپتا كۆيۈپ سويۇلۇپ كەتكەن، بەزىلەرنىڭ قوللىرى يېرىلىپ كەتكەن، يەنە بەزىلەر ھېرىپ بەللىرىنى تۈزلىيەلمەي قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ئالتۇن كۈزنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى. 

 ئەڭ گۈزەل خۇش چىراي ۋەتەنگە بولغان تىلەكلەردە 

 «غەيرەت قىلىڭ! غەيرەت قىلىڭ!» 10- ئاينىڭ 5- كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازىرىنىڭ شىنجيەن كەنتى ئادەتتىن تاشقىرى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، ئالقىش سادالىرى، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمەيتتى، قوشماقلاشقان كادىر ۋە تۇغقانلار بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەم «ۋەتەنگە بەخت تىلەش. پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش» باش تېمىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتناشتى، ئارغامچا تارتىشىش، شاھمات، تياۋچى، ئاتلانغۇچ سەكرەش، تەپكۈچ تېپىش، ۋېلىسىپىتنى ئاستا مىنىش قاتارلىق مۇسابىقە تۈرلىرى كۆپچىلىكنى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمۈلدۈردى. 

 پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى ما شۇخۇا مۇنداق دېدى: بۇنداق پائالىيەتلەر ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپ، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت- تەنتەربىيە بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ھەم تۇرمۇشىمىزنىڭ مەزمۇنى بېيىدى، ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسى ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھېسسىياتى چوڭقۇرلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پائالىيەت ئارقىلىق ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان تىلەكلەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت تولۇق ئىپادىلەندى. 

 بۇ يىل دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى 8- نۆۋەتلىك ساياھەت، مەززىلىك تائاملار مەدەنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزدى. ھەر مىللەت كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا تەكلىپ قىلدى، خوراتاغ سېلىنلىق نان، سامسا، كاۋاپ، ئۆزگىچە ئۆپكە- ھېسىپ، لەڭپۇڭ، ئالاھىدە خوشياڭ، تاتلىق زۇڭزا قاتارلىقلارنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى، كادىرلار ۋە تۇغقانلار بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يەپ، مول ھوسۇل شادلىقىدىن بىرلىكتە بەھرىلەندى، بۈگۈنكى ياخشى كۈنلەر ھەققىدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتى. 

 9- ئاي كىرگەندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشتىن ۋاز كېچىپ، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن ۋاز كېچىپ، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ ئەمگەك مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خالىس مېھىر- مۇھەببىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تەسىرلىك سەھىپىسىنى ياراتتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى