قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى «كۆپ كېنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

2018-11-02 17:58:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى «كۆپ كېنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش»، «ئىجازەتنامە بىلەن كېنىشكىنى ئايرىش» قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.
جىمىسار ناھىيەسى «مىڭتېڭ» ئۆي- زېمىن كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاۋ چياڭ 10- ئاينىڭ 30- كۈنى سەھەردە ناھىيەلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت زالىنىڭ ئىش بېجىرىش كۆزنىكىگە كېلىپ تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، يېرىم كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تىجارەت كىنىشكىسى قولىغا ئالدى. جاۋ چياڭ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ئىككىنچى شىركىتىم. ھازىر تىجارەت كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ بۇنداق قولايلىق بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. ئىلگىرى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن 10 نەچچە ئورۇنغا باراتتۇق. ھەر بىر ئورۇندا 5 خىزمەت كۈنىدىن 7 خىزمەت كۈنگىچە ۋاقىت كېتەتتى. بۈگۈن ئۇنىۋېرسال كىنىشكا بېجىرىش زالىغا كېلىپ، ئەتىگەندە تىجارەت كىنىشكىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ بولۇپ چۈشتىن كېيىنلا كىنىشكىنى قولۇمغا ئالدىم. بۇنىڭدا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە زېھنىمىزمۇ زور دەرىجىدە تېجىلىپ قالىدىكەن.        
پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كۆپ كېنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» بويىچە تىزىملاش تۈزۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 2015- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تەۋە تىجارەت كىنىشكىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ تەشكىلىي ئاپپارات كود كىنىشكىسى، باج تارماقلىرىنىڭ باج تىزىملاش كىنىشكىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» نى ئىشقا ئاشۇردى. 2016- يىلى «بەش كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» نى، بۇلتۇر «12 كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» نى، بۇ يىل يەنە «26 كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» نى ئىشقا ئاشۇردى. «كۆپ كېنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى ھازىر كارخانا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يەككە تىجارەتچى قاتارلىق بارلىق بازار تىجارەت سۇبيېكتىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىدى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلۇق تىزىملاش ۋە ئېلېكترونلۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى قوللىنىش ئىسلاھاتى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشتە «بىرلا قېتىمدا بېجىرىش» نى ئىشقا ئاشۇردى. 
  قۇمۇل شەھەرلىك سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇلتۇر 10- ئاينىڭ 1- كۈنى بارلىق كەسپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بارلىق كارخانىلارغا ماس كېلىدىغان توردا تىزىملاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر خىل كارخانىلارنىڭ تەسىس قىلىش، ئۆزگەرتىپ ئەنگە ئالدۇرۇش، رۇيخەتتىن ئۆچۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى كەسىپ ھالقىلىرىنى ئالاقە تورى ئارقىلىق بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. قۇمۇل شەھەرلىك سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى رويخەتكە ئالدۇرۇش تىزىملاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: «ئالاقە تورى بىلەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ۋاستىدىن پايدىلىنىپ، «تاشقى توردا ئىلتىماس قىلىش، ئىچكى توردا تەكشۈرۈش، تاشقى توردا ئىنكاس قايتۇرۇش» خىزمەت مېخانىزمىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىشتە «توسالغۇ بولماسلىق»، «ھەق ئالماسلىق»، «كۆرۈشمەسلىك» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىغا سودا ئىشلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ قولايلىق، ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى يەتكۈزدۇق.      
بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە كارخانا قۇرۇشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، 8 كۈن ئىچىدە كارخانا قۇرۇشقا ئائىت كەسپلەرنى بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى. بۇ يىل 10- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 273 مىڭ 316 گە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانىلارنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، تىزىملاش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زو شىنمىن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىسلاھاتتا ئاساسلىقى «كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «ئىجازەتنامە بىلەن كېنىشكىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق تۈزۈم خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، كارخانا قۇرۇشقا كېتىدىغان كىنىشكىلەرنى ئىمكانقەدەر ئازايتىمىز. خەلققە قولايلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورىدىن تولۇق پايدىلىنىپ كارخانىلارنى تېخىمۇ قۇلايلىق ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەيمىز. بۇ ئىسلاھاتلار ئارقىلىق ئىش بېجىرىدىغان ئاممىغا، كارخانىلارغا رازى بولۇش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى مۇلازىمەتنى ھەقىقىي ھىس قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرىمىز.
تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى