قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۈستىقۇددۇسقا باغلانغان بەختلىك ھايات

2018-11-02 18:10:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى دېھقانچىلىق شۆيۈەنى ئۆسۈملۈك ئۇرۇقىنى ئىرسىيەتلىك يېتىشتۈرۈش فاكولتېتىنىڭ دوتسېنتى سۇ شيۇجۈەن 4 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ ئۈستىقۇددۇس سورتى ئاساس قىلىنغان «كىملىك» يەنى مولېكۇلا بارماق ئىزى ئىسپېكترى ئامبىرى قۇرۇپ، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك ئۈستىقۇددۇس يېتىشتۈرۈشكە ئاساس سالدى.
«جاراھەت ئىزى» بىلەن تولغان يوپۇرماق رېئاكتىۋ ئىچىدە قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىپ، ئۈستىقۇددۇس سورتى ئاساس قىلىنغان مولېكۇلا بارماق ئىزى ئىسپېكترى ئامبىرى قۇرۇشقا شارائىت ھازىرلىدى. سۇ شيۇجۈەننىڭ بۇ پەن- تەتقىقات تېمىسى قارىماققا بەكمۇ رومانتىك كۆرۈنەتتى. 15 يىل ئىلگىرى سۇ شيۇجۈەن ماگىستىرلىق ئىلمىي ماقالىسىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئۈستىقۇددۇس ئېتىزلىقىغا كىرىپ، ئۈستىقۇددۇسقا مەپتۇن بولۇپ قالغانىدى. ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى دۇنياغا داڭلىق ئۈستىقۇددۇس ماكانى-- فىرانسىيەدىكى پروۋېنس، ياپونىيەدىكى خوككايدو بىلەن ئوخشاش بىر كەڭلىككە تەۋە بولۇپ، 1964- يىلى فىرانسىيەدىن  ئۈستىقۇددۇس كىرگۈزگەن بولۇپ، ھازىر دۇنيا بويىچە ئۈچ چوڭ ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. فىرانسىيەدە ئىشلەپچىقرىلغان ئۈستىقۇددۇس مېيىنىڭ ھەر كىلوگرامى مىڭ يۈەندىن 2 مىڭ يۈەنگىچە سېتىلسا، ئىلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈستىقۇددۇس مېيىنىڭ ھەر كىلوگرامى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 600 يۈەنگە سېتىلىدۇ. سۇ شيۇجۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئىشلەپچىقرىلغان ئۈستىقۇددۇسنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقىدىكى سەۋەب-- شىنجاڭ ئۈستىقۇددۇسىنىڭ سۈپىتىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقىدا. شىنجاڭ ئۈستىقۇددۇسىنىڭ كۆپىنچىسى سىرتتىن كىرگۈزۈلۈپ ئۆستۈرۈلگەن. بىز دائىم كەڭ كەتكەن ئۈستىقۇددۇسزارلىقتا ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى ئۈستىقۇددۇسلارنى كۆرىمىز. بۇ كىرگۈزۈلگەن سورت بىلەن توساتتىن ئۆزگەرگەن سورتلارنى ئورتاق ئۆستۈرۈشتىن كېلىپ چىققان. بۇ خىل ھادىسە ئۈستىقۇددۇسنىڭ مەھسۇلات مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئەلا سورت يېتىشتۈرۈشكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۇ شيۇجۈەن بۇ ئاھۋالغا قارىتا ئۈستىقۇددۇسقا «كىملىك» ياساپ بېرىشنى قارار قىلىپ، ئۈستىقۇددۇس مولېكۇلا بارماق ئىزى ئىسپېكترى ئامبىرى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەسپى ئارقىلىق ھازىرقى بايلىقلارنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك ئۈستىقۇددۇس ئۆستۈردى.
سۇ شيۇجۈەن ئۈستىقۇددۇس مولېكۇلاسىنىڭ بارماق ئىزى ئىسپېكترى ئامبىرىنى قۇرۇش جەريانىدا دائىم گۈل ئېتىزلىقىغا كىرىپ، ھەر بىر تۈپ ئۈستىقۇددۇسنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ كەڭلىكى، رەڭگى، گۈل چىنىسى رەڭگى، گۈل چىنىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئاتىلىق ۋە ئانىلىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى خاتىرىلىدى. ئۇ گۈل ئېتىزلىقى بىلەن تەجرىبىخانا ئارىسىدا قاتراپ، نەچچە مىڭ ئۈستىقۇددۇس ئەۋرىشكىسىنى ئىز قوغلاپ، ئۇلارنىڭ شەكىل، ھۈجەيرە، فىزىكىلىق- خىمىيەلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقىنى بەلگىلىدى. بەزىدە ھەتتا تەجرىبىخانىدا ئون نەچچە سائەت دەم ئالماي خىزمەت قىلدى. سۇ شيۇجۈەن مۇنداق دېدى: تەجرىبىمىزنىڭ ئىنچىكىلىك دەرىجىسى كۆز كېسەللىكلىرى ئوپېراتسىيەسىدىن قېلىشمايدۇ. گۈرۈچ چوڭلۇقىدىكى يوپۇرماقنى كېسىپ، يېتەرلىك جاراھەت ئىزى قالدۇرۇپ، رېئاكتىۋغا چىلايمىز. بۇ جەرياندا پۈتۈن دېققىتىمىزنى تەجرىبىگە قاراتمىساق ئاسانلا خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىگەچكە بەزىدە ھەممە يېرىمىز ئاغرىپ كېتىدۇ.
سۇ شيۇجۈەن تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مىڭدىن ئارتۇق ئۈستىقۇددۇس ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈردى. 2016- يىلى سۇ شيۇجۈەن ئاخىرى شىنجاڭ ئۈستىقۇددۇس سورتى ئاساس قىلىنغان مولېكۇلا بارماق ئىزى ئىسپېكترى ئامبىرىنى قۇردى. تەتقىقات جەريانىدا ئۇ يەنە ھەر بىر ئۈستىقۇددۇسنىڭ ئۇرۇق پلازمىسى خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئۇرۇق رەڭگىنىڭ ئوچۇق، چېچەكلەش مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن بولۇپ، كۆرگەزمە قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى يېتىشتۈرۈشكە ماس كېلىدىغانلىقى؛ بەزى ئۇرۇق پلازمىسىنىڭ ماي مىقدارىنىڭ يۇقىرى، ماي سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇپ، مايلىق ئۆسۈملۈك يېتىشتۈرۈشكە ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇ يىل ئۇ يەنە بىر قېتىم دۆلەتلىك تەبىئىي پەن فوندى تۈرىگە ئېرىشىپ، ئۈستىقۇددۇس مېيىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئېنزىم گېنىنى كلونلاپ چىقىپ، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تىپتىكى ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى پىلانلىدى. سۇ شيۇجۈەن مۇنداق دېدى: ھازىر بىز ئېنزىم گېنىنى كلونلاپ چىقتۇق. ناھايىتى تېزلا يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، ئەلا سۈپەتلىك ئۈستىقۇددۇس يېڭى مەھسۇلات تۈرىگە ئېرىشىمىز. كەلگۈسىدە بىز بازار ئېھتىياجى بويىچە ئوخشاش بولمىغان جايلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئۈستىقۇددۇس يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرۈپ، دېھقانلارنى پەن- تېخنىكىنىڭ ياردىمىدە ئەڭ زور پايدىغا ئېرىشتۈرىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى