قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جايلار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھاۋارايىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئازايتتى

2018-11-02 18:17:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:  
ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىمۇ ئاستا ئاستا باشلاندى. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدە «قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش» ماركىسى ئاساس قىلىنىدۇ. جايلاردىن ساياھەتچىلەر قىشتىكى سەرخىل تۇرمۇشتىن بەھرىمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ.
ئىككى كۈن ئىلگىرى، خېنەننىڭ جېڭجۇدىن يولغا چىققان Y35- قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا يىتىپ كەلدى. خېنەندىن كەلگەن 500 گە يېقىن ساياھەتچى ئۈرۈمچىدىكى كۈزلۈك ۋە قىشلىق ساياھىتىنى باشلىدى. بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىل ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ساياھەت تەشۋىقاتى ۋە تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا قاتنىغان قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى. ساياھەتچى ۋاڭ دوڭ بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىگە ئۇزاقتىن بۇيان ئىنتىزار بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: بىز شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتىمىز. شىنجاڭدىكى چوڭ بازار شىنجاڭنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈش، تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىققا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۈرۈمچى شەھىرى ئۇزۇنغا سوزۇلغان قار مەزگىلى ۋە ئەلا سۈپەتلىك قارغا تايىنىپ، بۇ يىل قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىش، مۇزغا يامىشىش، يۈگۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە قار- مۇز مەنزىرىسىگە ماس كېلىدىغان ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جۇ يەنلى مۇنداق دېدى: مۇزېيدا تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ساياھەتچىلىكى، قىزىل ساياھەت، قىشلىق ساياھەت بويىچە قار تېيلىش مەيدانى، ئارشاڭدا كۈتۈنۈش ئاساس قىلىنغان بەش چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان جەمئىي يەتتە لىنىيە بار. ساياھەت پائالىيىتىدە ئاساسلىقى «قار بايرىمى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. شەھەر رايونىدا بىر قەدەر چوڭ قار مۇز شادلىقى جىلغىسى بەرپا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا كۆڭۈل ئېچىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە بىر قاتار ئېسىل تائاملار بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزىمىز. يەنە پىيادە مېڭىش، يېڭى يىلدا تۇنجى يۈگۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەت ئېسىل لىنىيەسىنى تونۇشتۇرۇپ، قىش، ئەتىيازلىق ساياھەت بازىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش ئۈچۈن، يېقىندا ساياھەت كارخانىلىرىنى جېڭجۇ، شىئەن، تەييۈەن، ياڭجۇ، سۇجۇ، ۋېنجۇ قاتارلىق ئاساسلىق ساياھەت بازارلىرىغا بېرىپ، ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش» ماركىسىنى يارىتىپ، ئىچكىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىشقا تەشكىللىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ شىنروڭ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى ساياھەت كوپىراتىپلىرى ئىمزالىغان كېلىشىملەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىگە قىشلىق ساياھەتكە كېلىدىغان مەخسۇس پويىز، ھۆددىگە ئېلىنغان ئايروپىلانلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. بىز شىنجاڭنىڭ مىللىي ئۆرپ- ئادىتى، قار- مۇز بايلىقى، ئىسىل تائام قاتارلىقلارنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى شىنجاڭغا، ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كېلىشكە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى مول مەزمۇنلۇق ساياھەت تۈرلىرىدىن بەھرىمان قىلىمىز.

تەرجىمان:ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى