قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەكىت كۈلرەڭ چىلان مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىدا چىلان تالىشىش ئويۇنى قويۇلدى

2018-11-02 19:01:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

10- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە مەكىت ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «كۈل رەڭ چىلان مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى» دا، بېيجىڭ، شاڭخەي، شەندۇڭ، خېنەن، خېبېي، ئەنخۇي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن چىلان سودىگەرلىرى 90 مىڭ توننا زاكاز  كېلىشىمى ئىمزالىدى، پۈتۈشۈش سوممىسى 810 مىليون يۈەنگە يەتتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى چىلان سودىگەرلىرى، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش سودىگەرلىرى، كەسپى جەمئىيەتلەر، داڭلىق ئېلىكتىرونلۇق سودا سوپىلىرى، شۇنىڭدەك چىلان تەتقىقات ئورنى، چىلان سودا مەركەزلىرىنى جەلپ قىلدى. نەق مەيداندا زاكاز قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن باشقا، نۇرغۇن كارخانىلار ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىق ئۈچۈن ئاساس سالدى. بۇنىڭدىن باشقا، مەكىت ناھىيەسى يەنە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى 30 داڭلىق ساياھەت كوپىراتىپىنى تەشكىللەپ، بۇ قېتىمقى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنى، ساياھەت تۈرلىرىگە سودىگەر چاقىرىش يىغىنى، ئالماشتۇرۇش يىغىنى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈش نۇقتىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش جەمئىيىتى بىلەن مەكىت ناھىيەسى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تەنتەربىيە ساياھىتى تۈرى توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاپ، سۈپەتلىك قۇملۇق ئالاھىدە ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى. مەكىت ناھىيەسى «دولان مەدەنىيىتى» بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ، مول مىللىي ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقىغا ئىگە، شۇنداقلا چىلان تېرىقچىلىقى بىلەن داڭلىق. ناھىيە بويىچە كۈلرەڭ چىلان كۆلىمى 560 مىڭ موغا يىتىپ، يىللىق مەھسۇلاتى 200 مىڭ توننىدىن ئاشتى. كۈلرەڭ چىلان تېرىقچىلىقى ناھىيە بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى