قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018- يىللىق قىشلىق ساياھەتچىلىكى باشلاندى

2018-11-03 17:47:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018- يىللىق قىشلىق ساياھەتچىلىكى باشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى بۇ يىل قىشنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش، شىنجاڭنىڭ تۆت پەسىل ساياھىتى ناخشىسىنى ئومۇميۈزلۈك ياڭرىتىش ئۈچۈن، بالدۇر تەييارلىق كۆرۈپ، قار- مۇز پائالىيىتى ۋە ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. نۇرغۇن سەيلىگاھ قىشلىق ساياھەت تىجارىتى مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋېلىش سانىنى 150 مىليون ئادەم- قېتىمغا يەتكۈزۈشكە تىرىشماقتا.
  بۇ يىل كۈنەس ناھىيەسىدىكى نارات مەنزىرە رايونى ئىلگىرىكى يىللاردىكى قىشتا تىجارەتنى توختىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تۇنجى قېتىم قىشلىق ساياھەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار ساياھەت پائالىيەتلىرى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كېلەر يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، بېلەت باھاسىدا يېرىم باھا ئېتىبار قىلىنىدۇ. نارات مەنزىرە رايونى تىجارەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى چې خۇا مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەردىن تەسىرات ئېلىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگەلەيدۇ؛ كىيىم- كېچەك كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، مەنزىرە رايونىدىكى ئات بەيگىسى، قار موتسىكلىتى مىنىش قاتارلىق مەخسۇس پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدۇ؛ قارلىق دالىدا ھاياجانلىق پائالىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرەلەيدۇ.
  ھەر يىلى10- ئاينىڭ16- كۈنىدىن كېلەر يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، قاناس مەنزىرە رايونى قىشلىق تىجارەت مەزگىلىگە كىرىدۇ. بۇ يىل قىشتا، قاناس مەنزىرە رايونىدا قار- مۇز بايرىمى، قار- مۇز سەيلىسى، قىشلىق قار- مۇز مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىش پەسلى، تاق تاختىدا چاڭغا تېيىلىش تەكلىپلىك مۇسابىقىسى، قار ئويمىسى تەكلىپلىك مۇسابىقىسى قاتارلىق بەش چوڭ تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. قاناس ساياھەت پاي شىركىتىنىڭ تىجارەت دېرىكتورى دىڭ يۆيۆ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى-- قار موتسىكلىتى بىلەن كېسىپ ئۆتۈشنى ئاساس قىلغان مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيەتنى ھىس قىلىش تۈرى بولۇپ، ئاساسلىقى گۈزەل چوققا مۇھەببەت لىنىيەسى، پۇقرالار ئۆرپ- ئادەت لىنىيەسى، خادېڭ سۇپىسى ساياھەت لىنىيەسى، ئائىلە زىيارىتى لىنىيەسى قاتارلىق 4 لىنىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ 4 لىنىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بار، ساياھەتچىلەر يەنە قارلىق دالىدا پىيادە يۈرۈش، ئات مىنىش، قار موتسىكلىتى مىنىش، چانىغا ئولتۇرۇش قاتارلىق تۈرلەردىن ھوزۇر ئالالايدۇ.
  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇ خەنمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونىمىز تۆت پەسىلدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قىشلىق ساياھەتچىلىكتىكى نادىر لىنىيەلەرنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا يولغا قويۇپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ ««2 +1 +N دىن ئىبارەت ئۆزگىچە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ يەردىكى «2» نىڭ بىرى ئالتاي، يەنە بىرى ئۈرۈمچى- سانجىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى باشلامچى قىلغان قار- مۇز ساياھەت بايلىقىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قىشلىق ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرى زور كۈچ بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ. بۇ يەردىكى «1»-- جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيەت ساياھىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى «N» بولسا، 14 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىرلىكتە يولغا قويۇپ، 12- نۆۋەتلىك غۇلجا قار- مۇز مەدەنىيەت بايرىمى، بۇرۇلتوقاي قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى، 2018- يىللىق مىللىي ئۆرپ- ئادەت قەشقەر قىشلىق مەدەنىيەت بايرىمى، قۇمتاغ قۇملۇقى دالا مۇسابىقىسى قاتارلىق 196 تۈرلۈك پائالىيەتنى نۇقتىلىق قوللاش؛ ساياھەتچىلىك كەسپىنى زورايتىپ، شىنجاڭنى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى