قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى «بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۆچەت تىكىپ، بىر نىيەتتە ئورمان ئەھيا قىلىش» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2018-11-03 17:56:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
 ھازىر- جەنۇبىي شىنجاڭدا كۈز پەسىللىك كۆچەت تىكىدىغان ياخشى مەزگىل. ئىككى كۈندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى «بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۆچەت تىكىپ، بىر نىيەتتە ئورمان ئەھيا قىلىش» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئورمان ئەھيا قىلىپ، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئايباغ يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى ئايكۆل كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆچەت تىكتى.
 كۆچەت تىكىش مەيدانىدا، ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بويىچە كۆچەت تىكىش شۆبە ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، كۆپچىلىك ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئەمگەك قىلىپ، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى.
 ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى ۋاڭ خېڭ كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل ئابلا بىلەن قوشماق تۇغقان بولغاندىن بۇيان، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى دائىم بېرىش- كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بۇ قېتىمقى كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىشتا، ئۇلار بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان 30 تۈپ ئاق تېرەك كۆچىتى تىكتى. ۋاڭ خېڭ مۇنداق دېدى: «ئىتتىپاقلىق دەرىخى» سۈپىتىدە بىز جەمئىي 30 تۈپ كۆچەت تىكتۇق، بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشالمىز. بۇنىڭدىن كېيىن پۇرسەت بولسا، يەنە بۇ يەرگە كېلىپ، تىككەن كۆچەتلەرنى كۆرۈپ كېتىمەن. مەن يەنە بالامنى ئېلىپ كېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا شاھىد قىلىمەن.
 پاتىگۈل ئابلا مۇنداق دېدى: مەن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن دائىم كېلىپ بۇ كۆچەتلەرنى سۇغۇرۇپ تۇرىمەن. چۈنكى، بۇ كۆچەتلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دەرىخى. 
 كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە، ئاق تېرەك كۆچەتلىرى قاتار- قاتار تىكىلىپ، چۆللۈكتە قەد كۆتۈردى. «بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۆچەت تىكىپ، بىر نىيەتتە ئورمان ئەھيا قىلىش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى 10 نەچچە كادىر 100 دىن كۆپرەك كەنت ئاھالىسى بىلەن 26 مو يەرگە كۆچەت تىكتى. بۇ پائالىيەت مۇھىتنى كۆكەرتىپلا قالماي، يەنە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بولغان مېھرى- مۇھەببەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ئاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كادىرى چېن پېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت بىزنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم پائالىيىتىمىز. كادىرلار ۋە ئۇلارنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى پائال قاتنىشىپ، قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. شۇڭا، بىز بۇ يەردە تىككەن كۆچەتلەرنى «قەلبداش كۆچىتى» دەپ ئاتىدۇق. بۇ كۆچەتلەرنىڭ بىزنىڭ گۈزەل، ئىناق يۇرت- ماكان قۇرۇشىمىزغا ھۆسىن قوشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى